logo

trugen jacn

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلھام توختىنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى

3753129lhamtohti

ئىرادە

ياۋروپا ئىتتىپاقى بۈگۈن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمنى «قانۇنسىزلىق» دەپ ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
-بىريۇسسېل ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقىدىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىغىمۇ ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى. ئىلھام توختى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەك.

ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى شۇنداقلا ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ھازىرغىچە نۇرغۇن تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىمۇ بۈگۈن دەرھال بايانات بېرىپ، ئىلھام توختىغا بېرىلگەن جازانى «رەھىمسىزلىك» دېدى. ئۇلار شۇنداقلا بۇ سوتنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپلەرگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ ئۇنى «قانۇننىڭ ئەڭ كۈلكىلىك ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى» دەپ سۈپەتلىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-09232014160908.html

Share
1464 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.