logo

trugen jacn

ياپونىيە مۇداپىئە خامچوتىنىڭ تارىخىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە كۆتۈردى

 150114054643_shinzo_abe_624x351__nocredit (1)

ياپونىيە ھۆكۈمىتى مۇداپىئە ساھەسىگە 42 مىليارد دوللار پۇل ئاجرىتىپ، يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە تەھدىتىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن ھۆكۈمەت، چارلاش ۋاسىتىلىرى ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ۋاسىتىلەرنى سېتىۋېلىشنى پىلانلىماقتا. شىنزو ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ ۋەھىمە پەيدا قىلغۇچى ئارمىيەلىرىنىڭ بىرى بولغان، شۇنداقلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەسكىرىي پائالىيەتلىرى ئاساسىي قانۇننىڭ كۈچلۈك كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىنغان ياپونىيە ئارمىيەسىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىمۇ خەۋپسىزلىك سىياسىتىگە پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزۈپ، «كوللېكتىپ قانۇنىي مۇداپىئە» قىلىش سالاھىيىتى بېرىش ئارقىلىق ئارمىيەنىڭ قىتئە ھالقىپ جەڭلەرگە كىرىشىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلىغانىدى.ھۆكۈمەت پارلامېنتتا كۆپ سانلىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، خامچوتنىڭ پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشىدە مەسىلە كۆرۈلمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1454 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.