logo

trugen jacn

ياپونىيە قانۇنىدىكى ئاممىۋىي سورۇنغا ئاىت بەزى ماددىلار

images

ياپۇنىيەلىكنىڭ ساپاسى يۇقىرى دەيمىز، ماۋۇ قانۇنلىرىنى كۆرسىڭىزلا نېمىشقا ساپاسى يۇقىرى بولغانلىقىنى بىلەلەيسىز!

 

1. ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەندە 10يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ئون تۈمەن ياپۇن پۇلى جەرىمانە، 3 يىلدىن 10 يىلغىچە قايتا پىراۋا ئالالمايدۇ.

 

2. ھاراققا زورلاش
ھاراققا زورلاشقا 48 سائەتتىن تۆۋەن قاماق بىر تۈمەن ياپۇنپۇلى جەرىمانە قويۇلىدۇ. باشقىلار ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ھادىسە پەيدا قىلسا، ھاراققا زورلىغۇچىنىمۇ ئوخشاش جازالايدىكەن.
ئەگەر بىزدىمۇ مۇشۇنداق قانۇن بولغان بولسا، بىزنىڭمۇ ساپايىمىز يۇقىرى بولغان بولاتتى.

 

3. ئۆچرەتكە قىستۇرىلىۋالسا، ئون تۈمەن ياپون پۇلى جەرىمانە، 24 سائەت توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

 

ياپونىيە قانۇنلىرى مۇشۇنداق بىز كىچىك سانىغان ئەرزىمەس ئىشلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتىدىكەن. شۇڭا، ياپونىيەدە ئۆچرەتتە تۇرمىسىڭىز، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىز.

 

4. ياپونىيەدە ھاراق ئىچىپ تاكسىغا قۇسۇۋەتسىڭىز، كەچۈرۈپ يەنە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىز. تۆلەم تۆلىگەندىن باشقا يەنە ماشىنا ئىچىنى تازىلاش ھەققىنى تۆلەيسىز.

 

5. سوقۇشۇش جىنايىتى، مۇددەتلىك 6 ئايدىن يۇقىرى 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، بۇمۇ ياپونىيەدە نىمشىقا ئۇرۇش-تالاش قىلىدىغانلارنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقنىڭ سەۋەبى.
ساموراي روھى ياپوندا ئۇزۇن مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن، سوقۇشۇش ياپونىيەدە دائىم كۆرۈلۈدىغان ئىش بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر بۇنداق ئەھۋالنى كۆرەلمەيسىز.
ياپونىيە جامائەت بىخەتەرلىكى قانۇنىدا مەيلى نېمە سەۋەب بىلەن سوقۇشسىمۇ ئوخشاشلا جىنايەت كېسىلىدۇ.

 

6. باغچىدا تۈكۈرۈش، 1000دىن ئونمىڭ ياپون پۇلى غىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ھەمدە جىنايەت ئارخىپقا قارا چېكىت قويۇلىدۇ. بۇ قانۇننىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق يېرى شەخس ئارخىپىڭىزنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى دېگەن گىرافىكىغا ”بار“ دەپلا يېزىۋاتىدۇ، سىز تۈكۈردىڭىزمۇ، ئوغرىلىق قىلدىڭىزمۇ بۇنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ.

 

7. جەنۇبىي قۇتۇپقا رۇخسەتسىز بارسا، 50 تۈمەن ياپون پۇلى جەرىمانە قويۇلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بىرى جەنۇبىي قۇتۇپقا بارىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پاك زېمىنمۇ بۇلغىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ياپونىيە ئەزەلدىنلا مۇھىت ئاسراش جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلەت بولغاچقا، بۇ جەھەتتىمۇ ئەلۋەتتە ئارقىدا قالسا بولمايدۇ.
ياپونىيەدە جەنۇبىي قۇتۇپ بارماقچى بولسىڭىز، چوقۇم جەنۇبىي قۇتۇپقا كىرىش ئىلتىماسى سۇنۇشىمىز، ھەمدە 4 سائەت مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىدىن جىددىي تەربىيە ئېلىپ، لاياقەتلىك بولغاندا ئاندىن كىرىشكە رۇخسەت قىلىدۇ. بولمىسا 50 تۈمەن ياپون پۇلى جەرىمانە تۆلەيسىز.

 

8. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەخلەت تۆكمىسىڭىز، 5 يىلدىن تۆۋەن قاماق، يۈز تۈمەن ياپون پۇلىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ياپونىيەدە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئەخلەت تۆكۈش ۋاقتىنى يولغا قويغان، ئەخلەت تۈرگە ئايرىپ دۈشەنبە يېقىلىدىغان ئەخلەت، سەيشەنبە يېقىلمايدىغان ئەخلەت چارشەنبە قۇتىلىق ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ ۋاقتى قەرەلىدە تۆكۈش بەلگىلەنگەن. دېگەن ۋاقتىدا تۈر بويىچە ئەخلەت تۆكمەي تۇتۇلۇپ قالسىڭىز، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىسىز. يۈز تۈمەن دېگەن جۇڭگو پۇلىغا 600مىڭ يۈەن دېگەنگەپ!

 

9. ياپونىيەدە پارچە پۇل قايتۇرغاندا ئارتۇق قايتۇرۇلغان بولسا، نىيەتنى يامان قىلىپ گەپ قىلماي ئېلىپ ماڭسىڭىز، ياپونىيە ھەق تەلەپ قانۇنى بويىچە ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان بولۇپ، جەرىمانە تۆلەيسىز ھەم ئېغىرلىرى قاماققا ئېلىنىدۇ.

 

10. ياپونىيە ھەق تەلەپ قانۇنىدا، توك سىم تۈۋرۈكىگە ياماشقانلار توك توختاپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر يىل قاماققا ئىلىنىدۇ. تۈۋرۈككە چىقىش ئۈچۈن «ئېلېكتىر تېخنىكىلىق گۇۋانامسى» بولۇشى يەنى «توكچىلىق كىنىشكىسى» بولۇشى كېرەك.
سالاھىيەتنامە ئېلىشتىن بۇرۇن ئىستولبىغا يامىشىپ قالسىڭىز سالاھىتى بولمىغان پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولۇش جىنايىتى سادىر قىلىپ جەرىمانە قويۇلىدۇ.
قىلمىشى ئېغىر بولغاندا چوڭ دائىرىدە توك توختاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، جەرىمانە تۆلىگەندىن باشقا يانە توك توختاشتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەش ھەمدە قاماق جازاسى بېرىلىدۇ
http://bbs.bagdax.cn/thread-42489-1-1.html
Share
992 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.