logo

trugen jacn

ياپونىيەلىك پروفېسسور: ئىلھام توختى، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن

0eb2f747-de64-4354-99b8-14c3e0a37e22

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

25-ئۆكتەبىر ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى نىشىخارا ئەپەندى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئىشخانىسىدا ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىگەن.

خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى نىشىخارا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۈگۈن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ۋە ئۇنىڭ مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئىشخانامدا ئاددىغىنە بىر يىغىلىش ئېلىپ باردىم. خاتىرىلەش پائالىيىتىدە 2009-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن مەكتىپىمىزدە دوكلات بەرگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ماڭا سوۋغا قىلغان ئۇيغۇر دوپپىسىنى بېشىمغا كىيىۋالدىم. بۇ سورۇنىمىزدا خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ ئۇستازلىق مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، سەبىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق تەلەپ داۋا يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ھەممىمىز بىردەك ئەسلەپ ئۆتتۇق» دېدى.

ئۇ سۆزىدە، ئىلھام توختى يېقىندا ئېرىشكەن كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ھەققىدە توختىلىپ: «2016-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى يالغۇز ئۇنىڭغا بېرىلگەن شەرەپلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىدىن تىنچلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ يولدا بەدەل تۆلەپ خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىغا قامالغان ساناقسىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشچىلىرىگە بېرىلگەن مۇكاپات دەپ قارىساق مېنىڭچە خاتا بولماس» دېدى

ball-443852_960_720 (2)

پروفېسسور سېئىجى نىشىخارا ئىلھام توختىنىڭ ئەينى يىللاردا ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى رادىكال ھەرىكەتلەردىن يىراق بولغان، خىتاينىڭ قانۇن-نىزاملىرىدا كۆرسىتىلگەن مىزانلار بويىچە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى يەنىلا ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ تۈرمىگە تاشلىدى. بىراق، بۇ يەردىكى خىتاي تەكىتلەۋاتقان «بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ياخشى بىر جاۋاب قايتۇرۇلدى. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىگە مۇخالىپ كېلىدىغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەت ۋە مەسلەكنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغان دىكتاتور ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائىتىگە يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ياپون ھېكمەتلىرىدە ‹يۆتەلنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ› دېگەن بىر گەپ بار، شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى شۇنداقلا ھالسىرىغان بۇ ھاكىمىيىتىنىڭ زاۋاللىقىنى يوشۇرۇپ بولالارمۇ؟ ئىلھام توختى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۆزىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ ئۇيغۇرلارغا خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا يەنى ئاپتونومىيە قانۇنىدا دېيىلگەن ئىمتىيازلارنى بەرسە ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى پەسىيىپ خىتاي جەمئىيىتىدە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟» دېدى.

پروفېسسور سېئىجى نىشىخارا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا :«ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆپ بەدەل تۆلىدى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ بۇ يولدا نۇرغۇنلىغان جاپالارغا يولۇقتى. ئۇ،گەرچە بىزدىن يىراق يەردە بولسىمۇ، بىزنىڭ قەلبىمىز ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولغانلىقتىن بۈگۈنكىدەك تۇغۇلغان كۈنىدە، بىز ئۇنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەۋاتىمىز. ئىشىنىمەنكى، ئىلھام توختى يېقىن كەلگۈسىدە بىزنىڭ ئارىمىزدا بولىدۇ. بىز شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا سەھنە ھازىرلايمىز ۋە ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە قۇتلۇقلايمىز. مەن سۆزۈمنى ‹ئىلھام توختى، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن› دەپ ئاخىرلاشتۇرىمەن» دېدى.

ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى ئاروما خانىم پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ: «بۈگۈنكى پائالىيىتىمىز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى دەپ قارايمەن. چۈنكى، پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇزۇندىن بۇيان ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلار بولۇپ، بىز ئاددىغىنە بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئۆزىمىزنىڭ قوللىشىنى بىلدۈرۈش شۇنداقلا ئىلھام توختىنىڭ ھەرگىز يالغۇز ئەمەسلىكىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بولغان ئۆزىمىزنىڭ ھېسداشلىقىمىزنى ۋە كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەپ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق» دېدى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى ياپونىيەدە تونۇشتا كۆرسەتكەن رولى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10262016142114.html

Share
1350 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.