logo

trugen jacn

ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىلى د ئۇ ق نى زىيارەت قىلدى

d05e6cf4-202d-41f3-a437-28a6d1a3b774

ئەكرەم

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

6-ماي ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باربارا خانىم د ئۇ ق نى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق سۆھبەت ئېلىپ باردى.

د ئۇ ق باش شتابىدا 6-ماي ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتكە ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باربارا خانىم ۋە ئۇنىڭ كاتىپى، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، ئەنىۋەرجان، ئەسقەرجان، پېتېر قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى. سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىغا دائىر مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك تىلغا ئېلىندى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن 6-ماي كۈنى ئالايىتەن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن ميۇنخېنغا كېلىپ د ئۇ ق باش شتابىنى زىيارەت قىلغان باربارا لوھبىھلېر خانىم 2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن، 2014-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان مەشھۇر دىپلومات بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ياۋروپا پارلامېنتى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىمەكتىكەن. ئۇ ئەسلىدە باۋارىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

باربارا لوھبىھلېر خانىمنىڭ د ئۇ ق باش شتابىنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىدىن بىۋاسىتە مەلۇمات ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى ئىزاھات بېرىپ، ئۇنىڭ ئىلگىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق قارار قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدىمۇ زور ھەسسىسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى باربارا لوھبىھلېر خانىمغا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈشكە تېرىشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈچلەندۈرۈش نۇقتىسىدىن كۆپ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى باربارا خانىمنىڭ بىريۇسسېلدىن د ئۇ ق باش شتابىغا كېلىپ ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنى بولسا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ بېشارىتى تەرىقىسىدە چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت د ئۇ ق ئىشخانىسىدا 6-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 تە باشلىنىپ سائەت 15:00 ئەتراپىدا ئاخىرلاشتى. سۆھبەتتىن كېيىن باربارا لوھبىھلېر خانىم د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yawropa-duq-05092016155821.html

Share
993 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.