logo

trugen jacn

نەنجىڭ مىللىي قىرغىنچىلىغى ۋە يەكەن مىللىي قىرغىنچىلىغى

141213030651_nanjing_remembrance_624x351_xinhua

مەھمەتىمىن ھەزرەت

بۇگۈن خىتاي ھۈكۈمىتى،پۈتۈن خىتاي دۆلىتى مىقىياسىدا بىر كۈنكۈك ماتەم ئىلان قىلدى.چۈنكى،بۇگۈن 13.دىكابىر نەنجىڭ مىللىي قىرغىنچىلىغىنىڭ 77.يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى

بۇگۈن ئەتتىگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ ۋە باشقا بارلىق دۆلەت،پارتىيە،ھۈكۈمەت رەھبەرلىرى نەنجىڭ شەھرىدە ھازىر بولدى ۋە 1937.يىلى 12.ئاينىڭ 13.كۈنى ياپونلار خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى پايتەختى نەنجىڭنى بىسىۋالغاندا ياپون ئارمىيىسى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغان قۇربانلىرى خاتىرىسىگە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغۇلۇق ماتەم مۇراسىمىدا تەزىيە بىلدۈرۈشتى

indir

بۇگۈن ئەتتىگەن بىيجىڭ ۋاختى سائەت 10 دا باشلانغان تەزىيە يىغىنىنى خىتاي دۆلەتلىك ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلىك تىلىۋىزور ئىستانسىلىرى نەخ مەيداندىن جانلىق خەۋەر قىلىپ تۇردى.خىتاي دۆلەت باشلىقى شىجىنپىڭ سۆزلىگەن نۇتقىدا،ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ خىتاي خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن مىللىي قىرغىنچىلىغى خىتاي خەلقىنىڭ ئىسىدىن چىقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.تىلىۋىزور دىكتورلىرى؛نەنجىڭ قۇربانلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغىنى،ئۇلارنىڭمۇ ھاياتتا ئارزۇ-خىياللىرىڭ بارلىغىنى،ئامما،دۈشمەن تەرىپىدىن ۋاقىتسىز قىرىپ تاشلانغانلىغى،سۆزلەندى

يىقىندا يۈزبەرگەن “يەكەن7.28 مىللىي قىرغىنچىلىغى”دا  ئۆلتۈرۈلگەن 3000 ئۇيغۇرنىڭمۇ ئۆز ۋەتىندە ياشاش ھۇقۇقى بار ئىدى.ئۇلارنىڭمۇ ھاياتتا ئارزۇ-خىياللىرى بار ئىدى.ئامما،بۇ ئۇيغۇرلار چەتئەلدىن بىسىپ كەلگەن ئارمىيە تەرىپىدىن ئەمەس،بەلكى،65 يىلدىن بىرى خىتاي ھاكىمىيىتى “ئۆز پۇخرالىرىمىز” دەۋاتقان خەلق، بۇ پۇخرالارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بولغان خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلاندى

