logo

trugen jacn

يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

Yawa-kepter-girmanche-305

«ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى، ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى. بىراق نۇرمەمەت ياسىن بىلەن سۆزلىشىش تەلىپىمىزنى رەت قىلدى.

يېتۈك ئەدەبىي ئىقتىدارى بىلەن تونۇلغان ۋە ۋە بىر قىسىم خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نۇرمەمەت ياسىن، 2005-2‏-يىلى «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

2 يىل ئاۋۋال ئاپتورنىڭ شاياردىكى بىر تۈرمىدە 2011-يىلى ۋاپات بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، «ئەگەر بۇ ياش يازغۇچىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلانسا، بۇ خىتاي ئادالەت سىستېمىسىنىڭ شەرمەندىلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن بۇيان نۇرمەمەت ياسىننىڭ ھايات ياكى ۋاپات بولغانلىقىنى كۈچلۈك دەلىللەر ئارقىلىق ئىسپاتلاش مۇمكىنچىلىك بولمىغان. بىز پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلساق تېلېفوننى ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئېلىپ، دادىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى.

بىز تېلېفوندا نۇرمەمەتنى چاقىرىپ قويۇشنى سورىدۇق، بىراق ئۇ بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى سورىدى. بىز ئە ئا ر نىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتساق ئۇ، «دادام ئۆيدە يوق، تالاغا چىقىپ كەتتى» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئىلگىرى نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئايالى ئۇنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقىنى رەت قىلغان. بىز يېقىندا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ سورىساق ئۇمۇ، «نۇرمەمەت تالاغا چىقىپ كەتتى» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/nurmemet-yasin-08282015174842.html

Share
2068 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.