logo

trugen jacn
13 ماي 2014

ياڭ جيەنلى :ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەر خاتا مىللىي سىياسەت، مىللىي باستۇرۇش ۋە چوڭ خىتايچىلىقتىن كېلىپ چىققان

 

گۈلچېھرە

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان زىيارىتىدىن كېيىن بىر قىسىم خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىمۇ ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى ۋە مىللىي زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

شۇ خىل پىكىردە ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خاتا سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوبزور ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكىدىكى «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى ئەپەندى چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاي دۆلەت رەھبىرى بولغان شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان زىيارىتىنىڭ ئۇ جايدىكى مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە خىتايدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە، مىللىي زىددىيەتلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا مىللىي سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنى سىياسىي، دىنىي، مەدەنىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن قاتتىق باستۇرۇشى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەشنىڭ ئورنىغا، ئالدى بىلەن چوڭ خىتايچىلىققا بەكرەك قارشى تۇرۇش كېرەك» دېدى.

چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ئېلان قىلىۋاتقان خىتاي مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنلا تۇيۇقسىز ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشى، خىتاي مۇلاھىزىچىلىرىنى ھەيران قىلمىغان، خىتاي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ ھەتتا بۇ خىل قارشىلىقلارنىڭ خىتاي ئىچىدىمۇ ئىپادىلىنىشى ئەلۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە، بۇ خىل ۋەزىيەت شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى ياخشىلاشقا تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغان يەرگە كەلگەنلىكىنى تونۇتقان. بۇ خىل ۋەزىيەتتە شى جىنپىڭ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشى ۋە مىللىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى مۇقەررەر ئىدى دەپ قارىغان ياڭ جيەنلى ئەپەندى، ھالبۇكى شى جىنپڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشى توغرا بىر سەپەر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەنىلا ئوخشاش كونا سىياسەتلەرنى يەنىمۇ قاتتىق تەكىتلەپ، سىياسىتىگە ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش كىرگۈزۈشتىن سۆز ئاچماسلىقى بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق دەپ كۆرسەتتى.

-شى جىنپىڭنىڭ يېقىندىكى ئۇيغۇر ئېلى سەپىرى «شىنجاڭ» ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقەتەن جىددىيلىكىنى، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، بەكمۇ ئەپسۇس، ئۇ يەنىلا كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىتىدىكى قاتمال ئىدىيىسى بويىچە تەپەككۇر قىلىپ قىلچە ئىسلاھ قىلماي يەنىلا ئوخشاش پۈتۈن مەسىلىلەرگە سەۋەب بولغان خاتا سىياسىتىنى تەكرارلىدى. يەنىلا مىللىي زىددىيەتلەرنى، نارازىلىقنى قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئىشىنىۋاتىدۇ، ئۆزىنىڭ سىياسىتىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى تونۇپ يەتمەي ئەسلىدىكى كونا سىياسەتنى يۈرگۈزۈشتە بېسىم ئاز بوپ قاپتۇ دېگەندەك بېسىمنى يەنىمۇ ئاشۇرماقتا. ئەمما، خىتاي كومپارتىيىسى شۇنى تونۇش كېرەككى، بېسىم بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، بېسىم قانچە كۈچەيگەندە ئۇنىڭدىن كېلىدىغان قارشى كۈچمۇ شۇنچە زور بولىدۇ.

بۇ نۆۋەت شى جىنپىڭ يەنە بۇ جايدا پەيدا بولۇۋاتقان مەسىلىنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، شىنجاڭنى ئايرىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغانلىقىدىن پەيدا بولۇۋاتىدۇ دەپ، ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئارىسىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچتى. بۇ ئۇيغۇرلارغا قەستەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي باستۇرۇش.

ياڭ جيەنلىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلسىلا بۇ جايدىكى مەسىلىلەر ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتىدۇ دەپ قاراۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ جايدا ئىقتىسادقا ئېرىشىۋاتقان يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلار ئەمەس كۆچمەن خىتايلار.

-ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق بايلىق ۋە ئىقتىسادىي مەنبەلەرنىڭ خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا بولۇشى، خىتايلارنىڭ خالىغانچە ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىق ئېلىپ بېرىشى، خىتايدىكى پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قىلىۋاتقان بۇلاڭچىلىقىدىن پەرقلىق، چۈنكى بۇنىڭدا بىر مىللىي باستۇرۇش خاراكتېرى بار. خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تالان-تاراجلىرى بولسا مىللىي زىددىيەتنى يەنە بىر يېڭى بالداق كۆتۈرۈۋاتقان مەسىلە.

