logo

trugen jacn

يوپۇرغا بايئاۋاتتا 65 ئائىلە سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتمىگەن خەتەرلىك ئۆيلەرگە مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن

911e2749-8db3-47aa-b175-a8324ba7a49e

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاشكارىلىنىشىچە يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ بايئاۋات يېزا 3-كەنتىدە 2011-يىلى ۋە 2012 يىللىرى 100 گە يېقىن ئائىلىگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلۇش باشلانغان.

قۇرۇلۇش، دېيىلگەن ۋاقىتتا پۈتمىگەننىڭ ئۈستىگە ئۆلچەملىك ماتېرىياللار ئىشلىتىلمىگەچكە ئۆي پۈتمەي تۇرۇپلا بىخەتەرلىك جەھەتتىن مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىغان، بۇ ئەھۋالنى ئاھالىلەر توپلىشىپ بېرىپ ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەلۇم قىلغان. ئالاقىدارلار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىدە ئۆي سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، يەرلىك دائىرىلەر ئاھالىلەرنى بۇ ئۆيلەرگە دەرھال كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان. ھەتتا بۇ ئۆيلەرگە كۆچمىسە سىياسىي جەھەتتىن خاتالىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تەھدىت سالغان. نەتىجىدە 65 ئائىلە سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتمىگەن ئاتالمىش يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن.

مەزكۇر كەنتتىكى ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خەتەرلىك ئۆيلەرگە كۆچكەن ئائىلىلەر نۆۋەتتە ئەندىشە ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghur-weziyiti-01262015155704.html

Share
1470 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.