نەنجىڭ ئاھالىسىنىڭ قىرىپ تاشلانغانلىقى بىر رىئاللىقتۇر.گەرچە ئەينى زاماندىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلارنى سوتلىغان خەلقارا سوت،نەنجىڭدا ئۆلتۈرلگەنلەرنىڭ سانى 200 مىڭ ئەتىراپىدا،دەپ ئىلان قىلغان بولسىمۇ،خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ ساننى 300مىڭ،ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ جىنسى ئىھتىياجى ئۈچۈن ياپون ھەربىي لاگىردا تۇتۇلغان خىتاي قىزلىرىنىڭ 20مىڭ نەپەر ، دەپ ئىلان قىلماقتا.ياپون ئارمىيىسى نەنجىڭگە يىقىنلىشىپ كەلگەندە،نەنجىڭنى قوغداۋاتقان 150 مىڭ (شەڭخەينى ياپونلارغا تاشلاپ بىرىپ قىچىپ كىلىۋالغان ئەسكەرلەرمۇ بار ئىدى) گومىنداڭ ئارمىيسى بار ئىدى.بىراق بۇ 150مىڭ قۇراللىق ئەسكەر نەنجىڭنى تاشلاپ قىچىپ چىقتى ۋە خەلقنى ياپونلارغا تاشلاپ بەردى.نىمىلا بولمىسۇن بىز،ياپون ئارمىيىسىنىڭ خىتاي پۇخرالىرىنى قىرىپ تاشلىغانلىقىنى ئىيىپلايمىز.ياپونلار تەرىپىدىن بۈزەك قىلىنغان بىر مىللەت بۇگۈنكى كۈندە كىچىككىنە 3 يىزىدا 3000 نەپەر قۇرالسىز ۋە بىگۇنا ئۇيغۇرنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ۋە بۇ جىنايى قىلمىشنى دۇنيا جامائەتچىلىگىدىن يۇشۇرۇپ تۇرىۋاتقانلىغى 21.ئەسىردىكى مەدىنىي دۇنيادا قۇبۇل قىلىنىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈمىتسىزلەنمەي سەبىر قىلىپ تۇرىشى ئۈچۈن مۇنۇ پاكىتلارنى سەمىڭلارغا سىلىشنى زۈرۈر دەپ قارايمەن؛ نەنجىڭ مىللىي قىرغنچىلىغى يۈز بەرگەن 1937.يىلى خىتاينىڭ دىڭىز بويلىرىدىكى بارلىق شەھەرلىرى ياپونلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.ياپونلار كۈنسىرى كۈچلىنىپ كىڭىيىۋاتاتتى.ياپونلار شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى،ئاسىيا-پاسىپىك،تىنىچ ئوكىيان دا ياپونلار 36 دۆلەت ۋە رايوننى بىسىۋالغان ئىدى ۋە بۇ رايونلاردىن ئامەرىكا،ئەنگىلىيە،گوللاندىيە،پىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى قوغلاپ چىقارغان ئىدى. خىتاينىڭ مانجۇرىيە ئايرىم دۆلەت بولۇپ،ئىچكى موڭغۇلنىڭ مەركىزى كوھخۇتمۇ ياپونلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى.ياپونلار مانجۇرىيەدىن سەۋىت ئىتتىپاقىنىڭ سىبىريەگە ۋە ئەركىنلىك تەرەپدارى مۇڭغۇللارنىڭ تەلىۋى بىلەن تاشقى مۇڭغۇلىيەگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم يۈرگۈزىۋاتاتتى.ياپونلار،ئىچكى موڭغۇلىيەدىن شەرقى تۈركىستانغا كىرىپ قاراماي نىفىتلىگىنى قولغا كىرگۈزۈش بىلەن بىرلىكتە،شەرقى تۈركىستاندىن ئايرۇپىلان ئىۋەتىپ باكۇ نىفىتلىكىنى بومبىلاپ،سەۋىتنىڭ نىفىت مەنبەلىرىنى تامامەن كىسىپ تاشلاش ئۈچۈن كەڭ كۈلەملىك ھەربىي پائالىيەت ئىلىپ بىرىۋاتاتتى.ئامىرىكىنىڭ خىتايغا قىلغان ھەربىي ياردىمىگە ۋە ياپون سودا پاراخوتلىرىنىڭ مالاككا بوغازىدىن ئۆتىشى توسۇۋېلىنغانلىغىغا  غەزەپلەنگەن ياپونلار 1941.يىلى 7.دىكابىر كۈنى ئامىرىكىنىڭ ھاۋايى ۋە ھاربور ئارىلىدىكى ھەربىي بازىسىنى تامامەن ۋەيران قىلىپ تاشلىدى.ئامىرىكىنىڭ 12 ئۇرۇش پاراخودى،188 ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنى پاچاقلاپ تاشلىدى ۋە 2403 نەپەر ئەسكىرىنى ئۆلتۈرىۋەتتى

