logo

trugen jacn

نېمە ئۈچۈن پرېزىدېنت دونالد ترامپ پرېزىدېنتلىقنى تۇتۇپ قالالمىدى؟

 

نەزەر

 

ئامېرىكا ۋە خىتاي ئۆزئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىنكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى ئىچىدە پرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاي كومھۆكۈمىتىگە قارىتا ئەڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيا مەنپەئەتى ھەمدە غەرپ دېموكراتسىيىسىنى قوغدىغان قەھرىمان بىر پرېزىدېنت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئىناۋىتىنى كۆرتەردى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەدىر- قىممىتى ۋە غۇرۇرىنى ئۆستۈردى،ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەنىلا قودرەتلىك بىر دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى قايتىدىن دۇنياغا نامايان قىلدى. خەلقئارادا ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي كۆمھۆكۈمىتىگە قارىتا كۈچلۈك ۋە قەتئىي تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىپ، خىتاي كومھۆكۈمىتىنى غال- غال تىترەتتى، ئۇلارنىڭ تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى، خىتاي كومھۈكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا تايىنىپ ئادالەتسىز تەرەققى قىلغان ئىقتىسادىغا قاتتىق زەربە بەردى.  پرېزىدېنت دونالد ترامپ  باشچىلىقىدىكى ئا ق ش ھۆكۈمىتى خەلقئارادا خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇشنى مەقسەت قىلغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانى « بىر بەلۋاق، بىر يول قۇرۇلۇشى» غا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى ۋە دۇنيا خەلقىگە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ  دۇنياغا بالايىئاپەت  ئېلىپ  كېلىدىغان  بىر  مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھۆقۇقنى قوغداش بۇيىچە ئاجايىپ ئىشلارنى قىلدى، كىشلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ بايراقدارى بولدى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا سىياسىي سەھنىسىگە چىقاردى، پرېزىدېنت دونالد ترامپ « ئۇيغۇر كىشلىك ھۆقۇقى سىياسىتى قانۇنى» نى تەسدىقلىدى.  گەرچە پرېزىدېنت دونالد ترامپ  شۇقەدەر نەتىجىلىك ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇس، ئۇ بۇ قېتىمقى سايلامدا پرېزىدېنتلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالمىدى. نىمە ئۈچۈن پرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇ قېتىمقى سايلامدا رىقابەتچىسىگە ئۇتقۇزۇپ قويدى؟ بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى قىسقىچە قىلىپ تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىلارغا يېغىچاقلاش مۇمكىن:

  1. باشلىقلاردا بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەتلەر تولۇق ئەمەس. بولۇپمۇ كىشلىك مۇناسىۋەت ئىقتدارى كەمچىل، بىلىم سەۋىيىسى ھەم چەكلىك ھەم كۆپ تەرەپلىمە ئەمەس. دۆلەت ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەلسەپىۋى  نەزەرىيسى جەھەتتىن تەھلىل قىلىش قابىلىيىتى يۇقىرى ئەمەس.  كىشلىك خاراكتېرى تۇراقسىز، مۇقىم ئەمەس.
  2. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى مەمۇرىيەت تەجرىبىسى يوق.
  3. ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىدە رادىكال ئۆزگىرىشلەرنى قىلدى.
  4. پرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە سايلىغۇچىلارغا بەرگەن قىسمەن ۋەدىلىرىنى ۋۇجۇتغا چىقارمىدى.
  5. مەملىكەت ئىچىدىكى ئىرقىي مەسىلىلەرگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى روشەن بولمىدى. قارا تەنلىكلەرگە بولغان  ھۆرمەتتە بەزى مەسىلىلەر سادىر بولدى.
  6. ئاق ساراينى نىسپىي ھالدا « خانلىق ساراي » دەك قىلىۋالدى.
  7. « كورونا ۋىروسى » مەسىلىسىگە جىددى قارىمىدى، بىپەرۋا پوزىتسىيەدە بولدى، « كورونا ۋىروسى » گە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئۆز ۋاقىتىدا قوللانمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدا نەچچە يۈز مىڭدىن كۆپ ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. « كورونا ۋىروسى » پاجىئەسى دۆلەت بۇيىچە ئىشلەپچقىرىش ۋە مۇ قىسمەن لازىمەت قاتارلىق ساھەلەرگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى،ئىقتىساد ناچارلاشتى، مىليون- مىليون كىشلەر ئىشسىز بولۇپ قالدى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۆچرىدى، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك  تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۇشى تەس بولۇپ قالدى. بۇ ئشلارنىڭ  نەتىجىسىدە پرېزىدېنت دونالد ترامپ  مىليونلىغان سايلىغۇچىلارنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىسىدىن قالدى.
  8. ئۆزىگە تامەننا قويۇپ، ئاساسسىز ھالدا ئۆزىنىڭ قايتا سايلىنىشغا بەك ئىشىنىپ، پرېزىدېنتلىق سايلام تەشۋېقاتىغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىدى. سايلام رەقىبىنى يۈزەكى تەھىلل قىلىپ، سايلام رەقىبىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى بىلمىدى،بىلگەن بولسىمۇ پىسەنت قىلمىدى. ئۆزىنىڭ تۈنجى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا سايلىغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى نىمە ئۈچۈن پرېزىدېنتلىققا تاللىغانلىقنىڭ ئاساسىي سەۋەپلەرنى يەكۈنلىمەي بۇ قېتىملىق پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەييارلىقى بولمىغان ھالدا ئاتلاندى.

بۇندىن باشقا يەنە  ئامېرىكىلىقلارنى ئۆزگىرىشچان جەمئىيەتتە ياشاشنى خالاشتىن ئىبارەت پىسخىك ھالەت ئامىلىمۇ  ھەر قېتىملىق  پرېزىدېنتلىق سايلامدا قىسمەن  رول ئوينىدى.

قىسىقىسى، قانداقلا بولمىسۇن، پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ ھازىر زامان تارىخىدىكى پرېزىدېنتلار ئىچىدىكى شىر يۇرەك قالىتىس بىر پرېزىدېنت بولدى.  ئۇ خۇددى ئەپسانىلەردىكى پالۋانلاردەك كومخىتايدىن ئىبارەت بۇ ياۋۇز يالماۋۇزنى يان پاشقا ئېلىپ، يەر يۈزىگە شۇنداق ئۇردىكى بۇ يىرتقۇچ يالماۋۇز يەر چىشلەپ، مۈشۈكتەك مىياڭلاپلا قالدى. پرېزىدېنت دونالد ترامپ  باشچىلىقىدىكى ئا ق ش ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىنى سىلىدى، ئۇلارغا ئاتىلىق قىلدى. بۇنىڭ ئۇچۈن بىز شەرقىي تۈركىستانلىق ھەر قايسى تۈركىي مىللەت خەلقلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى پرېزىدېنت دونالد ترامپ باشچىلىقىدىكى ئا ق ش ھۆكۈمىتىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە رەخمىتىمىزنى ئېتىمىز، پرېزىدېنت دونالد جاناپلىرىغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۈمۈر ۋە ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك  تىلەيمىز!

2020- يىلى 7- نويابىر

Share
1160 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.