logo

trugen jacn

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە كەلگۈسىگە نەزەر

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە كەلگۈسىگە نەزەر

ئۈمىد

Ä°lgili resim

       چەت ئەللەردىكى ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى  ۋە ئۇيغۇر جامائەتى،كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە قىسمەن دۆلەت ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇزلۇكسىز پائالىيەتلىرى بولۇپمۇ بۇ يىل ئىيۇندا ئا قى شىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۆۋەندىكى بىر قاتار پائالىيەتلەر خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى زۆر دەرىجىدە خەلقئارالاشتۇردى:

        ئامېرىكا كونگرېسىدە ماقۇللىنىشقا سۇنۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر ئىككى قانۇن لايىھىسى تەييارلاندى.

       ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ 2019- يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بەردى ۋە « دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نى بېرىش مۇراسىمىدا « ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ئېلىزابېت چېنېي، جاكۇئىن كاسترو، مايك مەككائۇل، جىم مەكگوۋېرىن قاتارلىقلار سۆز قىلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن ئوتتۇز يىل مابەينىدە دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى قايسى دەرىجىدە ئاياق- ئاستى قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھېچقاچان ئۆز ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھازىر ئۆزلىرىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ».

       دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 6‏- ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان «خىتايدىكى ياۋۇزلۇقلارغا قارشى تۇرايلى: ئۇيغۇر كىرىزىسىگە قارىتا يەرشارى خاراكتېرلىك ئىنكاس‏‏» ناملىق يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا « ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى راندال شرايۋېر، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ۋە < ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى > نىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى بوب مېنەندېز قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.».

       مەزكۈر يىغىندا « ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسلام ئېتىقادىغا باغلىغان ھالدا باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھازىر لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ دەل مۇشۇ خىل باستۇرۇشنىڭ قۇربانلىقى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىپ < خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەت تارىخىدا ھېچقاچان غەلىبە قازىنىشقا قادىر بولالمىغان بىر ھادىسە بىلەن ھەپىلىشىۋاتىدۇ: ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادنى يوق قىلماقچى بولۇشى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام خىيال> دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ماۋ زېدوڭ، ستالىن قاتارلىق دىكتاتورلارنىڭ دىننى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەنلىكىنى، ياۋروپادىكى سابىق كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى لاگېرلار ئارقىلىق ئۇرۇنۇشى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ».

       ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق شەخس  نەنسى پېلۇسى خانىمنىڭ مەزكۈر يىغىنغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا: « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ قولىدا ئىزچىل زۇلۇمغا ئۇچراپ كېلىشى دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا قىلىنغان بىر خىرىستۇر. ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەسىدىن بولغان ئەزالىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ جەسۇر ئوغۇل- قىزلىرىغا شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقىگە لايىق بولغان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭ قەلبىمىز ۋە زېھنىمىز دىنىي جازالاشقا ئۇچراۋاتقان، جۈملىدىن بۇ ھەپتە ئاخىرلاشقان رامزاندا روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىرگە دېدى.». 

      « د ئۇ ق بۇ قېتىمى < ئۇيغۇر ھەپتىلىكى> پائالىيىتىدە < ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىس ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر> تېمىسىدا مەخسۇس ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن كەلگەن كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا دائىر تۈرلۈك دەلىللەر، ھەر ساھەنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئىنكاسى، ئىلىم ساھەسىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس رەۋىشتە بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارە- تەدبىرلىرى قاتارلىق تېمىلار بويىچە ئايرىم-ئايرىم مۇھاكىمە ۋە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. ».      

       بولۇپمۇ بۇ قىتىملىق «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» موھاكىمە يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئامېرىكا ئامېرىكا كونگرېس بىناسىنىڭ بىر زالىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت بايرىقى زال تامىغىغا ئېسلغان ھالدا دۆلەت گىمنىنىڭ  ياڭرىشى بىلەن باشلىنىشى « ئۇيغۇر داۋاسى» نىڭ رەسمىي رەۋىشدە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھىنىسىدە ئۇرۇن ئالغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ قالدى.       

       دۇنيادىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىدىن 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنە سادىر بولمىسۇن،دېگەن بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارىشى بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىش سادالىرى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۋاتقان سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماي، ئۇ يەردە ۋەزىيەت تىخىمۇ ئىغىرلىشىپ كېتىپ بارماقتا.

       ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى 20‏- ئىيۇن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا « < ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى تۇتقۇن ئائىلىلىرىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىغا يول ئاچقانلىقى، شۇنىڭدەك تۇتقۇنلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشنىڭ كەڭ ئەۋج ئالغانلىقى تەكىتلەنگەن. >،  دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: < دۆلەتنىڭ ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە سىياسىي مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئاستىدا ئېغىرلاشتى. دائىرىلەر بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئېتنىك مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىدىكى 1200 دەك ‹كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى› گە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىدى. > » . 

       « 20 – ئىيۇن دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو سۆز قىلىپ « خىتايدا دائىرىلىرى بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئىچكى قىسىمدا كىيىم-كېچەك، گىلەم، تازىلىق بۇيۇملىرىنى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇرى سېلىنماقتا. 11-، 2-، 3- دەرىجىلىك بۇ تىزىملىك ھەرگىز قەغەز يۈزىدىكى نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ بىر بەدىلى بولىدۇ.»    

        « < ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21‏- ئىيۇن كۈنى ئۆزىنىڭ يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.>، دوكلاتتا < ھەر خىل تاراتقۇلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ 2017‏- يىلى 4‏- ئايدىن بېرى دىنىي ۋە ئېتنىك تەركىبى سەۋەبلىك بۇ ئورۇنلاردا ئىز- دېرەكسىز يوقىتىشقا، قىيىن- قىستاققا، جىسمانىي خورلاشقا، ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى> بىلدۈرۈلگەن. ».

       خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي دۆلىتى بۇيىچە سىياسىي باستۇرۇشنى  بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قاريتا بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە يىقىندا خىتاي گوۋۇيۈەنى « كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى (2019-2021-يىلى) » نى بېسىپ تارقاتتى. « شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر لايىھەدە خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىقتىسادنىڭ شىشىنى ئالغا سۈرۈش، خەلقنىڭ كەسپىي ماھارەت ئىگىلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن 2019- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە خىتاي تەۋەسىدە <  5 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، 2019- يىلىنىڭ ئۆزىدە 15 مىليون ئادەم قېتىملىق تەربىيەلەشنىڭ تاماملىنىدىغانلىقى> تەكىتلىنىدۇ. ».

       خىتاينىڭ « <تەڭرىتاغ تورى> نىڭ 19- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون شەكلىدە ئېچىلغان ساقچى خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو بارلىق ساقچى خادىملىرىدىن < شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش باش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاش> نى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساقچىلار خىزمىتىنى جەزمەن شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتۇش رەھبەرلىكى ئاستىدا بولۇش، پارتىيىنىڭ ساقچى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنى تەكىتلىگەن. ».

       خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي نوپۇسىنى بىرىنچى ئورۇنغا چىقىرىش ئۈچۈن جىددى ھالدا ھەر خىل چارە- تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.

        « بۇ خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ « شىنجاڭغا 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش پىلانى» نىڭ ئىككىنچى تۈركۈمى بولۇپ، بۇ پىلان بويىچە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغا ئەۋەتىلىدىغان خادىملار 5000 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ».

       « خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى نوپۇسىنى 10 مىليونغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئولتۇراق ئۆي ۋە ئۆي- مۈلك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېقىندا چۈشۈرگەن بىر ئۇقتۇرۇشىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2020‏- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇسىنى 10 مىليونغا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆلىمىنى 800 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقى ئاشكارىلاندى. ».

       « شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» پىلانى بويىچە يەنە 200 مىڭ ئائىلىنى كۆچۈرۈشنى پىلانلىماقتىكەن. ». 

       « نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 22 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 825 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خوتەن- چاقىلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا. بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە،خوتەن- چاقىلىق باىيىسى كورلا- گولمۇت تۆمۈر( گولمۇت— چىڭخەيدىكى بىر جاينىڭ نامى— ئاپتوردىن ) يولى بىلەن تۇتىشىدۇ. ». « خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئىيۇندىن باشلاپ، خوتەن- چوڭچىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان قاتنايدىكەن.».