800px-USSArizona_PearlHarbor
بۇ يىللاردا خىتاي خەلقى مىللى مۇستەقىللىقنىڭ قولغا كىلىشىدىن تامامەن ئۈمىتسىز ئىدى.خىتاي كومىنىست پارتىيىسى “جۇڭخۇۋا سەۋىت رىسپوپلىكىسى” ئىسمى ئاستىدا يەنئەندە ئايرىم بىر دۆلەت قۇرۇپ تاغ كامىرلىرىغا يۇشۇرنۇۋالغان بولسا،گومىنداڭ ئارمىيىسى،ياپون ئارمىيىسى ئالدىدا خۇددى مۇشۇكنىڭ ئالدىدا قاچقان ساچقانداك توختىماي قىچىۋاتاتتى.خىتاينىڭ ھۈكۈمەت،ئارمىيە،كاپىتالىست،زىيالىلار ئىچىدە كۆپ سانلىق كىشىلەر ياپونلارغا قارشى تۇرۇشتىن ۋاز كىچىپ،ياپونلار بىلەن ئورتاق پائالىيەت ئەلىپ بىرىشقا رازى بولغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى.خىتاي خەلقىدە ياپونلارغا قارشى ئىرادە سۇنغان،ئۈمىتسىزلىك،قۇللۇققا بويۇن ئىگىش پىسخولوگىيەسى پۈتۈن خىتاينى قاپلىغان ئىدى.ھەتتا نەنجىڭ قىرغىچىلىغىنىڭ بولغانلىغىدىن خىتاي خەلقى خەۋەرسىز ئىدى.چۈنكى،خىتاي دۆلىتىنىڭ ئارخىۋىدا قولغا چىققىدەك دەلىل يوق ئىدى.نەنجىڭ قىرغىنچىلغى بولغان 1937-1938 يىللىرىدا نەنجىڭ،شاڭخەيلەردە تىجارەت قىلىپ يۈرگەن گىرمان سودىگەر جون رەبە نەنجىڭدە تارتقان رەسىم ۋە پىلىملەرنى 2.دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن خىتاي دۆلتىگە تەقدىم قىلدى.بۇ پاكىتلار ئارقىلىق نەنجىڭ قەتلىيامنىڭ دەھشەتلىك مەنزىرىسى بىلەن خەتاي خەلقى ۋە دۇنيا تونۇشقان بولدى.بىزنىڭ قولىمىزدا بولسا مىللىي قىرغىنچىلىققا دائىر يىتەرلىك دەلىللەر مەۋجۇت

ۋەتىنىمىزنىڭ يەر ئاستىدىكى نىفىت،تەبىئى گاز ۋە باشقا كان بايلىقلىرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن،يەر ئۈستىدىكى مىدىراپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرلىشى كىرەكمۇ؟

petrol-ureten-ulkeler

خىتاي خەلقى ئارىسىدىكى، ئۈمىتسىزلىك بۇگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاتلىققا بولغان ئۈمىتسىزلىگىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىدى.ئامما، نەنجىڭ مىللىي قىرغىنچىلىغىدىن 8 يىل كىيىن ياپونلار ئامىرىكىنىڭ ياپونىيەگە تاشلىغان 2 ئاتوم بومبىسى بىلەن شەرتسىز تەسلىم بولدى ۋە مانجۇرىيەگە رۇس قىزىل ئارمىيىسى كىردى.ياپون ئارمىيەسى خىتايدىن چىكىنىپ چىقتى

خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىگى 1946.يىلى 2.ئايدا “ياپون ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش سوت مەھكىمىسى”نى قۇردى ۋە ئامىرىكىنىڭ ،ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش خەلقارا سوتىدىن نەنجىڭ مىللىي قىرغىنچلىغىدا شەھەر ئاھالىسىنى قىرغىن قىلىش بۇيرىغىنى چۈشۈرگەن ياپون قۇماندانلىرىڭ خىتايغا بىرىشنى تەلەپ قىلدى.نەنجىڭ ئۇرۇشىغا قۇماندانلىق قىلغان ياپون قۇماندان تاناكا گۇنكىچى ۋە بىر قانچە قۇماندان خىتايغا تاپشۇرۇلدى.خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرگى قۇرغان “ياپون ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش سوتى” نىڭ سوت باشلىغى شىمەي يۈ 1947.يىلى 1.ئاينىڭ 28.كۈنى ياپون قۇماندان تاكا گۇنكىچىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىگىنى ئىلان قىلدى ۋە ئىتىپ ئۆلتۈرۈلدى

