logo

trugen jacn

نىمە ئۈچۈن دېڭ شياۋپىڭ « بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم » يۈرگۈزۈشكە مۇھتاج بولۇپ قالغان ؟

1950- يىللىرى خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان « مىللىي بۇرژۇئازىيە سۇدا- سانائەتچىلىرىگە قارىتا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش » ھەرىكىتىنىڭ خىتاي دۆلەت ئىقتىسادىغا كەلتۇرگەن سەلبىي تەسىرنى كۆرگەن دېڭ شاۋپىڭ تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەدەنىيەت ئىنقلابىنىڭ كاساپىتىدىن ۋەيران بولغان خىتاي ئىقتىسادىنى ئوڭشاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا قويدى. ئۇ ئا قى شىنى زىيارەت قىلغاندا « ئەركىن بازار ئىگىلىك » دىن ئىبارەت بۇ خىل ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى غايەت زور قۇدرىتى ۋە ھەل قىلغۇچ رولىنى كۆرۈپ ، خىتاي ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۋېلىش ئۈچۈن ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەي « جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم » دېگەن سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇتلەق كونتروللۇقىدىكى « ئەركىن بازار ئىگىلىك » ئىقتىسادىي سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن بىر قىسىم كىشلەرنى باي قىلىش — « ئۇن مىڭ يۋەنلىك ئائىلە » بولۇشتىن ئىبارەت تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، بىر قىسىم شەھەرلىك كىشلەر ۋە دېھقانلارنى نىسپەتەن باي قىلدى. ئاندىن « ئەركىن بازار ئىگىلىك » تىن ئىبارەت ئىقتىسادىي سىياسىتىنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا يولغا قويۇپ،شەھەرلەردە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نۇرىغۇن زاۋۇت- كارخانىلارنى خۇسۇسىلاشتۇرۇش ۋە يېزىلاردا « گوڭشى تۈزۈم» نى بىكار قىلىپ، يەرلەرنى شەخسى دېھقانلارغا بولۇپ بىرىش قاتارلىق چارە- تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش بىلەن شەخسلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقنى جارىي قىلدۇرۇپ، شەخسى ئىگىلىكنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ئومۇميۈزلىك نىسەتەن يۇقىرى كۆتەردى. ئۇ دۆلەت ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرگە بىر قانچە « ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون » لارنى قۇرۇپ، خىتاينىڭ سانائىتىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئېكسپورتنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ ، خىتاينىڭ تاشقى سودىسىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن زۆر مىقتاردا چەت ئەل پېرېۋوتنى توپلىدى. بولۇپمۇ 2001- يىلى خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغاندىن باشلاپ،قەدەممۇ قەدەم خەلقئارالىق سودىنى مونوپول قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئىشلەنگەن سۈپەتسىز ماللار پۈتۈن دۇنيانى قاپلىدى.
1997- يىلى شاڭگاڭنى خىتايغا قايتۇرۋېلىش مەسىلىسدە، خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭگاڭنى ئاددى يۈسۈندا ئەنگلىيەنىڭ قولدىن ئۆتكۈزۈپ ئالسىلا ئىش پۈتەتتى. لېكىن دېڭ شاۋپىڭ ئىشنى ئۇنداق پۇتتۇرمەي ، خىتاي ئىقتىسادىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش مەخسىتىدە ، شاڭگاڭنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودىسىدا تۇتقان ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ۋە شاڭگاڭدىكى خەلقئارالىق مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن « ئىككى قوشقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىماس » دېگەننى مەنتىقىنى ئوبدان چۈشەنسىمۇ، قۇدرەتلىك دۆلەت دىكتاتورىسى كونتروللۇقىدىكى « بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۇم » دىن ئىبارەت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىىيىسىنىڭ سىياسىي پروگراممىسىغا پۈتۈنلەي زىت كېلىدىغان، ئەمىلىيەتتىن ئايرىلغان سەپسەتىسىنى ئۇتتۇرغا چىقىرىپ، ئەنگلىيە ۋە شاڭگاڭ بازىرىغا مەبلەغ سالغان خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى كولدۇرلىتىپ، ئۇ يەرگە « ئالاھىدە مەمۇرىي رايون » دېگەن نامنى قويۇپ، شاڭگاڭنىڭ ھازىرقى تۈزۇمىنى 50 يىلغىچە ئۆزگەتمەسلىك ئاساسىدا ئەنگىلىيە بىلەن شەرتنامە تۈزىدى. شۇنىڭ بىلەن شاڭگاڭنىڭ تېررىتورىيىلىك سوۋېرېن ھوقۇقى خىتاينىڭ قولغا ئۆتتى. شاڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن « ئالىي موختارىيەتلىك قانۇنى » تۈزۈلدى. شاڭگاڭلىقلارغا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى باشقۇرۇدىغان « ئالىي موختارىيەتلىك ھوقۇق » بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن شاڭگاڭدا ھەممە ئىشلار بىر قانچە يىل ئوڭۇشلۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرۈنگەندەك بولدى. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ سۈنئىي بارپا قىلىنغان « ئالاھىدە مەمۇرىي رايون » دا « ئىككى قوشقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينالماسلىق » ئەھۋالى— شاڭگاڭدىكى كاپتالىستىك دېموكراتىيە تۈزۈم بىلەن چوڭ قۇرۇقلىقتىكى ھاكىممۇتلەقلىق سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئۆزئارا كېلىشەلمەسلىكى بارغانسىرى ئىپادىلىنشكە باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن شاڭگاڭ خەلقىنىڭ نارازىلىقى كۈنسايىن كۈچىيىپ، نارازلىق نامايىشلىرىنىڭ ئاخىرى ئۆزۈلمىدى. بولۇپمۇ پاراسەتسىز ۋە دىكتاتور شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭگاڭ ئىشلىرىغا ئورۇنسىز ھەدپ ئارىلۋېلىشى شاڭگاڭ خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى كەڭ كۆلەملىك مىسىلى كۆرۈلمىگەن كۈچلۈك قارشىلىق نامايىشلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى. بىر قانچە ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان نامايىشنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا شاڭگاڭ خىتاي دائىرلىرىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاستىرتىن كۆرسەتمىسى بىلەن نامايىشچىلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. ئەگەر نامايىشچىلار ئارىسىدىكى قىسمەن ئانارخىزىمچى نامايىشچىلار نامايىش جەريانىدا سەل- پەل بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان ھەرىكەتلىرىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرسا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شاڭگاڭدا قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئارقىلىق شاڭگاڭ خەلقىنىڭ نامايىشنى يىغىشتۇرۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ. بۇنداق ھالەت يۈز بەرسە، دېڭ شاۋپىڭنىڭ « بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۇم » دېگەن سەپسەتىسىنىڭ بەربات ۋە مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ قالىدۇ.
2019- يىلى نويابىر

Share
4337 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.