ئەلۋەتتە قاراپ باقساقمۇ، سىياسىي ھوقۇقنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ قولىدا، بارلىق بايلىققا ئىگە بولىدىغان مەنبەلەر خىتاي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئۇيغۇرلار چەتكە قالدۇرۇلغان.

سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇلۇش ئىقتىسادىي جەھەتتىن تالان-تاراج قىلىنىش ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. قارشىلىقلارنىڭ پارتلاپ چىقىشىغا ئوت ياقىدۇ.

ياڭ جيەنلى يەنە، پۈتۈن مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا خىتاينىڭ مىللىي باستۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئادالەتسىز سىياسەتلىرى سەۋەب بولۇۋاتقان تۇرۇپ يەنىلا ئۇيغۇرلارغا ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەش» بىر زوراۋانلىق دەپ كۆرسەتتى:
-بۇ جايدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن چوڭ خىتايچىلىقنى يوقىتىش كېرەك، چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەردە چوڭ خىتايچىلىق ئاساسلىق رول ئويناپ كەلمەكتە. ئۈرۈمچىدە ھازىر خىتاي نوپۇسى يەرلىك نوپۇستىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن سىياسىتى ئىنتايىن ناتوغرا خەتەرلىك بىر سىياسەت، ئۇيغۇر ئېلىدا بارلىق ھوقۇق يۈرگۈزگۈچىلەر خىتاي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئارقا تىرىكى تۈرتكىسىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بارلىق مەنپەئەتنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتقانلار، مەنپەئەتلىنىۋاتقانلار ۋاڭ لېچۇەن ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىغا ئوخشاش خىتايلار، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى بىلمەيدۇ. مەدەنىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ ۋە ياكى ھۆرمەتمۇ قىلمايدۇ، ئۇيغۇرلار بوزەك قىلىشقا ئۇچرايدۇ، شۇنداق تۇرۇپ بۇ جاينىڭ ئىگىسىگە يەنە بىز بىلەن ئىتتىپاق ئۆت دېسە كىم ماقۇل بولىدۇ؟ بۇ پەقەتلا ئەقىلگە سىغمايدۇ. بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئەمەس تېخىمۇ كۈچەيتىش.

ياڭ جيەنلى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى خاتا يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىنىڭمۇ زىددىيەت ۋە قارشىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
-قوش تىل مائارىپ سىياسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوللىنىلىۋاتقان ئورتاق مائارىپ سىياسىتى، ئەمما ئۇنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىدە مەسىلە بار يەنى خىتاي تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۇيغۇر تىلىنى چەتكە قاقماقتا، ئۇنى كەمسىتمەكتە، چۈنكى ئۇ جايدا ھوقۇق تۇتقۇچىلار خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمەل تۇتۇۋاتقان خىتايلار ئۇيغۇر تىلى بىلمەيدۇ، ئىش تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار خىتايچە بىلىشى شەرت. بۇ ئەلۋەتتە ئاستا-ئاستا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ بىر مەدەنىي جەھەتتىن باستۇرۇش. بۇ باستۇرۇش مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىدۇ، شى جىنپىڭ يەنە خىتاي تىلى بىلگەندىلا ياخشى خىزمەت تاپالايسەن دەپ ئاشكارا ئېيتتى. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئېلىدا ئۆزىنىڭ تىلىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق بىر مەسىلىگە بولغان نارازىلىقى بۆلگۈنچىلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق، سىياسىي جىنايەت دەپ باستۇرۇلىدۇ، بۇ باستۇرۇش تېخىمۇ زور قارشىلىقلارغا سەۋەبچى بولماقتا. مېنىڭچە ئالدى بىلەن، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلىش، باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىش كېرەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى مىللىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىشى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلىشى كېرەك.

مېنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنىم، شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدا ئەكسىچە ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇشنى تېخىمۇ قانۇنلاشتۇردى، خاتا سىياسىتىنى تەكرارلاۋاتىدۇ، بۇ بىر دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە ۋە پۈتۈن خىتاي پۇقرالىرىغا قىلغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كۈچەيدى، مىللىي زىددىيەت كەسكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىرى مېنىڭچە تېخىمۇ شىددەتلىك بولىدۇ، خىتايلار ئۇ يەردە ئۆزىنى ھەرگىز خاتىرجەم ھېس قىلالمايدۇ.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-siyasiti-05082014155722.html

Share
1881 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.