logo

trugen jacn

نەجمىدىن شىرىف قارلۇق:  مۇستەقىللىق ئېتىقادتۇر

نەجمىدىن شىرىف قارلۇق

دوستۇم ئابدۇۋەلى، گەرچە ئىككىمىزنىڭ ئايرىم لىنىيە ئېچىپ ئىلمى مۇنازىرە قىلىش ئىمكانىمىز بولسىمۇ، سىز ماقالىنى ئۇچۇق فېسبوكتا ئېلان قىلغىنىڭىز ئۈچۈن مەن ھەم تەشەببۇسۇمنى ئۇچۇق ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈرىيىتى ھىس قىلدىم.

بىز مۇستەقىللىق پۇرسىتىگە مۇشۇ 50 يىلدىن بۇيانقى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك يېقىنلىشىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە لىكسىيلىرىمدە توختالغىنىم ئۈچۈن تەكرارلىمايمەن. ئۈمىد گەرچە ئىنتايىن ئاجىز بولسىمۇ، ئىمكانىيەت- ھەتتا كۆرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە كىچىك بولسىمۇ ئۇرۇنۇپ بېقىشتىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. چۈنكى باشقا تاللاش يوق.
تەكرارلاۋاتقىنىمىزدەك، ھەر قانداق كىچىك قىمممەتمۇ نۆلدىن چوڭ. ۋەتەن مۇستەقىللىقى بىزنىڭ نومۇسىمىز بولغانلىقتىن، ھىچقانداق لوگىكا بىزنى تەسلىم قىلالماسلىقى كېرەك.
مىڭ قېتىم مەغلۇپ بولساق ھىچقىسى يوق بەلكى پۇرسەت مىڭ بىرىنچى قېتىمدا بولۇشى مۈمكىن، بىز يەنىلا ئەڭ شەرەپلىك يولنى تاللايمىز. چۈنكى باشقا تاللاش يوق.

خوش، مۇستەقىل بولۇشقا كۈچىمىز يەتمىسە قانداق قىلىمىز؟ باشقا پىلان بارمۇ؟

بىز ئەڭ بولمىغاندا، ئۆز پوزىتسىيەمىزنى بىلدۈرۈش، ۋە ياكى ئۆز شەرىپىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ كۈچلۈك بىر مۇستەقىللىق ئىرادىسى ئاستىدىكى ئۇمۇمى خەلق ھەركىتىگە ئېھتىياجلىق.
ئارماننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى باشقا گەپ ، ئارمان ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەركەتكە ئاتلىنىش يەنە باشقا گەپ.
«تەشكىلات دېگەنلەرنىڭ ۋەتەندە باشقىلارنى ئۆزىگە چېتىپ تۇتۇپ بېرىشتىن باشقا رولى يوقلىقى»غا شاھىت بولۇپسىز.
بىر ئىنساننىڭ ۋەتىنى قۇل قىلىنغان ھالدا تىرىك يۈرۈشتىن ، ئۆلۈپ كېتىشنى ياكى تۈرمىدە چىرىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، ۋىجدانى مەسئۇلىيىتىنى، شان-شەرىپىنى ئادا قىلىشقا ئاتلانغىنى تېخىمۇ شەرەپلىك ئىشتۇر. مانا بۇ بۇ ئاللىبۇرۇن تەسلىم بولۇپ بولغان زىيالىلارنىڭ روھىدا كەم بولۇۋاتقان ئۈزۈل كېسىل مەغلۇبىيەت ئالدىدىمۇ ، ئەسلا بويۇن ئەگمەي شەرەپ ئۈچۈن قۇربان بولۇش تۇيغۇسىدۇر.

سىز شاھىت بولغان «رولى يوق تەشكىلات قۇرغانلار» ھەر ھالدا قۇرۇپتىكەن ، مەيدانىنى ئىپادىلەپتىكەن، شۇلارنىڭ بىرى بولغىنىم ئۈچۈن دەيمەنكى، ئارمانىم يوق. تۈرمىدىكى كۈنلىرىمنى، مېنى ئىنسان ئەتكەن غۇرۇر نۇقتام، شەرەپ مۇنبىرىدىكى كۈنلىرىم دەپ بىلىمەن …. ئەنە شۇ تەشكىلاتىمىزنڭ تەسىرىدە غۇرۇرىمىزنى تەربىيەلەپ ئەسلا ۋاز كەچمەسلىكنى، خار ياشاشتىن ئۆلۈمنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىپ چىقتۇق. بۇ بىزچە رولى يوقلۇق ئەمەس بەلكى بۈيۈك تەربىيەلىنىشتۇر.

