logo

trugen jacn

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى يىغىن ئىلھام توختىغا ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا دىققەت قوزغاشنى مەقسەت قىلىدىكەن

İlham-1

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

-ماي ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەلقئارا يىغىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، بۇلغارىيەلىك سىياسەتچى ئىلخان كۈچۈك ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىغىننىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى- تۈرمىدىكى ئاتاقلىق زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى، خىتاينىڭ ھەقىقىي مىللىي ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش غەرىزى بىلەن ئۇنىڭ كونكرېت ئىجرائاتىدىكى زىددىيەتلەردۇر.

بۇ يىغىننى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر-خەلقلەر تەشكىلاتى، گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى ۋە ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى ناملىق ئاممىۋى گۇرۇھ بىرگە تەشكىللىگەن. ۋاكالەتسىز مىللەت-خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى جوھاننا گرېن پەيشەنبە كۈنى رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى جامائەت پىكرىنى ئىلھام توختى كىم، ئۇ قانداق پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ، دېگەن مەسىلىگە بۇراش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جوھاننا گرېن مۇنداق دەيدۇ: «بىز مەسلەكداشلىرىمىز بىلەن بىرگە بىر سورۇن ھازىرلاپ، ئىلھام توختى كىم، ئۇ نېمىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى، دېگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ۋە جامائەت پىكىرىنىڭ دىققىتىنى بۇ سوئاللارغا بۇراشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇ ئارقىلىق مەزكۇر مەسىلىنى ياۋروپا پارلامېنتى شارائىتىدا جىددىي مۇزاكىرىگە قويۇشتۇر. بۇ يىغىن كەڭ ئاممىغا ئوچۇق ئۆتكۈزۈلىدۇ. سىياسەتچىلەر، ژۇرنالىستلار ۋە ھەرقانداق كىشى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ، يىغىندا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلىسا بولىدۇ.»

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ لىبېرال- دېموكراتلار قانىتىدىكى ئىلخان كۈچۈك ئىلھام توختىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى. جوھاننا گرېن، ياۋروپا پارلامېنتىدا يىغىن چاقىرىش پىكرى ئىلخان كۈچۈكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جوھاننا گرېن: «بۇ يىغىننى ئېچىش پىكرىنى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ گۇرۇپپا بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يىغىننى تەشكىللىگەن يەنە بىر تەرەپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قوللىغۇچىسى، لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان كۈچۈك. ئۇ ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي كومىسسارى فېدىرىكا مېغىرىناغا، ‹ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى بېسىش پىلانى بار؟› دەپ سوئال قويغان» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏-يىلى 9‏-ئايدا ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بىراق ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ مەزكۇر قارارى ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، ئىلھام توختىنىڭ ئادىل سوتلانمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، «خىتايدا ئۆز پىكرىنى ئوچۇق -ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئوتتۇرا يولدىكى كىشىلەرگە ھېچقانداق يول يوق، دېگەن سىگنالنى بەردى» دېگەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى بولسا، ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئېغىر قاماق جازاسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بارلىق يوللارنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۈمىد ئاگاھى: «ئىلھام توختى بولسا ‹خىتايلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، خىتاينىڭ ھازىر بەرگەن ئاپتونومىيە تەرىقىسىدىكى مەنپەئەتنى ئېلىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ياشاپ كېتىمىز› دەۋاتقان بىر ئىنسان.

