logo

trugen jacn

ياپونىيە ئاخباراتى: تۈركىيە – ياپونىيە ھەربىي سودىسىدىكى خىتاي كۆلەڭگۈسى

1277493

 قۇتلۇق

2014-u0822-qutluq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «نىپپون كېزاي گېزىتى»نىڭ «ياپونىيەنىڭ تۈركىيەگە قورال ئېكسپورت قىلىشى چۈشكە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە ھەربىي قورال تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلماقچى بولۇۋاتقان ياپونىيەنىڭ، تۈركىيەنىڭ ياپونىيە تېخنىكىسىدىن پايدىلىپ تانكا ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئۇنى ئىسلام دۆلەتلىرىگە سېتىش پىلانى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقلىرى سەۋەبىدىن توكيونىڭ ئەنقەرەگە ھەربىي قورال ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقى ئاخبارات ساھەسىدە مۇنازىرىلەرگە يول ئاچتى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2014 – يىلى 1 – ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى «ياپونىيە پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدا چەتئەللەرگە قورال ساتسا بولىدۇ» دەپ قانۇن ماقۇللىغان شۇنداقلا چەتئەللەرگە قورال ئېكسپورت قىلغاندا، قورال سېتىۋالغۇچى تەرەپنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، قورالنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى دېگەندەك تەرەپلەر تەپسىلىي تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن قورال سېتىش شەرت قىلىنغان.

بۇ قانۇن ماقۇللىنىپ 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىش يولغا قويۇلغان.

ياپونىيە يۇقىرىدا بەلگىلەنگەن قانۇنغا ئاساسەن مىتسۇبىشى شىركىتى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى نەزىرىيەسىنى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيەگىمۇ تانكا موتورلىرىنى ئېكسپورت قىلماقچى بولغان.

ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، ھەربىي تېخنىكا ۋە تەتقىقاتلارنى چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىشقا بولامدۇ – بولمامدۇ دېگەن مەسىلە جىددىي ھالدا مۇزاكىرە قىلىنىپ «بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا قارشى تۇرمىغان دۆلەتلەرگە ۋە شۇنداقلا سېتىۋالغان قورالنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ساتماقچى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاۋۋال ياپونىيە تەرەپكە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشكە قوشۇلغان ئەللەرگە ھەربىي تېخنىكا ۋە قوراللارنى ئېكسپورت قىلسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلىگەن.

ماقالىدە ياپونىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى مەلۇم بىر ئورگاننىڭ دوكلاتىدا، ياپونىيەنىڭ چەتئەللەرگە قورال ئېكسپورت قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولماستىن، ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم قورال ئېكسپورت قىلغانلىقى، 1976 – يىلىدىن كېيىن قورال سېتىش رەسمىي توختىلىپ، بۇ قېتىم يەنە قايتىدىن قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قورال ئېكسپورت قىلىشنى يولغا قويغانلىقىنى شۇنداقلا ياپونىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى بۇ قورال سودىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەربىي سودا ئەمەسلىكى ئاشكارىلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

2013 – يىلى 5 – ئايدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابىې بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، تۈركىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا «ئالتاي» ماركىلىق تانكا ياساش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ «مىتسۇبىشى جۇكو شىركىتى» بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدە بىر ھەربىي تېخنىكا مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

گېزىتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بېرىلىپ «تۈركىيە ياپونىيەگە تولىمۇ دوستانە مەملىكەت شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى. شىنزو ئابىې بىلەن رەجەپ تايىپ ئەردوغان تولىمۇ يېقىن دوستلاردىن، شۇڭا ئابىې ھەر جەھەتتە ئەردوغان بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالاۋاتقان بىر پەيتتە، ئويلىمىغان يەردىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۇيۇقسىزلا تام پەيدا بولۇپ قالدى. سەۋەبى تۈركىيە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە ياسىغان تانكىلارنى پاكىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىگە سېتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيە تانكا ساتماقچى بولغان بۇ ئىككى دۆلەت ئۇرۇش ھالىتىدىكى ئەللەر بولۇپ، ياپونىيە بۇ پىكىرگە قوشۇلمىدى. تۈركىيە ياپونىيەنىڭ قورال ئېكسپورت قىلىش شەرتلىرىنى ھۆرمەت قىلمىغان ۋە شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان دەپ قارىلىپ 2014 – يىلى 2 – ئايدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى قورال سودىسى كېلىشىمى بىكار قىلىندى» دېيىلگەن.

مەزكۇر قورال سودىسى كېلىشىمىگە قاتناشقان ياپونىيە تەرەپتىكى مەلۇم بىر ئەرباپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى قورال سودىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىكى باشقا بىر سەۋەب بولسا، تۈركىيەنىڭ خىتايغا تولىمۇ يېقىن بولۇپ كېتىشى ئىكەن.

مەزكۇر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئىراننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىن ئەندىشە قىلغان تۈركىيە ئۆتكەن يىلى 9 – ئايدا خىتاينىڭ ھەربىي قورال – ياراق ئېكسپورت – ئىمپورت قىلىش شىركىتى بىلەن كېلىشىپ، خىتاي تەرەپتىن مۇداپىئە سىستىمىسى ئورنىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ماقالىدە «تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى. ئەگەر تۈركىيە خىتاينىڭ ھەربىي مەسلىھەتى بويىچە ئىش كۆرۈپ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستىمىسىنى ئورناتسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئەلنىش سىستىمىلىرىدىكى بارلىق مەخپىيەتلىكلەردىن خىتاي خەۋەردار بولالايدۇ» دېيىلگەن.

مەزكۇر ماقالىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، ياپونىيە تۈركىيەنىڭ خىتايغا يېقىنلىشىشىدىن ئەنسىرەپ، تۈركىيەگە ھەربىي قورال ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقان شۇنداقلا «ياپونىيەنىڭ ھەربىي تېخنىكىلىرى تۈركىيەگە كىرگۈزۈلسە، ئەلۋەتتە بۇ تېخنىكىلار خىتايغا كىرىدۇ» دەپ ئەندىشە قىلغان.

«نىپپون كېزاي گېزىتى» نىڭ ياپونىيەنىڭ چەتئەللەرگە قورال ئېكسپورت قىلىشى توغرىسىدىكى ماقالىسىدە:«ھازىرچە ياپونىيە ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت قورال مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتا ياپونىيەگە سادىق، تۈركىيەدەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قورال ئېكسپورت قىلىش تولىمۇ خەتەرلىك، ئۇلار ياپونىيەنىڭ ھەربىي تېخنىكىلىرىنى بەلكىم خىتايغا سېتىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي قورال سودىسى مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/turkiye-yaponiye-xitay-08222014184359.html

Share
1870 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.