logo

trugen jacn

نۇرنىسا مۇتەللىپ خانىم: بوۋامنىڭ قوشاقلىرى، ئانامنىڭ چۆچەكلىرى ماڭا مىللەت سۆيگۈسىنى ئۆگەتتى

image

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بوۋىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن ئوزۇقلىنىپ ۋە ئانىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە ئەللەيلىنىپ، ئۇيغۇر كىملىكىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا تويۇنۇپ يېتىلگەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر خانىم نۇرنىسا مۇتەللىپ، گېرمانىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ياشاپ كېلىۋاتقىنىغا 20 يىل بولدى. نۇرنىسا خانىم گېرمانىيەدە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدىن باشقا يەنە، تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن رىۋايەتلەر ناملىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى گېرمانىيە خەلقىگە تۈرلۈك شەكىللەردە تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ يېقىنقى يىللاردا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ميۇنخېندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاياللار كومىتېتىدا ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. نۇرنىسا خانىم بولۇپمۇ گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر يېڭى ئەۋلادلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيىلەش ئۈچۈن يېڭىچە ۋە مەنىلىك پروگراممىلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى سۆيۈندۈردى.

نۇرنىسا خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە تارىخىنى گېرمانلارغا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش پائالىيەتلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشۇش ئۈچۈن نۇرنىسا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/nurnisa-xanim-02182015154815.html

Share
1792 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.