logo

trugen jacn

نۇپۇسى 220 مىڭ بولغان كېريە ناھىيەسىدە 30 مىڭچە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

 

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسى بويىچە 220 مىڭ نوپۇسلۇق كېرىيە ناھىيىسىدە 30 مىڭچە كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، لاگېرغا سولىۋېلىنغان بۇ 30 مىڭچە كىشى ناھىيەدىكى 4 يىغىۋېلىش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، كېرىيە ناھىيىسى 2 بازار 13 يېزىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، نوپۇسى 220400 ئەتراپىدا ئىكەن. كېرىيەگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا بۇ ناھىيىدە 4 ئورۇندا يىغىۋېلىش لاگېرى بارلىقى، بۇلارغا جەمئىي 30 مىڭچە كىشىنىڭ سولۇۋېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بىر يېرىم يىلدىن بۇيان يىغىۋېلىنغان بۇ كىشىلەر مەزكۇر لاگېرلاردا كۈن بويى خىتاي تىلى ۋە قانۇن ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل ئىكەن.

ئالاقىدار خادىم گەرچە زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ لاگېردىكىلەرنىڭ خىتاي تىلىدىن باشقا كەسپىي تېخنىكا ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئۆگىنىشنىڭ ئۇلارغا زور مەنپەئەت يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردە، قانداق مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرەلمىدى، پاكىتمۇ كۆرسىتەلمىدى. ئۇ ھەتتا بۇ كەنتلەردىن قويۇپ بېرىلگەنلەر بار دەپ ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ قالغانلىقىنى، ئەمما ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلگەن بىرەر كىشىنى ئۆزى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئېنىق كىملىكىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يەنە مەلۇم بولۇشىچە، كېرىيە ناھىيىسىدە ئەسلىدە 5 ئورۇندا لاگېر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشلىرى تاماملانغان ياكى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن 4 كە قىسقارتىلغان ئىكەن. بايان قىلىنىشىچە، 1‏-تەربىيىلەش مەركىزى ناھىيىلىك قاماقخانىغا تەسىس قىلىنغان ئىكەن. كېيىنچە قاماقخانىنىڭ يېنىغا يېڭىدىن قۇرۇلۇش سېلىپ، 2 ‏-تەربىيىلەش مەركىزى نامىدا قوللانغانلىقى مەلۇم. 3‏-ۋە 4 ‏-تەربىيىلەش مەركىزى «كەيفاچۈ»، يەنى «تەرەققىيات رايونى» دەپ ئاتىلىدىغان يېڭىشەھەر رايونىغا تەسىس قىلىنغان ئىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كېرىيە ناھىيىسى خىتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا كۆككە كۆتۈرۈۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلىدىغان قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىدۇر. قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى رۇقىيە مەتسەيدى بۇ يىل 3 ‏-ئايدا خىتاينىڭ مەملىكەتلىك 13 ‏-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، كېرىيە خەلقىنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇ شۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى پىلانلىغان ۋە ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا سالام يوللىغان ئىدى.

ئالدىنقى كۈنلەردىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا رۇقىيە مەتسەيدى بېيجىڭدا شى جىنپىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈۋاتقان مەزگىلىدە كېرىيەدە ئاتا-ئانىسى تەڭلا لاگېرغا ئەكېتىلگەن بالىلارنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى» گە سىغماستىن يېڭىباغ يېزىسىدا «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نىڭ ئىككىنچىسى قۇرۇلغانلىقى، بۇ ئىككى مەكتەپكە جەمئىي 3 مىڭچە بالىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/keriyede-30ming-kishi-lagerda-08302018231925.html

Share
1986 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.