logo

trugen jacn

ياپونىيەدىكى «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

f6a1e9f5-728e-49e5-89d2-5323436a224b

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

28-ئىيۇلدىن باشلاپ ياپونىيەدە تارقىتىلىشقا باشلىغان «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۇنجى پروگراممىسى كەڭ كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 37 مىنۇتلۇق مەزكۇر پروگراممىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە خەلقى كۆپ قاتلاملىق تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، پروگراممىنىڭ تۇنجى سانى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە بېغىشلانغان بولۇپ، كۆرۈش سانى 4 كۈن ئىچىدە 10 مىڭ قېتىمدىن ئاشقان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۇيغۇرلارغا ئائىت يېڭى پروگراممىلارنى تەييارلاپ كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە سۇنىدىكەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا مەزكۇر تەشكىلات ياپونىيەدىكى «ساكۇرا» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تارقىتىشنى يولغا قويغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلدۈرگۈسىدە: «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» پروگراممىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئاستىدا يوقىلىش گىردابىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆپ تىللار ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېيىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بۇ ھەقتە توختالدى.

مۇڭلۇق ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى بىلەن باشلانغان «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۇنجى پروگراممىسى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە بېغىشلانغان بولۇپ، پروگراممىنىڭ باش قىسمىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يولاش بىلەن بىرگە، مەزكۇر ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پروگراممىلىرىنى ئىشلەشكە ھەر قايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى مەسلىھەت ۋە پىكىرلەرنى بېرىپ ۋە يېقىندىن قوللاپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئۆز-ئارا يار-يۆلەكتە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسى پروگراممىسىنىڭ تۇنجى پروگراممىسىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى تونۇشتۇرۇلغان.

پروگراممىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە ئائىت قىسمىدا مەزكۇر ۋەقەگە دائىر بىر قىسىم سۈرەتلەر ۋە شۇنداقلا سىنئالغۇلار كۆرسىتىلىپ، ۋەقەنىڭ باستۇرۇلۇش ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. مەزكۇر ۋەقەگە نىسبەتەن پروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو ئەپەندىنىڭ بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ بېرىلگەن.

شۇنداقلا پروگراممىدا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە بېغىشلانغان مەزكۇر پروگراممىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىكى غايىبلار ئانىسى پاتىگۈل خانىمنىڭ ئائىلىۋى پاجىئەسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى› ۋە ‹5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى› گە ئوخشاش، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئۇچۇر بېرىشنى مەقسەت قىلغان بۇ ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا دائىر ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان بىر قىسىم تارىخىي ئەسەرلەر ھەققىدىمۇ مەخسۇس سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنىمۇ تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلىمىز» دېدى.

ئىلھام مەخمۇت زىيارىتىمىز جەريانىدا ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۇنجى پروگراممىسىنىڭ كۆرۈرمەنلىرىدىن مائېدا يۇرى پروگرامما ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ خىلدىكى پروگراممىلار بىزنى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىنلا خەۋەردار قىلىپ قالماي، بەلكى بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىمىزگىمۇ كۆپ پايدىسى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق پروگراممىلارنىڭ كۆپرەك ئىشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئۇلار ئىككىنچى قېتىملىق پروگراممىلارغا جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋېتىپتۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/yaponiye-uyghur-awazi-08022016144347.html

Share
980 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.