logo

trugen jacn

يازغۇچى سەمەت دوگايلىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سالدى

20160315034040760

بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تونۇلغان تالانتلىق يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ژۇرنالست سەمەت دۇگايلى 2016-يىلى 15-مارت (سەيشەنبە) سەھەر سائەت 3:30 لار ئەتراپىدا 69 يېشىدا ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

يازغۇچىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سالدى. ئۇيغۇرلار مەرھۇمغا بولغان قايغۇلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يازغان تەزىيەنامە-مەرسىيىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىدى. ئۈندىداردا مەرھۇم ھەققىدە يېزىلغان تەزىيىلەردە «ئۆتكەن ھەپتە ۋاپات بولغان ئەدىب قۇربان باراتتىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاسمىنىدا يەنە بىر يۇلتۇز سەمەت دوگايلى ئۆچتى» دېگەن بايانلار يېزىلىپ، يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىغا يۇقىرى باھا بېرىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى نامىدا ئېلان قىلىنغان يازغۇچى سەمەت دوگايلىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى تەزىيەنامىدە سەمەت دوگايلىنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

يازغۇچى سەمەت دوگايلى 1947-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا تەھرىر مۇھەررى بولۇپ ئىشلىگەن. يازغۇچىنىڭ ھازىرغىچە «نۇرلۇق قەلبلەر»، «گۈلئايىم»، «ھايات شاماللىرى»(3 قىسىم) قاتارلىق رومانلىرى، «قاچقۇن كارۋان»، «ئېقىن»، «روزا ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېست توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە يازغۇچى سەمەت دوگايلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «سۇتۇق بۇغراخان»، «ئۆمۈر داستانلىرى» ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي قىممىتىگە يازغۇچى سەمەت دوگايلىنىڭ كۆپ ئەجرى سىڭگەنلىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەرىپلىنىپ كەلگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/meshhur-kishi-03152016164322.html

Share
1262 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.