logo

trugen jacn

نىيە ناھىيەلىك دائىرىلەر رامىزان ھارپىسىدا «خوشال پىۋا ئىچىش» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان

8122

قۇتلان

رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش – مۇسۇلمانلاردىكى 5 پەرزنىڭ بىرى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشىدەك ئەڭ ئەقەللىي ئىبادەتلىرىنى چەكلىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ، جۈملىدىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق رامىزان ئېيى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ سەزگۈر بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ بىمەنە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەۋاتقانلىقى، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا خالىغانچە دەخىل – تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ يىللىق رامىزان ھارپىسىدا، يەنى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى نىيە ناھىيەسىنىڭ رۇقىيا يېزىسىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشكىللەپ «خوشال پىۋا ئىچىش» ناملىق ئاممىۋىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم.

بۇ خەۋەر نىيە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىغا ئوچۇق – ئاشكارا قويۇلغان بولۇپ، شۇ كۈنى روقىيا يېزىلىق ئىتتىپاق كومىتېتى 60 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنى مەزكۇر پائالىيەتكە تەشكىللىگەن. پىۋا ئىچىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغانلار ھەمدە 2 – ۋە 3 – بولغانلارغا مىڭ يۋەن قىممىتىدىكى مۇكاپات تارقىتىلغان.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان شۇنداقلا ئىسلام مەدەنىيىتى ئەڭ چوڭقۇر يىلتىز تارقان خوتەن رايونىدا رامىزاندىن ئىبارەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت ئېيىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشكىللەپ «پىۋا ئىچىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/niye-piwa-06222015194550.html

Share
2413 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.