logo

trugen jacn

نەنسىي پېلۇسى: مىليونلىغان ئادەمنى ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلاش مەدەنىيەتلىك ئىنساننىڭ ئىشى ئەمەس

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلۇسى خانىم سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.

4-ئىيۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئەسناسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلۇسى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەربابلار پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدى. ئۇنداقتا، ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى دېدى؟

«تيەنئەنمېننىڭ 30- يىلى: خىتايدىكى باستۇرۇشنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى قايتا باھالاش» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى ھەققىدىكى بايانلار ئالاھىدە كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى. بۇلار يىغىن رىياسەتچىسى جەيمىس مىكگوۋېرن، كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو روبىيو ۋە توماس سوئۇزى، ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت قاتارلىقلارنىڭ بايانلىرىدا ئارقا ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىغىنغا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى 3- نومۇرلۇق شەخس نەنسىي پېلۇسى خانىممۇ گۇۋاھلىق بەرگۈچى سۈپىتىدە قاتناشقا ئىدى. ئۇمۇ ئۆز بايانلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. 

بىز يىغىن ئەسناسىدا نەنسىي پېلۇسى خانىم ۋە جەيمىس مىكگوۋېرن ئەپەندىلەرنى ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ھەققىدىكى قاراشلىرىنى سورىدۇق. 

تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

نەنسىي پېلۇسى: بۇ بەكمۇ قايغۇلۇق ئىش

نەنسىي پېلۇسى خانىم «تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 30 – يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان مىنۇتلاردا خىتاي 1 دىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قامىدى، بۇ ھەقتە قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟» دېگەن سوئاللىرىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«بۇ بەكمۇ قايغۇلۇق ئىش. مەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىلەرنىمۇ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىشقا چاقىرىمەن. بىز پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى خرىستىئان، يەھۇدىي، مۇسۇلمان ۋە ھىندىلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەكىتلەپ كەلدۇق. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى، يەنى مىليونلىغان ئادەمنى ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلاش ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتلىك ئىنسان قىلىدىغان ئىش ئەمەس.»

نەنسىي پېلۇسى: ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان غايەت زور ئادالەتسىزلىك تۈپەيلى بىز بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز

ئۇ، «سىز قوللىغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› نىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى قانداق بولدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.


ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ قانۇننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىز ئىجابىي يۆلىنىشكە قاراپ كېتىپ بارىمىز. بۇ قانۇنىنىڭ پات-ئارىدا ماقۇللىنىدىغان ياكى ماقۇللانمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇنىڭ ماقۇللىنىشى ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى. ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان غايەت زور ئادالەتسىزلىك تۈپەيلى بىز بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. 

ئۇ، «ھۆكۈمەتكە دەيدىغان قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟» دېگەن سوئاللىرىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: 
«مېنىڭ دەيدىغانلىرىم ئەزەلدىن ئوخشاش. خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇشى كېرەك. ئەمما، بۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش دېگەنلىك ئەمەس.»

جەيمىس مىكگوۋېرن: بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى مېنىڭ ئۈمىدىم

بىز يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ماسساچۇسېتس شتاتىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى جەيمىس مىكگوۋېرن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. 

ئۇ«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى مېنىڭ ئۈمىدىم، ھەتتا پات ئارىدا ماقۇللانغانلىقىنى كۆرۈش مېنىڭ ئارزۇيۇم. بىر بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

جەيمىس مىكگوۋېرن: ئۆلتۈرۈشلەرگە خاتىمە بېرىلىشى لازىم

بىز ئۇنىڭدىن، «روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى سىزنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىگە قارشى ئۈن چىقارمىغان مۇسۇلمان دۇنياسىغا دەيدىغان قانداق سۆزلىرىڭىز بار.» دېگەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن جەيمىس مىكگوۋېرن ئۆلتۈرۈشلەر ۋە جازالاشلارنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى كۆپ تىلغا ئالدۇق. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىدىن تولىمۇ ئەندىشىلىنىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگىنى بەكمۇ قەبىھ. دۇنيا ھازىر بۇنىڭدىن خەۋەردار، ئۇلار جازا لاگېرلىرىنى، جازالاشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ. تۈرمىگە تاشلاشلار، ئۆلتۈرۈشلەرگە خاتىمە بېرىلىشى لازىم.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە سۆزلەشنى ئىزچىل داۋام قىلىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمەت قىلىنىش ھەققى بار. بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ھېچكىم بېسىقتۇرالمايدۇ.»

جەيمىس مىكگوۋېرن: بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەشچى قىلىۋاتقانلار بىلەن بىر سەپتە

بىزنىڭ خىتاي پائالىيەتچى ۋە خىتاي تىللىق ئاخباراتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئانچە كۆپ تىلغا ئالماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن جەيمىس مىكگوۋېرن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ۋە لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كۆمەتتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر نەچچە قېتىم گۇۋاھلىقى بېرىش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزدۇق. 

نۆۋەتتە كۆپلىگەن دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر مۇھىم بولغانلىقىنى بىلدۇ دەپ قارايمەن. بۇلار تىبەتلەر ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن بىر سەپتە.»


https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/nensi-pilusi-06042019172458.html

Share
1172 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.