logo

trugen jacn

يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللا تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە-2

plain-blue-background-wallpaper-3

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ رادىيومىزغا ئۇچۇر بەرگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ 2013-يىلىنىڭ ماي ئايلىرىدا ئۇنىڭ بىلەن قاراقاشتا بىرىنچى قېتىم يۈز كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئاشۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا «توختى پوكان» چاتما ھېكايىلىرى ۋە «زۇلمەتلىك تۇپراق» رومانى بىلەن ئەل ئىچىگە تونۇلغان يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللا بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتتە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ باھالىغانلىقىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ يەنە، ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ بىر يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قەلبى ئويغاق بىر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قاراقاشتا ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن بىر شەخسىي كۇتۇپخانا ئاچقانلىقىنى، ھەتتا ئاتالمىش «قوش تىللىق» مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا دەرسلىكلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دائىرىلەر يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللانى نېمە سەۋەبتىن قولغا ئالغانلىقى ۋە قانداق جىنايەت بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تور ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان «توختى پوكان» چاتما ھېكايىلىرى بىلەن «زۇلمەتلىك تۇپراق» رومانىنىڭ ئاپتورنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلىدۇ.

ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ قەلىمىدىكى «توختى پوكان» چاتما ھېكايىلىرىنى ئوقۇغان ۋە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىمام ھەسەن ئەپەندى مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ:

«مەن ‹توختى پوكان› چاتما ھېكايىلىرىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ قىسمىنى ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغان ئىدىم. ئۇنىڭدا ئاپتور بىرىنچى شەخس بايان ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، دادىسى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى كىنايىلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دەۋرىدىكى تېتىقسىزلارنى تەسۋىرلىگەندەك كۆرۈنىدۇ. مېنىڭ مەزكۇر ئەسەرنى ئوقۇپ ھېس قىلىشىچە، ئاپتورنىڭ يېزىۋاتقىنى ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار يۇرتىدا بۈگۈنمۇ داۋام قىلىۋاتقان، ھەتتا ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دەۋرىدىكى تېتىقسىزلىقلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي ئاتموسفېرا بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەن ئىجتىمائىي رېئاللىقىدۇر.»

ئىمام ھەسەن ئەپەندىمۇ ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق بىر ھۆججەتنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «توختى پوكان» چاتما ھېكايىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قوزغىغان زىلزىلىسىنىڭ دائىرىلەرنى بىئارام قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

12c95712-0d6e-47f1-a24e-1db2dfd12bcd

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللا ئەينى ۋاقىتتا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان قاراقاش ناھىيەسىدىكى «مەرىپەت قوش تىللىق يەسلى» سىگە تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خىزمەتچى خادىم ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىشى بىلەن جىددىيلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنى تونۇمايدىغانلىقىنى، ئەڭ ياخشىسى يەسلى مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بىز ئارقىدىن قاراقاش ناھىيەلىك «مەرىپەت قوش تىللىق يەسلىسى» نىڭ مەسئۇلىغا تېلېفون قىلىپ، ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردۇق. ئەپسۇسكى، يەسلىنىڭ مەسئۇل خادىمى ‹ئابلىمىت غوجابدۇللانى زادى تونۇمايمەن› دەپ ئۇ ھەقتە گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

بىز ئاخىرىدا يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ قاراقاش ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر مەزگىل خىزمەت قىلغانلىق ئۇچۇرىغا ئاساسەن بۇ يەرگە تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىم ھازىر بۇنداق بىر كىشىنىڭ مەكتەپتە يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى چىرايلىقچە رەت قىلدى.

يۇقىرىدا يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ 2014-يىلى قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن دىققىتىڭلارغا سۇندۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ablimit-ghojabdulla-10202016145021.html

Share
1416 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.