logo

trugen jacn

خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى تۈركىيە تېكىستىل بانكىسىنى سېتىۋالدى

338416466712062015soda

خىتاينىڭ سودا-سانائەت بانكىسى تۈركىيەنىڭ تېكىستىل (توقۇمچىلىق) بانكىسىنى سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى تاماملاپ، تۈركىيەدە پائالىيەت باشلىغان تۇنجى بانكا بولۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تېكىستىل (توقۇمچىلىق) بانكىسى خىتاينىڭ سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ سېتىۋېلىش ئىشلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تېكىستىل بانكىسىنى سېتىۋېلىشىنىڭ، دۇنياغا يۈزلىنىش ئىستراتېگىيەسىدىن باشقا، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا: «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان خىتاي بىلەن تۈركىيە، پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى ۋە بازارلاردا بىر-بىرىنى تولۇقلىغۇچى دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىدە، يېڭى ئىستراتېگىيە ۋە ھەمكارلىق دائىرىسىدە، سودا، ئىقتىساد ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشتا مۇھىم نۇقتىغا يېتىپ كەلدى. يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد چەمبىرىكىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش، تۈركىيەنىڭ ئاسىيا ئۇل-ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولۇشى قاتارلىقلار، خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدە تۈزمەكچى بولغان ئۇل-ئەسلىھەگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە ئاساس ياراتتى» دېيىلدى.
خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈچىنچى سودا شېرىكى ۋە ئەڭ كۆپ مال ئىمپورت قىلىدىغان ئىككىنچى دۆلەت ھالىغا كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، يەنە مۇنداق دېيىلدى: « تۈركىيە خىتاينىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەتلەرنىڭ سىرتقا مال ئېكسپورت قىلىشىدا مۇھىم بازار بولۇش رولىغا ئىگە. خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزن مۇددەتلىك سودا نىشانلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى ئىككى دۆلەت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 100 مىليارد دوللارغا يېتىشى نىشان قىلىنماقتا.»
تۈركىيە تېكىستىل بانكىسىنىڭ 44 شۆبىسىدە تەخمىنەن 900 خىزمەتچى ئىشلەيدۇ.
Share
1205 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.