logo

trugen jacn

يوپۇرغا يەكشەنبەبازاردا 17 نەپەر مۇھاجىر ئائىلىسىنىڭ ئېغىر ئاۋارىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، يوپۇرغىنىڭ يەكشەنبەبازار يېزىسىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن 17 كىشىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئېغىر ئاۋارىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىنكاستا بىلدۈرۈلۈشىچە، دائىرىلەر ئۆزلىرى ئىش-ئىزلىرىنى گۇمانلىق دەپ قارىغان 17 مۇھاجىرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 20 نەچچە كىشىنى تۇتۇپ سولىۋالغان. دائىرىلەر يەنە، بۇ 17 نەپەر مۇھاجىر ھەققىدە ئەيىبنامە ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، يېزىدىكى ئاھالىلەرنى ئىبرەت ئېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىككە قارىتا تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا، 17 نەپەر مۇھاجىر ھەققىدە قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇلغانلىقى، بۇ مۇھاجىرلاردىن بىر نەپىرىنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسىنىڭ 40 كۈندىن بېرى يوپۇرغا ناھىيىلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

رادىئومىزغا كەلگەن مەزكۇر ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئۈستىدىن سۈرەتلىك ئەيىبنامە تارقىتىلغان 17 نەپەر مۇھاجىر ئىچىدە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئىش-ئىزى مەلۇم بولمىغان ھەر ساھە كىشىلىرى بار ئىكەن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، يەكشەنبەبازار ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا باشلىقى ئابدۇغېنى راخمان، ئەھۋال ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 17 مۇھاجىر ئائىلىسىنىڭ ئاۋارىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى رەت قىلمىدى. ئۇ بۇ ئىشتا مەسئۇل تەرەپ ئۆزى ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ساقچى ئورۇنلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىزگە كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە،، يېقىنقى ئىككى ئايدىن بېرى، بۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ساقچىخانىغا چاقىرىتىلىپ، سوراققا تارتىلغان. ساقچىلار سوراق داۋامىدا بۇلاردىن بەزىلىرىنى چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە قىستىسا، بەزىلىرىنى ئائىلە ئەزاسىنىڭ چەتئەلدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە قىستىغان. بۇ سوراق بەزىلەر ئۈچۈن بىر ياكى بىرنەچچە كۈن داۋام قىلسا، بەزىلەر ئۈچۈن ئايلارچە داۋام قىلغان. بىز بۇ 17 مۇھاجىرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەنت مەسئۇللىرىغا تېلېفون قىلدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، قارا تىزىملىكتىكى 17 مۇھاجىردىن 5 نەپىرى 3-كەنت، 3 نەپىرى 7-كەنت ۋە بىر نەپىرى بىرىنچى كەنت ئاھالىسى ئىكەن.

ئىنكاستا يەنە، بۇ 17 نەپەر مۇھاجىرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 20 نەچچە كىشىنىڭ تۇتۇپ سولانغانلىقى، بۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى سوراقتىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، كۆپ قىسمىنىڭ تېىخىچە سولاقتا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. كەنت كادىرلىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشكە پېتىنالمىدى. تېلېفونىمىز تەسادىپىي توغرا كەلگەن بىر ئائىلە خانىمى ئۆزىنىڭ بىر ئوغلىنىڭ چەتئەلدە ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن يولدىشى ۋە چوڭ ئوغلىنىڭ 40 كۈندىن بۇيان قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن يوپۇرغىنىڭ يەكشەنبەبازار يېزىسىدىكى 17 نەپەر مۇھاجىر ئائىلىسىنىڭ ئېغىر ئاۋارىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاڭلىتىشىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yopurgha-muhajir-03102017225910.html

Share
1215 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.