logo

trugen jacn

ياقائېرىق پىداىيلىرىدىن ئازادەم نۇر ئاقسۇ شەھىرىدە، ئابلىز ئابلا ئاق گۈمبەز كەنتىدە ئەسىرگە چۈشكەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0224-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

17 – فېۋرال باي ياقائېرىق ۋەقەسىدە ساقچى باشلىقى قاسىم ئىمىرنىڭ قولىدىكى قورالنى ئېلىپ قاچقان ئەر – ئايال پىدائىيلاردىن ئابلىز ئابلا ۋە ئازادەم نۇر ۋەقەدىن ئۈچ كۈن كېيىن ئەسىرگە چۈشكەن؛ مەلۇم بولۇشىچە ئابلىز ئابلا ياقېرىق يېزىسىنىڭ ئاق گۈمبەز كەنتىدە، ئازادەم نۇر ئاقسۇ شەھىرىدىكى كونا ئايروپلانخانا دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاھالىلەر رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

ياقائېرىقتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە رول ئالغان پىداىيلارنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق – تۇققانلىرى ۋە دوستلىرى بولۇپ ياقئېرىق بويىچە ئاز دېگەندە يۈزگە يېقىن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. يەنە ئاشكارىلىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ئارىسىدا ياقائېرىقتا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن رۇستەم روزى، ئەھەت مامۇت قاتارلىقلارمۇ بار. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yaqaeriq-02242015213248.html

Share
2046 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.