logo

trugen jacn

ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن، يەنى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان نامايىشلارنىڭ بىرىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىملىق زور نامايىش بىريۇسسېل ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» بىلەن باشلاندى.

نامايىشنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ، بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ بىر تارىخ ياراتقانلىقىنى، ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ نامايىشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

باشلىنىش مۇراسىمىدا تۇنجى بولۇپ د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز ئالدى. ئۇ، بۇ قېتىملىق نامايىشنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قوزغاتقۇچى پىلتىنىڭ دەل ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە خىتاينىڭ تەقىپى ئاستىغا ئېلىنغان مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق رېئاللىقى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

رابىيە قادىر خانىمدىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ خىتاينىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولىۋېلىنغان بىر مىليوندەك ئۇيغۇرغا مەدەت بېرىش، ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، دۇنيانىڭ ئۇلارنى تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

نەق مەيداندىن نامايىش ھەققىدە ئۇچۇر بېرىۋاتقان گېرمانىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى 30 غا يېقىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەت ۋەكىللىرىنىڭ قىسقىچە سۆز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلاردىن قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىلى دىنارە خانىم، قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىلى روزى ھاجىم، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا قارىم، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندى، ئامېرىكىدىن بېرىپ نامايىشقا قاتناشقان روشەن ئابباس خانىم، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى ۋە كانادادىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىلى بەختىيار شەمشىدىن قاتارلىقلار تەسىرلىك نۇتۇقلار سۆزلەپ، نامايىش مەيدانىنى لەرزىگە سالغان.

نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىۋاتقان ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم، بۈگۈنكى نامايىشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن ئوكيان ئاتلاپ كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ھەتتا بەزى ئائىلىلەرنىڭ بوۋاق بالىلىرىنى ھارۋىغا سېلىپ نامايىش مەيدانىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر نامايىشچىلار بىريۇسسېل كوچىلىرىدا ئاجايىپ داغدۇغىلىق مەنزىرە ھاسىل قىلغان. نامايىشچىلار سېپى نەچچە مىڭ مېتىرغا سوزۇلۇپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىكى مەيداننى كۆپ-كۆك ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندۇرغان.

دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، بىريۇسسېلدىكى بۇ زور نامايىش خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى جاسۇسلۇق تورىنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا تۇرغانلىقىدۇر.

مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، بىر جۈپ خىتاي قىز-يىگىت گۇماندار نامايىش باشلىنىشى بىلەن نامايىشچىلارنىڭ ئارقىدىن سوڭدىشىپ مېڭىپ توختىماستىن رەسىمگە تارتقان ۋە نامايىشچىلارنى فىلىمگە ئالغان. نامايىش سېپىنى قوغداپ ماڭغان بېلگىيە ساقچىلىرى ئەھۋالنى بايقاپ، بۇ بىر جۈپ خىتاي قىز-يىگىت گۇماندارنى نەق مەيداندا تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن. نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ ھەقتىكى كۆرۈنۈشلەر فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان.

ئەتىگەن سائەت 10:00 باشلانغان بۇ زور نامايىش 4 سائەت داۋاملىشىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دىن ئاشقاندا ئاخىرلاشقان

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yawropada-chong-namayish-04272018195130.html

Share
1802 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.