بۇنداق كۆز قاراشتىكى بىر ئادەمنى مۇددەتسىز كېسىۋەتكەننىڭ ئۆزى، خىتاينىڭ ‹سەن مىللەتنىڭ مەيلى قانچىلىك يۇمشاق بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، مەندىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىش ھوقۇقۇڭ يوق. مەن خالىغىنىمنى قىلىمەن› دېگەن گەپ بۇ. يەنى بۇ ‹ئالىي ئاپتونومىيە دەمسەن، مۇستەقىللىق دەمسەن، نېمە دېيىشىڭدىن قەتئىينەزەر، مەن سېنى ئوخشاش بىر چارە بىلەن بىر تەرەپ قىلىمەن› دېگەنلىك. شۇنداق بولغاچقا ئەڭ چوڭ ئىمكانىيەت بىلەن ئۇنىڭدىن مۇساپىنى چوڭايتىپ ياشىمىسا، ئۇيغۇر خەلقى تۈگەپتۇ، دېگەن خۇلاسە چىقىدۇ بۇ يەردە.»

ئۈمىد ئاگاھى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن دىئالوگ قۇرۇشىغا ھېچقانداق شارائىت يوقكەن، دېگەن نەرسىگە تۈرتكە بولدى. بولۇپمۇ ‹مۇستەقىل بولۇشىمىز كېرەك› دەۋاتقان بەزى دىنىي كۆز قاراشتىكى ئىنسانلارنىڭ شۇنداقلا بىر قىسىم ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ، ‹خىتاي بىلەن ھەرگىز مۇرەسسەلىشىپ، پاراڭلىشىشقا بولمايدىكەن› دېگەن كۆز قارىشىنى كۈچەيتىۋەتتى. بىز د ئۇ ق خەلقئارا قانۇنلار دائىرىسى ئىچىدە ئەڭ يۇمشاق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، تەدرىجىي ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى ئالىدىغانغا كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلات. بۇ، بىزنىمۇ ئىككىلەندۈرۈپ قويدى.

ئىلھام توختىغا ئوخشاش بۇنداق بىر يۇمشاق ئىنساننى سولىۋەتكەنلىك، بىزدە ‹بۇ خىتاي بىلەن ئولتۇرۇپ مۇرەسسە قىلىشقا، دىئالوگ قۇرۇشقا بولمايدىكەن› دېگەن نەرسىنى كۈچەيتىۋەتتى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللىي ئىناقلىقنى قاتتىق تەرغىب قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەدەنىيەت، تىل، دىنىي ئىشلاردىكى باستۇرۇش سىياسىتى، ئىقتىسادى تەرەققىيات، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق جەھەتلەردىكى كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئىجرائاتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا، خىتاينىڭ غەرىزىگە نىسبەتەن گۇمان قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى جوھاننا گرېن، خىتاينىڭ مىللىي ئىناقلىقنى ئالغا سۈرۈپ كەلگەن ئىلھام توختىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، ئۇنىڭ مىللىي ئىناقلىقنى ئالغا سۈرۈش تەرغىباتىغا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ) ئىلھام توختى( ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلاندى. بىراق ئۇ توقۇنۇشنى خالىمايتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتايدىكى بارلىق خەلقلەر بىلەن تىنچ ۋە ئىجابىي دىئالوگ قۇرۇشنى ئىستەيتتى.

ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، بۇ مەسىلىلەر ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلماي تۇرۇپ، ھەقىقىي مىللىي ئىناقلىقنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇڭا، سىز بۇ يىغىننىڭ تېمىسىغا بىر پۈتۈن قارىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، ئەگەر سىز ئىناقلىقنى ئالغا سۈرۈپ كەلگەن بىرسىنى تۈرمىگە تاشلاپ، ئۇنى ‹مىللىي توقۇنۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئەسەبىي› دەپ ئەيىبلىسىڭىز، بۇ ئىناقلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ.»

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ يىغىن شىۋېتسارىيە مارتېن ئېنالس فوندى جەمئىيىتى، ئىلھام توختىنى بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ تاللىغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ئىلھام توختىنى مارتېن ئىنالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كۆرسەتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ئۇيغۇرلار دىنىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي باستۇرۇشقا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلھام توختى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ سانلىق مىللەت خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا دىئالوگ ۋە چۈشەنچىنى ھارماي -تالماي ئالغا سۈردى» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-05122016152036.html

Share
1559 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.