logo

trugen jacn
28 ئاپرېل 2015

ياپونىيە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ لەيلىمە قوياش ئېنېرگىيىلىك ئېلېكتر ئسىتانىسىسى قۇرۇپ چىقتى

20150428070324126

قوياش ئېنېرگىيىسى تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ئۆگزە ۋە قورۇقلۇققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى كېلىدۇ. ئەمما، يېقىندا تېخىمۇ كۆپ دۆلەت سۇ ئۈستىگە لەيلىمە قوياش ئېنېرگىيىلىك ئېلېكتر ئىستانىسىسى قۇرۇپ چىقتى. ياپونىيىنىڭ خيوگو ناھىيىسى كاتو شەھىرىدە ئىككى كۆل ئۈستىگە ياسالغان قوياش ئېنېرگىيىلىك ئېلېكتر ئىستانىسىسى تۈرىدە يېقىندا قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ لەيلىمە قوياش ئېنېرگىيىلىك ئېلېكتر ئىستانىسىسى ياپونىيىدە بارلىققا كەلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ئېلېكتر ئىستانىسىسى 1000 ئائىلىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

تەيۋەندە چىقىدىغان « پەن-تېخنىكا خەۋەرلىرى گېزىتى » نىڭ 28- ئاپرىلدىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 2011- يىلى فۇكۇشىمادا يادرو ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ ئاكىتىپلىق بىلەن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ياپونىيە ئىقتىساد-سانائەت ۋازارىتىنىڭ ماتېرياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە 2013- يىلى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئارقىلىق تارقاتقان توك، ياپونىيە ئۇمۇمىي توك تارقىتىش مىقدارىنىڭ %10 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ياپونىيە قوياش ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ سىغىمچانلىقى يادرو ئاپتى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىدىن ئىككى ھەسسە ئاشۇرغان.

\

\

باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

Share
1410 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.