logo

trugen jacn

نەزەربايېۋ: خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۇلىنىشىدا قورغاس مۇھىم رول ئوينىدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

نەزەربايېۋ: خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۇلىنىشىدا قورغاس مۇھىم رول ئوينىدى

 قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى.

مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم – ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەت، سېلىنما، كۈلتۈر، تېخنىكا ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

پىرېزىدېنت نەزەربايېۋ  قازاقىستان – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەل بولمىغان مەسىلە قالمىدى، ئىقتىساد ساھەسىدە خىتاي قازاقىستاننىڭ مۇھىم شېرىكىدۇر» دېدى ۋە بۈگۈنگە قەدەر خىتايغا قازاقىستاننىڭ ۋاستىسى بىلەن 100 مىليون توننا نېفىت، 180 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز يوللانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى، خىتاينىڭ تامۇژنا دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا %46 ئاشقان. بىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا %30 ئاشقان» دېدى.

خىىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ؛ بىر يول»  لايىھەسىنى ئاكتىپ ھالدا قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن نەزەربايېۋ، «بىر بەلۋاغ؛ بىر يول لايىھەسى دائىرىسىدە، بىزنىڭ «نۇرلۇق يول» لايىھەمىزگە ئالاقىدار كېلىشىمىمىزنى ئىمزالاشقاندىن كېيىن، خىتاي چېگراسىدىن تارتىپ، ھازار دېڭىزىغىچە تۆمۈر يول ياساپ بولدۇق. خىتاي چېگراسىدىكى قورغاس ئېغىزىمىز بىلەن ئالماتا شەھىرىمىمىزنىمۇ بىر بىرىگە تۇتاشتۇردۇق. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۇلىنىشى ئىشقا ئاشتى» دېدى.  

خىتاي دۆلەت رەئىسى شىمۇ بىر بەلۋاغ بىر يول لايىھەسىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن قازاقىستانغا رەخمەت ئېيتىپ، «خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ساھەلەردە قويۇق مۇناىسۋەتلەرنىڭ ئىشقا ئېشىشى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر» دېدى. 

قازاقىستان – خىتاي سودا – سانائەتچىلەر كېڭىشى يىغىنىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئومۇمىي قىممىتى 8 مىليارد دوللارلىق 20 كېلىشىم ئىمزالاندى.

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
922 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.