logo

trugen jacn

ىنجاڭ گېزىتى باشلىقى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ قولغا ئېلىنغان

c5783c387ed4c8f

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2‏-نويابىر ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باشلىقى جاۋ شىنۋېي 3 خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق زور پرىنسىپال مەسىلىلەردە سۆز -ھەرىكىتى مەركەز ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىردەك بولمىغان، دەپ تەنقىد قىلغان.

پارتكومنىڭ ئاخباراتىدا قەيت قىلىشىچە، ئۇ «مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار زور ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشى ئاشكارا پىكىر قىلغان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاخبارات خىزمىتىگە ئالاقىدار زور مەسىلىلەردىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەستەن خىلاپ قارارلارنى چىقارغان. مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋان تېررورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق زور پرىنسىپال مەسىلىلەردە سۆز -ھەرىكىتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىردەك بولمىغان.»

ئەگەر بۇ راست بولسا، جاۋ شىنۋېي ھازىرغا قەدەر كومپارتىيەنىڭ ئاشقۇنلۇق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئاساسىدىكى«شىنجاڭ سىياسىتى» گە قارشى تۇرۇپ، ئاشكارا تەنقىدكە ئۇچرىغان ھەم تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك خەنزۇ كومپارتىيە ئەمەلدارى.

ئۇنىڭ جازاغا تارتىلىشى خەلقئارا ئاخبارات، چەتئەلدىكى ئانالىزچى ۋە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دەرھال دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جاۋ شىنۋېينىڭ زەربىگە ئۇچرىشى ئۇيغۇر ئىلىدا دىئالوگ تەرەپدارلىرىنىڭ داۋاملىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

شيا مىڭ مۇنداق دەپ كۈرسەتتى: «ئىلھامنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىدىن تارتىپ، بۈگۈن ‹شىنجاڭ گېزىتى› باش مۇھەررىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە، ‹شىنجاڭ مەسىلىسى›دە دىئالوگ قۇرالايدىغان مۆتىدىل كۈچلەرنىڭ زەربە يەۋاتقانلىقىدۇر.

يەنى ھازىر نىسبەتەن ئەقلىي سېلىم، مۆتىدىل، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان، كۆۋرۈكلۈك مۇناسىۋىتى بار، كۆۋرۈكلۈك خاراكتېرگە ئىگە شەخسلەرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقى قالمىدى. ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئېغىر دەرىجىدە ئىدېئولوگىيەلەشتۈردى، ئېغىر يۇقىرى دەرىجىدە رادىكاللاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي، دۆلەت بىخەتەرلىك سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈپ، بارلىق مەسىلىلەرنى غەيرىي مۇنتىزىم، غەيرىي ئاساسىي قانۇنلۇق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئېلىپ باردى. ئۇ (شىنجاڭدا) ئاساسىي قانۇننى قايرىپ قويدى. شىنجاڭدا 5‹ ‏-ئىيۇل ۋەقەسى›دىن بۇيان جىددىي ھالەت يولغا قويۇلۇپ كەلدى. ئۇنىڭدا ئاساسىي قانۇن، نورمال تۇرمۇش، نورمال پۇقرالار ھوقۇقىغا ھېچقانداق كاپالەت يوق»

جاۋ شىنۋېي 1986‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ خىزمەتكە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بىر مەزگىل قەشقەردا تۇرۇپ خىزمەت قىلغان. جاۋ شىنۋېي 2011‏-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»گە يۆتكەپ كېلىنىپ، گېزىتخانا پارتكومىنىڭ سېكرېتارى، باش مۇھەررىرى، مۇئاۋىن گېزىتخانا باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان.

«ئۈرۈمچىدىكى جاۋ شىنۋېينى تونۇيدىغان نەشرىيات ساھەسىدىكى بىر خادىم جاۋنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جاۋ ئانچە -مۇنچە سورۇنلاردا ئولتۇرۇپ قالسا، بىر-ئىككى ئېغىر ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ قويىدىكەن.

ئۇ، «مېنىڭ بىلىدىغىنىم، گېزىتخانىدا ئۇ 15-20 دەك ياش بالىنى مۇدىر دەرىجىلىككە ئۆستۈرگەن. بۇرۇن ئۇ ئىدارىدە ئۇنداق كۆپ ئۇيغۇر كادىرلار يوق ئىدى. ئومۇمەن، ئۇ پارتىيەلىك بالىلارغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، 15-10 بالىنى بىراقلا ئۆستۈردى، ئۇلارنى ئەركىن رىقابەتكە چۈشۈڭلار، دەپ (رىغبەتلەندۈرۈپ). ئەسلى ئۇنداق كۆپ شتات يوق ئىكەنتۇق. ئەمما ئۇلارنى ماۋۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتىگە قارىتا شۇنداق ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، دېگەنمۇ. ئىشقىلىپ ھەممىسى خۇشال بولغانىدى» دېدى.