200px-Shi_Meiyuسوت باشلىغى شىمەي يۈ

 

zgsp42ياپون قۇماندان تاكا گۇنكىچى

يۇقارقى تەپسىلاتلارنى نىمە ئۈچۈن يازدىم؟ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈمىتسىزلەنمەسلىگى ئۈچۈن.بۇگۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ھەقىقەتەن كۈچلۈك.ئۇيغۇر مىللىتىنى خالىغانچە ،خالىغان كىشىلەرنى خالىغان يەردە قىرىپ تاشلاۋاتىدۇ.ياپونلار ئۇرۇش شارايىتىدا دۈشمەن تەرەپنىڭ خەلقىنى قىرغان بولسا،خىتاي تىنىچ شارايىتتا “خىتاي پۇخراسى” دەۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرىۋاتىدۇ

doguturkistanda_yeni_katliam_15_olu_h5643

بۇگۈنكى خىتاي قانچىلىك كۈچلۈك بولسىمۇ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى ياپونلارچىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس.بۇگۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى،ئۆز ۋاختىدىكى ياپون مىلىتارىست ھاكىمىيىتىدىنمۇ خەتەرلىك.چۈنكى،خىتاي كۈچەيگەنسىرى،ئاسىيا ۋە دۇنيا تىنىچلىغىغا بولغان تەخدىت كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇگۈن پۈتۈن خىتاي خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۇزۇن يىللار ئۇنۇتۇلۇپ قالغان “نەنجىڭ مىللىي قىرغىنچىلىغى”نى خاتىرلەش باھانىسىدا خىتاي خەلقىنىڭ ياپونلارغا بولغان مىللىي نەپرىتىنى ئۇلغايتىشى تەساددىبىر ۋەقە ئەمەس

شۇنداق بىر كۈن كىلىدىكى؛ بارىن قەتلىيامى،غۇلجا قەتلىيامى،ئۈرۈمچى قەتلىيامى،تۇرپان-پىچان قەتلىيامى،مارالبىشى-سىرىقبۇيا قەتلىيامى،خوتەن-بالىماس قەتلىيامى،يەركەن قەتلىيامى،بۈگۈر قەتلىيامى… قىسقىسى گۇناسىز ۋە قۇرالسىز قىرى-چۈرى،ئايال،بالا دەپ ئايرىماستىن ئۇيغۇر بولغانلىغى ئۈچۈنلا ئاھالىلارنى ئوق يامغۇرىغا تۇتۇپ قىرىپ تاشلىغان ۋە ئۇزاقتا تۇرۇپ بۇيرۇق بەرگەن بارلىق قاتىللار خەلق ئالدىدا سوتلىنىدۇ ۋە جازالىنىدۇ.ئۇيغۇر خەلقى بۇ كۈنلەرنىڭ كىلىدىغانلىغىغا قەتئى ئىشىنىشى لازىم

4437e68d893a15a6e2b04b
نەنجىڭ خەلقىنىڭ قاتىللىرى 10 يىل كىيىن جازالانغانلىغىغا ئوخشاش،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتىللىرىمۇ بىر كۈنى مۇتلاق جازالىنىدۇ.ئۇ جازانى بەرگۈچى ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان سوت مەھكىمىسى بولىدۇ

زۇلۇمنىڭ ئەڭ كۈچەيگەن دەۋرى دەل زالىملارنىڭ ئۆلۈمگە يىقىنلاشقان دەۋرىدۇر

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈمىتسىزلىنىشىگە ھىچقانداق ئاساس يوقتۇر. ئۈمىتسىزلىك پەقەتلا جەسەتلەرگە خاستۇر

ئاللا،يىتىم،تۇل،ئاجىزلارنىڭ دات-پەرياتقا تولغان دۇئاسىنى يەردە قويمايدۇ

dua3

 

يىل 2014- 12.ئاينىڭ 13. كۈنى

Share
3333 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.