logo

trugen jacn

نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى دە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس ماقالە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى

20151227-XINJIANG-slide-JQDW-jumbo

نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى نىڭ بۇ يىللىق 2-يانۋاردىكى سانىغا ئاندرېۋ ياكوبسنىڭ قەلىمىدىكى «خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق تەقىپىدە غەزەپ ئوتى قايناۋاتقان شىنجاڭ» ناملىق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان.

ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر، خوتەن، يەكەن، ئۈرۈمچى، غۇلجا، تۇرپان ۋە باشقا جايلىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى گويا غەزەپتىن «قايناۋاتقان قازان» غا ئوخشاتقان.

ئۇ ماقالىسىدە بىر نەپەر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئالاھىدە نەقىل كەلتۈرگەن: «ھازىر بىز ھەممىمىز تېررور گۇماندارىغا ئايلاندۇق. چەتئەلدىن بىزگە تېلېفون كەلگەن مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ساقچىلار بوسۇغىمىزدا پەيدا بولىدۇ.»

مەزكۇر ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىتلەردە ئىلگىرى كانايدا ياڭراپ تۇرىدىغان ئەزان ئاۋازىنىڭ ھازىر تامامەن ئۆچكەنلىكىنى؛ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئەزان توۋلاپ قويغان مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، ساقال قويۇش بىلەن ياغلىق ئارتىشنىڭمۇ جىنايەت ھېسابلىنىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن نىكاھلىنىشى رىغبەتلەندۈرىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئاندرېۋ ياكوبسنىڭ مەزكۇر ماقالىسىنى فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گۇيتېرنىڭ خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتقان ماقالىسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر مۇھىم ماقالە، دەپ قارىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-mesilisi-01042016151742.html

Share
1890 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.