        « < تۈنۈگۈن خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئائىت مەخپىي ماتېرىيال ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ئاۋازلىق سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. سۆھبەت مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ مەلۇم بىر خادىمى بىلەن قىزى لاگېردا ئۆلگەن بىر ئانا ئارىسىدا داۋام قىلغان.>،< مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىدە، ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن. دېيىلىشىچە، قەشقەر خۇا ئەن ساياھەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، 34 ياشلىق ئايتۇرسۇن ئېلى بۇلتۇر 6 ‏- ئاينىڭ 5‏- كۈنى ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئارىدىن 4 كۈن ئۆتكەندە، ئايتۇرسۇننىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. >،< لاگېردا ئۆلگەن ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل ياسىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭغا قىزىنىڭ جەسىتىنىڭ يۈز قىسمىنىلا كۆرسەتكەن، بەدەننىڭ قالغان قىسمىنى كۆرسەتمىگەن. بۇنىڭغا نارازى بولغان پاتىگۈل ياسىن ساقچىلارنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەت قەغەزلىرىگە قول قويۇشنى رەت قىلغان. بۇ چاغدا ساقچىلار پاتىگۈل ياسىننى قولىدىن تۇتۇپ رەسمىيەتلەرگە مەجبۇرىي ئىمزا قويغۇزغان .>، < ساقچىلار يەنە خاتا كىملىك مەلۇماتلىرى بىلەن تولدۇرۇلغان بىر ۋاراق دوختۇر ئىسپاتنامىسىنى بەرگەن. ئەسلىدە ئالىي مەلۇماتلىق بولغان، خىتايچە، ياپونچە ۋە ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئايتۇرسۇن ئېلى بۇ ئىسپاتنامىدە «ساۋاتسىز» دەپ يېزىلغان. مەزكۇر ئىسپاتنامىدە ئۇنىڭ تۆت خىل يۈرەك كېسىلىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان. >،<خىتاي دائىرىلىرى قىزى لاگېردا ئۆلگەن پاتىگۈل ياسىننى يەنە غوۋغا چىقارماسلىققا ماقۇل دېگۈزگەندىن كېيىن، جەسەتنى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئېلىپ بارغان. ئەمما جەسەت ئائىلىدە پەقەت بىر سائەتچە تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن ساقچىلار ھازىدار مېيىت ئىگىلىرى ۋە قوشنىلىرىنى ئۆيىگە سولاپ قويۇپ چەكلىك ساندىكى كادىرلار بىلەنلا مېيىتنى زەرەتكارلىققا ئېلىپ كەتكەن. >  ». 

       نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى يۇقىرىدا مىسال كەلتۇرۇلگەن ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ پاجىئەگە ئوخشاش ئىنتايىن ئېچىنىشلىق.

        شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىكە كۆڭۈل بولىۋاتقان ھەر قايسى تەشكىلاتلار ۋە دېموكراتىك زاتلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۋاتقان سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماسلىقىدىكى سەۋەپلىرىنى ئەستايىدىل ئۆيلىنىپ بېقىشىغا تېگىشلىك بىر مۇھىم مەسىلە. بەلكىم بۇنىڭ نۇرىغۇن سەۋەپلىرى بولىشى مۇمكىن بولسىمۇ  لېكىن بۇ يەردە تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەب بەلىكىم تۈپكى ئامىللاردىن بولۇپ قىلىشى مومكىن: 

       بىرىنىچى، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنى جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولماسلىقىدا ئپادىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سىياسىتى مەڭگۇ ئۆزگەرمەيدۇ،بۇ تارىخدىن بۇيانقى ھەر قايسى خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەم ئىزچىل سىياسىتى ھەم قارا نىيىتى. بۇ سىياسەتتە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن،دېگەن خام خىيالدا بولۇشنىڭ ھېچقانداق رىئال ئەھمىيىتى يوق. « < كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش باش ئىستراتېگىيىسى ۋە باش نىشان> نى چەتئەللەردىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر < ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىش چارىسى > دەپ تەنقىدلەۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى ھەمدە ئۇلارغا تەئەللۇق بارلىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئاخىرقى رەۋىشتە يوق قىلىش < باش نىشان> دەپ قارالماقتا ئىكەن. ».       

       ئىككىنچى، ھازىر خەلقئارالىق دېموكراتىك ئاتموسفېرانىڭ 2 –  دۇنيا  ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىر قانچە يىللىرىغا قارىغاندا ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. نۇرىغۇن دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى ۋەزىيىتى» نى سۇيىئىستېمال قىلىپ تۈركىستاندا يۈرگۈزۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنى باستۇرۇش ئەمەلىيەتلىرىنى قوللاپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈگۈزۋاتقان قەبىھ سىياسەتلىرىنى ئىزچىل قوللاشلىرى بۇنىڭ تىپىل مىسالىدۇر. بۇندىن باشقا دۇنيادىكى زور بىر تۈركۈمدىكى دۆلەتلەر نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن ئاۋارە ۋە ئىقتىسادىي مەسىللىلىرىنى ھەل قىلىش يۈزىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ چىشىغا تېگىپ قۇيۇشدىن ئەنسىرەشى تۈپەىلى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. 

        « < ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومېسسارى مېشىل باچىلوتنىڭ نىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىش تەلىپى 2018- يىلى دېكابىردىن بۇيان ئىزچىل رەت قىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ۋلادىمىر ۋورونكوف 13- ئىيۇندىن 15- ئىيۇنغىچە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ۋە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان.>، < رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ قېتىملىق زىيارەت ھەققىدە سۆز قىلىپ، << ئىككى تەرەپ خەلقئارالىق <<< تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى >>>  ۋە بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىش ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇق ھەم ئورتاق پىكىرگە كەلدۇق>>، دېگەن. > ».  

       ئۈچىنچى،خەلقئارالىق بېسىمنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى. كەلگۈسىدە ھاتتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئامېرىكا كونگرېسىدا ماقوللانماقچى بولغان ئىككى قانۇن لاھىيىسى  ماقوللىنىپ قالسا، بەلكىم زۆر ئىجابىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ قانۇنلارنىڭ رولى يەنىلا چەكلىك بولىشىنىڭ ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. چۇنكى بۇندىن بورۇنمۇ تىبەتلەر ئۇچۈنمۈ مۇنداق قانۇن بەگىلەنگەن ئىدى. مەزكۈر  قانۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئانچە چەكلەپ كېتەلمىگەن. 

       تۆتىنچى، تەرغىپ- تەشۋىقاتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى. تاھازىرغىچە نۇرىغۇن مەملىكەتلەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدىكى ساۋادى ئاساسەن يوق دېيەرلىك. ھاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە خەۋىرى يوق، خەۋىرى بولغان تەقدىرىمۇ، ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەكتە. 

       « ھىندونېزىيەدىكى < توقۇنۇشلارنىڭ سىياسىي ئانالىز ئىنستىتۇتى> ناملىق بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ 20‏- ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان << ھىندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئىزاھاتى>> ناملىق دوكلاتتا، ھىندونېزىيەلىكلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىنى زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرى، دەپ چۈشەندۈرۈشىگە ئىشىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىغا ۋە يېقىندا جاكارتانى زىيارەت قىلىپ، ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىدا ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، دەپ قارىشى مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: << ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئاھالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى قانۇنلۇق ئىنكاس، دەپ قارايدۇ. >> >، < دوكلاتتا، ھىندونېزىيەدىكى چوڭ ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قايىل بولغانلىقى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بۇ رايوندىكى << كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە گۇمان بىلەن قاراپ، ئۇنى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش تەشۋىقاتى، دەپ رەت قىلىۋاتقانلىقى>>  تەكىتلەنگەن. > ».

        خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە  جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى بۇ ئىرقىي قىرغىچىلىق ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى ھەر خىل ۋاسىتىلاردىن پايدىلىنىپ كەڭ دائىرىدە ئومۇمىي يۈزلۈك قانات يايدۇرۇش زۆرۈر.

     يەنە بىر تەدبىر بولسا  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولۇپمۇ ب د ت نىڭ ئومۇمىي قۇرۇلتىي ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىزدەپ بېقىش كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بۇيىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزى بىلەن پىكىرداش بولغان باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ب د ت ئومۇمىي قورولتىيىغا قۇيۇش ئىمكانىيىتىنىى يارتىشقا تىرىشىش كېرەك. ھازىرچە ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئېھتىماللىقى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزىي خىزمىتى باشقا خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىمكانىيەتنى قولغا كەلتۇرۇشكە مەركەزلەشسە مۇۋاپىق بولامدۇ- يوقلىقىنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.

        ئەگەر ب د ت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مۇمكىن بولۇپ قالسا، بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا بۇ قەبىھ مۇدھىش ئىشنىڭ شەكىلىنى ئۆزگەرتىپ، ھەر خىل « يۇمشاق ۋاسىتى » لار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت كىملىكىنى ئۆزگەرتىپ،ئۇيغۇر مىللىتىنى خىتايلاشقان مىللەت قىلىپ قۇيۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ  خىل ئېھتىماللىقىنىڭ توغۇلۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر. 

       ئەسكەرتمە ؛ ماقالىدىكى « x x x  » دە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۈملە ياكى تېكىستلارنىڭ ھەممىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئو سىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تور بېتىدىن ئېلىندى.

                                                                                                                                                         2019- يىلى ئىيۇن   

Share
2186 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.