logo

trugen jacn

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى ئابدۇلقادىر ياپچان ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى

150566

 

 خىتاي دائىرىلىرى 15 يىلدىن بۇيان تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، تۈركىيەدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ھەققىدىكى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ قارارنامىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى.

2016 – يىلى 30 – نويابىردا ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قاراردا ئابدۇلقادىر ياپچاننى خىتايغا ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قايتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئۇقتۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىستانبۇل باكىركۆي ئېغىر جىنايەتلەر سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىدە پاكىت يېتەرسىزلىكىنى ۋە سۇنۇلغان دەلىللەرنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ۋە خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقارغان بولۇپ، ئارقىدىن تۈركىيە دۆلەت ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىمۇ ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ۋە خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە رەسمىي قارارنامە ئېلان قىلغان ئىدى.

تۈركىيە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئەزا دۆلەت بولغاچقا مەھكىمىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلالمايدىغانلىقى مەلۇم.

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ قارار بىلەن بىر ناھەقچىلىقنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى شاتلىققا چۆمدۈردى.

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
886 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.