logo

trugen jacn

يوپۇرغىدىكى بىر كەنتتە تېلېفونىدىن سەزگۈر ئۇچۇرلار بايقالغان 53 كىشى تۇتۇپ سوراق قىلىنماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، يوپۇرغا يەكشەنبە بازاردىكى بىر كەنتنىڭ ئۆزىدىنلا 53 كىشىنىڭ تېلېفونىدا سەزگۈر ئۇچۇرلار يەنى ئاتالمىش قانۇنسىز ئۇچۇرلار بايقالغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتۇلغانلىقى ۋە سوراق قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئاشكارىلىنىشىچە، تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانلار بولۇپ، ئۇلار خىتايچە خەت بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تېلېفون قوللانغاندا دىققەتسىزلىكتىن چەكلەنگەن ئۇچۇرلارغا باغلىنىپ قالغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، دېھقانلار جازادىن خالى بولالمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، تېلېفونىنى خاتا قوللانغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ سوراق قىلىنىۋاتقانلار ئىچىدە، يېقىندا مىسىردىن قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچى ئىمامھۈسەننىڭمۇ دادىسى بار ئىكەن.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور قولايلىقنى ئاتا قىلغان ئەقىللىق تېلېفونلار، ئۇيغۇر رايونىدا ئاز بولمىغان بىرقىسىم ئاھالىلەرگە چوڭ ئاۋارىچىلىك ھەتتا پالاكەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال خىتايدا ئۇچۇر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيگەن يېقىنقى ئايلاردا تېخىمۇ شۇنداق بولغان. يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبەبازار 3-كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، مەزكۇر كەنتتە نۆۋەتتە تېلېفونىدىن سەزگۈر ئۇچۇرلار بايقالغان 53 كىشى تۇتۇپ سورالماقتا. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئالاقىدار ئورگانلار بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ بىر قىسىم تېلېفونلارنى مۇلازىمەتتىن توختاتقان. تېلېفون ساھىبلىرى دەسلەپتە بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن. يېقىندا ساقچىلار تېلېفونى توختىتىلغان كىشىلەرنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قاماققا ئالغان، بەزىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتكەن، بەزىلىرىنى بولسا داۋاملىق ھالدا سوراق قىلماقتا. بەزىلىرى بولسا سوراق قىلىنىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلىماقتا.

مەزكۇر كەنتتە تېلېفونىنى خاتا ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك بېشىغا ئاۋارىچىلىك كەلگەن كىشىلەرنىڭ سانى جەمئىي 53 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 5 ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچى كەنت مەسئۇللىرى تەرىپىدىن كېپىللىككە ئېلىپ چىقىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە تېلېفونىنى خاتا قوللانغانلار، يەنى ھۆكۈمەت چەكلىگەن ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ياكى قاچىلىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانلار، ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللار خىتايچە بولۇپ، كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر دېھقانلار ئەسلىدە خىتاي تىلى بىلمەسلىكى سەۋەبلىك بۇ ئۇچۇرلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ تېلېفونىنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز ئۇچۇرلارغا باغلىنىپ قېلىش سەۋەبى بىر تاسادىپىيلىق ياكى دىققەتسىزلىك.

ئاشكارىلىنىشىچە، يۇقىرىقى كەنتتە تېلېفونى چەتئەلگە ئۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن توختىتىلغان ۋە سوراققا تارتىلىۋاتقانلار ئىچىدە بۇ يىل 2-ئايدا مىسىردىن قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچى ئىمامھۈسەننىڭ دادىسىمۇ بار. ئۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلىپ ئوغلى ئىمامھۈسەننى مىسىردىن قايتۇرۇپ ئەكېلىشىمۇ، ئۇنى جازا ۋە سوراقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىغان. ئۇ داۋاملىق سوراق قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئىمامھۈسەن مىسىردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەستىقىسىز تۇرغىنىدىن باشقا، يەنە تېلېفوننى ئاتالمىش قانۇنسىز قوللانغانلىقىنىڭمۇ ھېسابىنى بەرمەكتە.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشرىمىز داۋامىدا، قاغىلىقنىڭ بىر يېزىسىدىكى كەنت سېكرېتارىمۇ ئاھالىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ئۇزاق تۇرۇش، بولۇپمۇ ياشلارنى ئەقىللىق تېلېفون ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە كەنتتە ئەقىللىق تېلېفون قوللانغۇچىلارنىڭ ئاساسەن قالمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى، ئۇيغۇر رايونىدا 5-ئىيۇل نامايىشىنىڭ ئاساسەن قول تېلېفونىغا تايىنىپ تەشكىللەنگەنلىكىنى، شۇڭا دائىرىلەرنىڭ يەنە ھاكىمىيەتكە قارشى ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قول تېلېفوننى قاتتىق كونترول قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلەر، رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ۋە دىنىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئاساسىي قاتلامدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئورۇنداش ئۈچۈنلا، يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش تېلېفونىنى دىققەتسىز قوللانغانلارنىمۇ تۇتۇۋاتقانلىقىنى ۋە سوراق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يۇقىرىدا يوپۇرغا يەكشەنبە بازار 3-كەنتىدە كۆپىنچىسى دېھقانلاردىن بولغان 53 كىشىنىڭ تېلېفونىنى ئاتالمىش قانۇنسىز قوللانغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-besimi-08072017163557.html

Share
1767 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.