logo

trugen jacn

نۇرمەمەت ياسىن مەكىتتە ئىككى نەپەر خىتاي پاھىشەنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن

 

شۆھرەت ھوشۇر

ئۇيغۇر رايونىدا چەكلىمىسىز كېڭىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قىمارخانا ۋە پاھىشەخانىلىرى رايوننىڭ مىللىي ئەخلاق ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە بەزى جايلاردا قانلىق ۋەقەلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئاشكارىلىنىشىچە، مەكىت ناھيىسىدە 2012 – يىلى 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى قاسساپ ياش نۇرمەمەت ياسىن، ناھىيە بازىرىدىكى بىر پاھىشىخانىغا بېسىپ كىرىپ ئىككى نەپەر خىتاي پاھىشەنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن. ۋەقەدىن كېيىن مەكىت ناھىيە بازىرىدىكى 8 پاھىشەخانىنىڭ ھەممىسى تاقالغان؛ ئەمما ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ تۇتۇلغان ۋە ۋەقە بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىسپاتلانمىغان 8 كىشى 20 ئايدىن بېرى ھۆكۈمسىز ھالدا قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

مەكىت ناھىسىدە بىر نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىر پاھىشە ۋە پاھىشىخانا ساھىبىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ۋەقە بىلەن ئالاقىسى بولمىغان 7 كىشىنىڭ 20 ئايدىن بېرى قانۇنسىز ھالدا تۇرۇلۇۋاتقانلىقى رادىئومىزغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، بىز، تۇتقۇنلاردىن بىرى بولغان ئەنىۋەرجان ئابلىكىمنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلدۇق.

سوئال: ئوغلىڭىز ئەنىۋەرجان ئابلىكىم قاچان، قەيەردە، قانداق تۇتۇلدى؟

جاۋاب : 2012 – يىلى 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى يەنى شەنبە كۈنى كېچىدە ئۆيىمىزگە ساقچى كەلدى، بۇ چاغدا ئەنىۋەرجان ئۆيدە يوق ئىدى، ئاكىسىنى تۇتۇپ ئەكەتتى. ئاكىسىنى ئاپىرىپ سوراپ 24 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بەردى.

سوئال: ئەنىۋەرجاننىڭ ئۆزىنى قەيەردىن تۇتتى؟

جاۋاب: شۇ كۈنى كېچە 11 – 12لەردە دۇكىنىدىن تۇتۇپ ئەكەتتى.

سوئال: تۇتۇلۇش سەۋەبى نېمە؟

جاۋاب: نۇرمەمەت ياسىن دېگەن بىر ئاغىنىسى خەنزۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، شۇنىڭغا چېتىپ 30 – 40 بالىنى تۇتقان؛ بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى – ئاخىرى قويۇپ بېرىلدى، 8 ى 20 ئايدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ.

سوئال: مەكىتتە يۈز بەرگەن پاھىشىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قانداق ۋەقە؟

جاۋاب: ئۇ بىرلا، نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئىشى. ئۇ شۇ كۈنى دادىسى، ئاپىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن يولدا كېتىۋاتسا يولدىكى قاۋاقخانىدىن (پاھىشەخانىدىن) بىر تەتەي چىقىپ ئۇنىڭ دادىسىنى «كەل، كەل» دەپتۇ، نۇرمەمەت قاتتىق ئىزا تارتىپ كېتىپتۇ، شۇ كۈنى ئاتا – ئانىسىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ دوستلىرىغا بۇ ۋەقەنى دەپ بېرىپتۇ ھەم دوستلىرىغا «بۇ خەقتە شەرمى – ھايا دېگەن نېمە بولمىسا، كوچىدا ئاتا – ئانا، سىڭىللىرىمىز بىلەن بىللە تېخى ماڭالمىساق، ھۆكۈمەتكە دېسەك گېپىمىزنى تېخى ئاڭلىمىسا، بىر – ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ قالغىنىغا ئىبرەت بەرمىسەك بولمىدى» دەپتۇ. ئۇ شۇ كۈنى كەچتە پاھىشىخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشىگە يەنە بىر تەتەي چىقىپ «كەل، كەل» دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرمەمەت مانا كەلدىم دەپ پاھىشىخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇنىڭغا پىچاق تىقىپتۇ؛ ئۇ يىقىلغاندىن كېيىن، ئالدىغا كەلگەن يەنە بىرسىگە پىچاق تىقىپتۇ، ئالدىنقىسى نەق مەيداندا، كېيىنكىسى دوختۇرخانىغا ئەكىتىلىۋاتقاندا جان ئۈزۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئەتراپتا 7 – 8 قاۋاقخانا بار ئىدى. ھەممىسى تاقىۋېتىلدى، ئۇلار باشقا ياققا يۆتكىلىپ كەتتىمۇ بىلمەيمىز.

سوئال: نۇرمەمەت كىم ئىدى، قانچە ياشلاردا بار ئىدى؟

جاۋاب: نۇرمەمەت قاسساپلىق قىلىدىغان بىر بالا ئىدى، 25 ياشلاردا بار، دادىسى ئاشپەز ئىدى.

سوئال: نۇرمەمەت ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلدىمۇ؟

جاۋاب: ياق، ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ تېخى ھۆكۈم چىقمىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا مەكىت ناھىيىسىدە قاسساپ نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئىكككى خىتاي پاھىشەنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا خاتا ھالدا چېتىپ تۇتۇلغان 7 كىشىنىڭ 20 ئايدىن بېرى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xitay-pahishe-04052014094759.html

Share
2158 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.