logo

trugen jacn

يوپۇرغىدا 17 ياشلىق ياقۇپجان ناماننىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يوپۇرغا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە يوپۇرغا ساقچىلىرى يەكشەنبەبازار يېزىسىدىكى ھۈنەرۋەن نامان قارىغا ئۇنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» دىكى 17 ياشلىق ئوغلىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. نامان قارى ئوغلىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى سوراشقىمۇ ئامالسىز قالغان ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا مېيىتنى يەرلىككە قويغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا ۋەقەنىڭ بۇنىڭدىن 10 كۈن ئاۋۋال يۈز بەرگەنلىكى، ئۆلگۈچىنىڭ يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبەبازار يېزا 12‏-كەنتتىكى 17ياشلىق ياقۇپجان نامان ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ يەكشەنبەبازار يېزىسىدا قۇلۇپچىلىق كەسپى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان نامان قارىنىڭ ئەينى چاغدا 15ياشقا كىرگەن ئوغلى 2016‏-يىلى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە ساياھەتكە بارغان. ئوغلىنىڭ تۈركىيەگە بېرىشى ۋە بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىدىن نېمە ئۈچۈندۇر ئەندىشە قىلغان نامان قارى تۈركىيەگە دەرھال يېتىپ بېرىپ، ئوغلىنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئەكەتكەن

نامان قارىنىڭ ئوغلى دادىسىنىڭ قىستىشى بىلەن تۈركىيەدە پەقەت 4 كۈنلا تۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن. نامان قارى ئوغلىنى تۈركىيەدىن ئاكتىپچانلىق بىلەن ئەكەتكەن. نامان قارىنىڭ ئوغلى تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما «يېپىق تەربىيە» گە تۇتقۇن باشلانغاندا ئۇ يەنىلا «قارا تىزىملىك» نىڭ ئەڭ بېشىدىن ئورۇن ئالغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى ساقچى خادىملىرى ئۆتكەن ھەپتە نامان قارىنىڭ «تەربىيىلەش» تىكى 17 ياشلىق ئوغلىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ چىقىپ بەرگەن ۋە دەرھال يەرلىكىدە قويۇشقا بۇيرۇغان. ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدىمۇ ئىزاھات بەرمىگەن.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، رايوندا «يېپىق تەربىيە» باشلانغاندىن بۇيان، «تەربىيە» گە ئەكىتىلگەنلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغانلار، چېكىتى بار كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئەيىپلىمىسى بىلەن تۇتۇلۇۋاتقان ۋە «تەربىيە» لىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھەتتا تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ، قېرىنداشلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئىدىيەسىدە مەسىلە دەپ قارىلىپ تۇتۇلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىگە قارىتا قوللانغان تېخنىكىۋىي توسالغۇلىرى سەۋەبىدىن، نامان قارىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئېنىقلىشىمىز بەك راۋان بولمىدى. تېلېفون باغلىنىپ بىر مىنۇتقا بارماستىن ئۈزۈلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن نامان قارىنىڭ ئوغلى ئاپىرىلغان «تەربىيىلەش لاگېرى»، ئۆلۈم سەۋەبى ۋە يەرلىككە قويۇلۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات ئالالمىدۇق. ئىزچىل ۋە تەكرار ئۇرۇلغان تېلېفونلار نەتىجىسىدە نامانقارىنىڭ 17 ياشلىق ئوغلىنىڭ ئىسمىنىڭ ياقۇپجان ئىكەنلىكى، يەكشەنبەبازارنىڭ 12‏-كەنتىگە نوپۇسلۇق ئىكەنلىكى ۋە 10 كۈننىڭ ئالدىدا جان ئۈزگەنلىكى ئايدىڭلاشتى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yaqupjan-naman-terbiyelesh-merkizide-oldi-03092018184450.html

Share
2164 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.