logo

trugen jacn

ىتاي – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى نىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتمۇ – قات كۈچەيتىلىدىكەن

pakistan-cin

مېھرىبان

پاكىستان دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغا تۇتاشتۇرىدىغان «خىتاي – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتمۇ – قات كۈچەيتىدىكەن.

پاكىستاندا چىقىدىغان «مۇنبەر گېزىتى» (Express Tribune) نىڭ 1 – نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك خادىمى پاكىستان چېگراسى ئىچىدە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان 14 مىڭ 321 خىتاي ئىشلەمچىنى قوغداشقا 32 مىڭ بىخەتەرلىك خادىمى ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى، مەزكۇر بىخەتەرلىك خىزمىتىگە خىتايمۇ 500 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«خىتاي – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» نىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، پاكىستان بۇ لىنىيەنى قوغداشقا چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى، ساقچى خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

خەۋەردە پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى چاۋدھري نىسار پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە بىۋاسىتە قول تىققان بولۇپ، ئۇ پاكىستانغا ساياھەتكە كەلگەن ياكى پاكىستاندا ياشايدىغان بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنى رويخەتكە ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن.

بۇ يىل ئاپىرىل پاكىستاندا زىيارەتتە بولغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستان بىلەن 46 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالىغان. «خىتاي – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» مەزكۇر كېلىشىمنىڭ زور سالمىقىنى ئىگىلەيدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-pakistan-11032015225211.html

Share
1486 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.