logo

trugen jacn

ياۋروپا پارلامېنتى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ساخاروۋ مۇكاپاتىغا رەسمىي نامزات قىلىپ تاللىدى

TKÜUGD, ÇİN HÜKÜMETİNİN GAZETECİLERİN TUTUKLANMASINDA LİDER ÜLKE KONUMUNDA OLDUĞUNU AÇIKLADI (AKİF YAMAN/BARTIN-İHA)

خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ساخاروۋ مۇكاپاتىغا رەسمىي نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.

بۇ خەۋەر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە 15-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئادەتتە نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلەر ئىچىدىن ئەڭ ئاخىرىدا 3 نەپىرى رەسمىي تاللىنىدىغان بولۇپ، ئىلھام توختى بۈگۈن ئەنە شۇ 3 نامزاتنىڭ بىرى بولدى.

بۇ خەۋەر چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى مەمنۇن قىلدى. ھەرقايسى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى تىۋىتتېر تورىدا ئېلان قىلغان سۆزلىرىدە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالدى.

ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ۋە تەرەققىيات كومىتېتى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن قالغان ئىككى نەپەر نامزات بولسا، تۈركىيەلىك ژۇرنالىست جان دۈندار ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە سىياسەتچى مۇستافا جېمىلوۋلاردىن ئىبارەت. نامزاتلارنىڭ ئۈچىسىنىڭلا تۈركىي مىللەت بولۇشىمۇ ئالاھىدە بىر دىققەت قوزغىدى.

ساخاروۋ مۇكاپاتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا پارلامېنتىغا ئەزا دۆلەتلەر 11-ئۆكتەبىر كۈنى 3 نامزات ئۈستىدىن بېلەت تاشلاپ، مۇكاپات ساھىبىنى بەلگىلەپ چىقىدۇ. نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر مۇكاپاتنى كىمنىڭ ئالىدىغانلىقىغا قىزىقماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئاۋسترالىيە لاتروپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جەيمىس لېيبولد بۈگۈن ئۆزىنىڭ تۋىتتېر تورىدا «ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئىلھام توختىدەك مۇۋاپىق نامزات يوق، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا بويۇن ئەگمەيدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دەپ يازغان ئىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-09152016163845.html

Share
1689 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.