د ئۇ ق نىڭ ھازىرقى باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ سابىق خادىمى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «جاۋ شىنۋېينىڭ مەسىلىسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى رايوندىكى بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

نۇرمەمەت مۇساباي، «ئەمدى مەن شۇنداق ئويلايمەن، مۇشۇنداق بىر خىتاينىڭ چىققىنى بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلا ئەمەس، ئوخشاشلا خىتايلار ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنىڭ بەك چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەنلىكى، بەزى خىتايلارنىڭ بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەتكە ئوخشىمىغان كۆز قاراش، ئوخشىمىغان پىكىردە ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.يەنى ئوخشىمايدىغان، قارشىلىق، قوللايدىغان ياكى يۇمشاق، يېنىك شەكىلدە بىر نارازىلىق ھەم مۇنازىرىنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكى بىزگە مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئۇ چوقۇم نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ، ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ،دېگەن بولۇشى مۇمكىن ياكى پۈتۈن خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ دېگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇنىسى بىزگە نامەلۇم. لېكىن قانداق بولمىسۇن، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بۇ خىتاي ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.»دېدى.

لېكىن نۇرمەمەت مۇساباينىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» باشلىقىنى قاتتىق جازالاشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى باشقا خىتاي كادىرلىرىغا سىگنال بېرىش، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشكەن.

نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دېدى: «ئەمدى بەلكىم خىتاينىڭ مەقسىتى شۇ، ئاشۇنداق ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققانلارنى قاتتىق جازالاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىقىدىغان ئۆكتىچىلەرنى قەتئىي باش كۆتەرتمەسلىك. لېكىن بۇ ئىشنىڭ باشلىنىشى. ئۇنى قولغا ئالغان بىلەن بىرى باستۇرۇلسا يەنە بىرى چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ يەردە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەقسىز سىياسەت ھامان بىر كۈنى ئىنسانلارنى ئىنسانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئويغىتىدۇ. ئىنسانلىق تۇيغۇسى بىلەن راست گەپ قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ»

ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور شيا مىڭ، جاۋ شىنۋېينىڭ ئەھۋالى ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى» دە دىئالوگ تەرەپدارلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىئالوگ تەرەپدارلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىشى، خەن، ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى نەپرەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شيا مىڭ، «بۇ ئەھۋالدا مەن شۇنداق قارايمەن، بىز بۈگۈن مۇسۇلمان، خەنزۇ 2 تائىپە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، خۇسۇسەن ئۆچ ئېلىش، قىرغىنچىلىق، پارتلىتىش ۋەقەلىرىنىڭ قىسمەن يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، نەچچە ئونلىغان ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق.

ئەمما مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋپ بۇ ئەمەس. چۈنكى، ھازىرغا قەدەر يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر بىر مۇقەددىمە، خالاس. ھالبۇكى، ھازىرقى ئەڭ چوڭ خەۋپ مۇسۇلمانلار، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق ئۆچمەنلىك، ئۆز ‏-ئارا ئىشەنمەسلىك يىغىلىۋەرسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇرسەت تۇغۇلۇپ، كومپارتىيە ھاكىمىيىتى مۇقىمسىزلىققا پېتىپ قالسا ياكى كومپارتىيە شىنجاڭدىكى ھەربىيلەر، بىڭتۇەنگە بولغان كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويسا، بۇ تېخىمۇ ئېغىر ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، جاۋ شىنۋېينى پارتىيىنىڭ ئاخبارات خىزمىتىدىكى زور ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەستەن خىلاپلىق قىلىش، «3 خىل كۈچلەر»گە قارشى تۇرۇش قاتارلىق زور پرىنسىپال مەسىلىلەردە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىيالماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى كونكرېت ئىجرائاتلىرىنى تىلغا ئالمىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ما گوۋېي بۇ يىل 7‏-ئايدا جاۋ شىنۋېينىڭ مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەرگەندە ئۇنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇ ئاممىۋى سورۇندا بىر خىل، خۇسۇسى سورۇنلاردا باشقا خىل گەپ قىلدى. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور سىياسىي نىشانىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قالايمىقان باھا بېرىپ، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلەپ كەلدى، دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/terrorgha-qarshi-11022015131555.html

Share
1359 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.