logo

trugen jacn

ىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇكاپاتلار خىتاينى بىئارام قىلماقتا-2

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

گېرمانىيەلىك ئوبزورچى كاي شىرتماتتېر «ۋايمارنىڭ سىرى» ناملىق ئەسىرىدە، خىتاينىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇكاپاتلاردىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

15-نويابىر كۈنى جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتىدە ئېلان قىلغان «ۋايمارنىڭ سىرى» ناملىق ئەسىرىنىڭ باش قىسمىدا، گېرمانىيەلىك ئوبزورچىسى كاي شىرتماتتېر مۇنداق ئىبارىلەرگە يەر بېرىدۇ: «ئىلھام توختى يالغۇز كىشىلىك كامېردا سولاقتا، ئۇ ئەمدى ئۆز دىيارىدا كۈنسېرى زورىيىۋاتقان بېسىملارنى زىيارەتچىلەرگە يورۇتۇپ بېرەلمەيدۇ، ھاكىمىيەتنىڭ چىشىغا تېگەلمەيدۇ، ئۇلارنى تەنقىد قىلالمايدۇ، خىتايلار بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. ئەمما خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەركەزدىن ئورۇنلاشتۇرغان كوللېكتىپ مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى خىتاي ئىچىدە غەلىبىلىك سىناقتىن ئۆتكەن بىلەن، خىتاينىڭ سىرتىدا كارغا كەلمىدى. ئىلھام توختى ئۆتكەن يىلى جەنۋەدە، دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم 10 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلىكتە بېرىدىغان ‹مارتىن-ئەننالس مۇكاپاتى› غا ئېرىشتى».

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلىپ قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدىكى ئىلھام توختىغا ئائىت ماتېرىياللار خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىدا گويا «سېھىر قىلغاندەك غايىب بولغان». ئارىدىن يەنە ئىككى ھەپتە ئۆتمەيلا، مەزكۇر تور بېتى پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن. تور بەتنىڭ مەسئۇل خادىمى بۇنىڭ سىرىغا يېتەلمىگەن. «تۈرىنگېر گېزىتى» ئالدىنقى ھەپتە بۇ ھەقتە «تېخى ئىسپات بولمىسىمۇ، بۇ خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا خىتايدىن كەلگەن بولۇش ئېھتىمالى بار» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا نائىل بولۇشىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلىشى مەسىلىسىدە، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

«ۋايمارنىڭ سىرى» ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋايمار شەھىرىنىڭ باياناتچىسى رالف فىنكې «ئىلھام توختىغا بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلىش ۋاقتى، ئىلھام توختىنىڭ دىيارىدا بېسىم ئېغىرلىشىپ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىگە چىققان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى. ئۆتكەن يىلى يازدا، تىبەتتە ھوقۇق تۇتۇپ قاتتىق قوللۇق بىلەن دەۋر سۈرگەن چىن چۈەنگو كومپارتىيە سېكرېتارى بولۇپ شىنجاڭغا يۆتكەلگەن. شىتۇتگاتتىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زەنزنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، چىن چۈەڭو ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ بىر يىل ئىچىدىلا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا 80 مىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئالدىدىكى 10 يىلدىكى سان 40 مىڭ بولغان» دېگەن.

ئاپتور ئەسىرىنىڭ 3-بۆلىكىدە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارى شەھەرلىرىدە ساقچىخانىلارنىڭ رەت-رەت تىزىلىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى «سىياسىي تەربىيىلەش مەركىزى» گە سولىۋالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىندىن تېنىپ، كومپارتىيىگە ساداقەت بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، خوتەندىكى بىر يېزا سېكرېتارىنىڭ بىر دىنىي زاتنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشكە پېتىنالمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ جازالانغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەرنى تۈرلۈك گېزىت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بايان قىلغان.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ھازىر ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان سىياسىي بېسىملارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى چەكمەكتە. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز ئىنكاسىنى بىلدۈردى.

ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2017-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى ئىلھام توختىغا بېرىشتىكى سەۋەبنى «ئىلھام توختى ئون نەچچە يىلدىن بېرى تىنچلىق يولى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەددىدىن ئېغىر ئەھۋالىنى تونۇتۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن» دەپ ئىزاھلىغان ئىدى. «ۋايمارنىڭ سىرى» ناملىق ئەسەردە يەنە، ئىلھام توختىنىڭ بۇرۇنلا «بېسىمنىڭ زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان» لىقى بايان قىلىنغان. ئەسەردە شۇنداق يازىدۇ: «ئىلھام توختى بالدۇرلا ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئۆز يۇرتىدا چەتكە قېقىلىشى زوراۋانلىق ۋە رادىكاللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئالدىن ئېيتقان. ئەمما ئۇ 2014-يىلى بۆلگۈنچىلىك بىلەن قولغا ئېلىندى. ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن بۇ گۇناھ ھازىرغا قەدەر ئىسپاتلانمىدى. بۇ سوت ھۆكۈمىنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، ‹ئىلھام توختى چەتئەلدىكى گۇرۇھلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقتى› دېيىلگەن. دېمەككى، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭنى ئالاقزادە قىلغان جىنايىتى؛ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاممىغا، دۇنياغا ئاشكارىلاشتىن ئىبارەت».

ئاخىرىدا «ئەجەبا، خىتاي ۋايماردىكىلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ ئاقىلانە ئىش قىلغانمىدۇ؟» دېگەن سوئالنى قويغان ئاپتور، ۋايمار مۇكاپاتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ساشانىڭ مۇنداق جاۋابى بىلەن ئەسىرىگە خاتىمە بېرىدۇ: «بۇ تېمىنى ئەمدى ئاكتىپ تۇتۇش لازىم، ئاغرىغان يەرگە قول تەگكۈزۈش كېرەك». يەنى، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئەمدى قىزىق تېما ھالىدا داۋام قىلدۇرۇش، خىتاينىڭ ئېچىشقان يېرىگە تۇز سېپىش لازىم، دېمەكچى بولىدۇ.

ئالدىمىزدىكى 10-دېكابىر كۈنى، ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى تارقىتىدىغان بولۇپ، بۇ مۇراسىمغا گېرمانىيەدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇر جامائىتى قاتنىشىش ھازىرلىقىدا بولماقتا. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى مۇكاپاتنى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Share
1309 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.