بۇنى ئېتىراپ قلىش ئۈچۈن لوگىكا ئەمەس، روھ لازىم.
لوگىكا بىلەن كېلەيلى، خوش، تەشكىلاتلارنىڭ «باشقىلارنى ئۆزىگە چېتىپ تۇتۇپ بېرىشتىن باشقا رولى يوق» ئىكەن دەپ قۇرمىغانلارچۇ ؟
ئويغىنىشنىڭ، ۋە ھەتتا ئۇيغۇر بولۇشنىڭ «باشقىلارنى ئۆزىگە چېتىپ تۇتۇپ بېرىشتىن باشقا رولى يوق» بولۇۋاتقانلىقى ئىسپاتلىنىۋاتقانلىقتىن، بىز ئوغىنىشنىمۇ، ئۇيغۇر بولۇشنىمۇ ئىنكار قىلامدۇق ؟
ئۈمىدنى ئاجىز دەپ سۈكۈتنى تەۋسىيە قىلىش كېرەكمۇ؟
ئۆز مىللىتىنى ئېزىشكە قاتنىشىۋاتقان مۇناپىق ساقچىلارنى ئىشقا كىرىشتۈرىۋاتقىنى دەل مۇشۇ «كۈچ يەتمەيدۇ»، «مۈمكىن ئەمەس»، «بۇ ساقچىلىقنى بىز قىلمىساق باشقىلار قىلىدۇ» دىيىلىپ ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان ئۈمىدسىزلىك ئەمەسمۇ؟
بىز ئۈمىدسىزلىكنى تەرغىپ قىلىشتىن نىمە نەتىجىگە ئېرىشىمىز؟ ئەكسىچە بولغاندىچۇ؟

شاھىد بولۇش تىلغا ئېلىنسا، «چوقۇم ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئاۋارە بولماڭلار » دەپ دىاگنوز قۇيۇلۇپ دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلەردىن بىرىنىڭ تەراار تەدبىر ئارقىسىدا ھايات قالغىنىغا شاھىد بولغانمەن.
مۇستەقىللىق ئۈمىدى، مىليۇندىن بىر نىسبەت بولغاندىمۇ سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان بىر مۇقەددەس نۇقتىدۇر.

ئابدۇۋەلى، 2016-يىلى دىكابىردا مەن سىزنىڭ ئەنقەرەدىكى ئۆيىڭىزدە تۇرغاندا «ماقالە يېزىش- ئىچ پۇشۇقنى چىقىرىش ئەدەبىياتىغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ»دىيىشكەن ئىدۇق. ئالدىنقى يىلى يەنە« بىز تەھلىلگە ئەمەس، تەدبىرگە ئېھتىياجلىق» دەپ ئۆزئارا تەكىتلەپ ئۆتتۇق.
مىللىتىمىز مۇستەقىللىقتىن باشقا ھىچبىر تاللاش يوق ئەھۋالدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۈمىدنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ھىچنىمىگە يارىمايدۇ.
بىزنى يىڭنىنىڭ كۆزىدەك ئۈمىد بولسىمۇ ئىلھاملاندۇرىدىغان، بىزنى تەشكىلىنىشكە، ھەركەتكە، ئاكتىپلىققا ئۈندەيدىغان يازمىلار ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىزدەنگەنچە بايقايسىز. بۇرۇن قارا كۆرۈنگەن نۇقتىلارنىڭ بوز بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ھەم كۆرۈشىڭىز مۈمكىن…
ئۈمىدنىڭ كىچىك بولسىمۇ بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىمەن.
سىزنى ئەڭ كىچىك ئۈمىد ئۈچۈنمۇ تەدبىرگە كېلىدىغان، شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆلۈمگە ئۆزىنى ئۇرالايدىغان سەپداشلىرىم قاتارىدا كۆرۈشنى خالايمەن.
07.05.2020

Share
1559 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.