logo

trugen jacn
20 نويابىر 2014

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «مەخپىي» ھۆججىتى ئىسرائىلىيەدە زىلزىلە پەيدا قىلدى

3894869773abfilistin

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى يولىدا جەسۇر قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ نېگىزىدە يېتىۋاتقان سىرلارغا دائىر مەخپىي ھۆججەت ئىسرائىلىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى يولىدا جەسۇر قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ نېگىزىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ھۇجۇمىنىڭ ياۋروپا مىقياسىدا يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بار، دەپ قارالماقتا
شىۋېتسىيەنىڭ تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى سۈپىتىدە پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن ئەنگلىيە، ئىرېلاندىيە ۋە ئىسپانىيە پارلامېنتلىرىنىڭ قارارلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى جازا يۈرگۈزۈش ۋە پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى يولىدىكى بېسىملارنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق مۇساپىسىدە «قىيىن قارارلار» نى چىقىرىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن دىپلوماتىك، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جازالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ھۆججەت تەييارلاپ چىققانلىقى ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتىدىن ئورۇن ئالدى

ئەزا ئەللەرنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيەگە مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇشى، ئىسرائىلىيە باش ئەلچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا مىنىستىرلىقلارغا چاقىرىلىشى، تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ئوخشاش ۋاقىتتا دۆلەتلىرىگە چاقىرتىش، مىنىستىر ۋە پىرېزىدېنتلار سەۋىيەسىدە ئىسرائىلىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش تېلېگراممىلىرىنىڭ يوللىنىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئىسرائىلىيەگە ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى دېگەندەك دىپلوماتىك تەدبىرلەردىن باشقا ئىسرائىلىيە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى فوندلىرى ۋە ئورتاق لايىھەلەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارايتىلىشى، پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى ۋە ئۇ جايلاردىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر توغرىسىدا پۇقرالارغا قىلىنىدىغان تەۋسىيەلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى دېگەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جازالارغىمۇ قاراپ چىقىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى

ئىسرائىلىيە مېدىياسىدا ئورۇن ئالغان ھۆججەتنىڭ «مەخپىي» ئىبارىسى يېزىلغان قىسمىدا بولسا، ئىسرائىلىيە تۇرالغۇ رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈش، كۆچمەن ئاھالىلەر ۋە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا قارشى چىقىدىغان ئىسرائىلىيەلىك سىياسەتچىلەرنىڭ ئېتىبارسىز قالدۇرۇلۇشى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقان كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ساياھەت قىلىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى دېگەندەك ئېغىر جازالارنىڭمۇ ئويلىنىپ كۆرۈلۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ھۆججەتتە يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى كۈچلەندۈرىدىغان چارىلەر دائىرىسىدە كېلىشىملەرنى ئىمزالىسا بولىدىغانلىقى ۋە پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى شۇنداقلا خەلقئارا ئورگانلارغا ئەزا بولۇشىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى قەيت قىلىنىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1646 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.