logo

trugen jacn

ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى

 

5b1ba36b-3fd2-4036-b038-3fb786b7be9c

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ياۋروپا پارلامېنتى 15-دېكابىر قوبۇل قىلغان تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا دائىر 3026-نومۇرلۇق قارارىدا ئىلھام توختىنى دەرھال ھەم شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتى 15-دېكابىر «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2016-يىلى 15-دېكابىردىكى لارۇڭ گار-تىبەت بۇددىزم ئاكادېمىيىسى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدىكى قارارى» ناملىق 3026-نومۇرلۇق 13 ماددىلىق قارارنى قوبۇل قىلىپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر قارارنىڭ ئەسلەتمىسىدە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھازىرغىچە قوبۇل قىلغان تۈرلۈك قارارلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلەتمىدە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2011-يىلى 10-مارت قەشقەر قەدىمىي شەھرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا قارشى «قەشقەرنىڭ ھالى ۋە مەدەنىي مىراس» ناملىق قارار قوبۇل قىلغانلىقى، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا يولۇققانلىقىغا قارشى ئىلھام توختىنى دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقى، ئىلھام توختىنىڭ 2016-11-ئۆكتەبىر مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى، 2016-يىلى سېنتەبىردە بولسا ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 3026-نومۇرلۇق قارارىنىڭ 9-ۋە 10-ماددىسى مەخسۇس ئىلھام توختىغا قارىتىلغان. 9-ماددىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچى ئاتىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئۇنىڭ سوتىدا قانۇنىي تەرتىپلەرگە رىئايە قىلىنمىغانلىقى ۋە ئاقلىنىش ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا كۆرە، ئۇنىڭ ئايدا بىر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن يوقلىنىش ھەققىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

قارارنىڭ 10-ماددىسىدا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنى دەرھال ھەمدە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز، بەلكى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشىنى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ئىچى ھەمدە سىرتىدا ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشىنى سورايمىز.»

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارغا يۇقىرى باھا بەردى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارىنىڭ 11-ماددىسىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاينى خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغان.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھازىرغا قەدەر قوبۇل قىلغان قارارلىرىنى بىرقۇر ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، بۇ قېتىمقى قارارنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ 2016-يىلى ياۋروپا پارلامېنت بىناسىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بارغان ئىلھام توختىغا ئائىت بىر قانچە قېتىملىق يىغىنلىرى ۋە لوبى پائالىيەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا بەلگۈلۈك دەرىجىدە تۈرتكە بولغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yawrupa-parlament-ilham-toxti-12182016202759.html/story_main?encoding=arabic

Share
1757 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.