logo

trugen jacn

نىمە ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقاتماقچى نەزەر

« نىمە ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقاتماقچى ؟» دېگەن مەسىلىگە كەلسەك،بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۇلار دۇنياغا خوجايىن بولۇش، خەلقئارالىق بازار تېپىش ۋە ئېنشىچا خىتاي نوپۇسىنى ماكانلاشتۇرۇشقا زىمىن تېپىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بولغان « بىر بەلۋاق، بىر يول قۇرۇلۇشى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئۆتكەل « شىنجاڭ » نىڭ ئەمىنلىكىگە تايىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار بۇ جاينىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار ۋە ھەر قانداق چىقىم تارتىشقا رازى. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئالدى بىلەن بۇ رايوندا « توپىلاڭ » چىقىرىۋاتقان « توپىلاڭچى» — تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشنىڭ نىيىتىگە كەلدى، دېگەندىن ئىبارەت كۆز قاراش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت.
بۇ سەۋەب نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر،قازاق، قىرغىز،ئۆزبېك، تاتار ۋە سالار قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمان خەلقلىرى، تۇڭگان ۋە تاجىك مۇسۇلمان خەلقلىرى ھەمدە موڭغۇل ، شىبە ۋە داغۇر خەلقلىرى جۇملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى مىللەت سۈپىتىدە يوقۇتۇش ياكى تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىنىڭ مۇقەررەر شەرتى بولالمايدۇ. بەلكىم شەرتلىك سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىرىنچىدىن،ئۇلارنىڭ « بىر بەلۋاق، بىر يول قۇرۇلۇشى» دىن ئىبارەت دۇنياغا خوجايىن بولۇشتەك بۇ مۇدھىش، رەزىل ۋە سۇيىقەستلىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى يەرلىك مىللەتلەر جۇملىدىن تۈركىي مىللەتلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى باستۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ياكى يوقىتىش ئارقىلىق بۇ ئەمىنلىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ « شىنجاڭ » نىڭ ئامانلىقنى ساقلاشقا يېتىپ ئاشقىدەك كۈچى بار، يەنە كېلىپ« شىنجاڭ » رايونى ئاساسەن تىنچ رايون. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي ۋە يەرلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى « شىنجاڭ » دىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ھەر قايسي مىللەت خەلقلىرى جۇملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ زىمىندا ئاسايىشلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدىغانلىقنى ئاستىرتىن بىلىدۇ، ھەمدە بۇ رايوننىڭ ئەزەلدىن تېررورلۇقنىڭ ماكانى ئەمەسلىكىمۇ ئۇلارغا بەش قولدەك ئايدىڭ، چۈنكى بۇ رايوندا تېررورلۇق ھەركىتىنىڭ ئاساسى يوق ۋە ئەزەلدىن تېررورلۇقنىڭ ئۇرۇقى چېچىلپ باققان جاي ئەمەس، تېررورلۇق ھەركىتىنىڭ ئەزەلدىن مەنبەسى يوق. بۇ جاي چەت ئەللەر بىلەن پۈتۈنلەي ئايىرىۋېتىگەن، تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلشقا ھاجەتلىك خام ئەشيا ۋە ماددىي نەرسىلەر مۇتلەق يوق دېيەرلىك.
بۇ جايدا ئانچە- مۇنچە تېررورلوق ۋەقەلىرىنىڭ سادىر بولۇشى پەقەت مىللىي باراۋارسىزلىك، مىللىي زۇلۇم ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ باستۇرۇلۇشى سەۋەپىدىن ئاز ساندىكى بىر قانچە ئادەملەرنىڭ مەسىلىنى توغرا ۋە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشەلمەي، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچىلىقسۇيەر ئەنئەنىسى ۋە ئىرادىسىگە يات بولغان ناتوغرى يولنى تاللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي باراۋارسىزلىك، مىللىي زۇلۇم ۋە دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇشىغا بەرگەن جاۋابى. تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغان بىر ئىشىدىن ئىبارەتتۇر، خالاس.
ئىككىنچىدىن،« شىنجاڭ » نىڭ سىياسىي- مەمۇرىي- ئىقتىسادىي – ھەربىي ۋە يەرلىك دۆلەت دىكتاتوراىسى جەھەتلەردىكى ئومۇميۈزلۈك ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » نىڭ بارلىق سىياسىي- مەمۇرىي- ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىكى بارلىق ھوقۇقلىرى ۋە يەرلىك دۆلەت دىكتاتورىسى ئاللاقاچان پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ جاينىڭ پەقەت « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » دەپ ۋىۋىىسكىسى بولغاچقا،« خوجا كۆرسۈن » ئۈچۈن بىر قانچە « ھەمدەمدە بار،ھېساپتا يوق » بىر قانچە ئۇيغۇرنى ئۇستەلنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ قويغان، خالاس. خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يۇقىتىشنىڭ « شىنجاڭ » دا سىياسىي- مەمۇرىي- ئىقىسادىي- ھەربىي ۋە يەرلىك دۆلەت دىكتاتورىسى جەھەتلەردىكى شارائىتىنىڭ ھازىرلىنىشى پەقەت ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى « ئوڭۇشلۇق » ۋە « مۇۋاپىقىيەتلىك» ئېلىپ بىرىشىنىڭ بىر« كاپالىتى » دىن ئىبارەت ،خالاس.
خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ھون تۈركلىرى جۈملىدىن ھون ئۇيغۇر تۈركلىرىنى يوقىتىشىدا ئۇلارنىڭ « بىر بەلۋاق، بىر يول قۇرۇلۇشى» دىن ئىبارەت دۇنياغا خوجايىن بولۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشىدا « شىنجاڭنىڭ ئەمىنلىكى » نى كاپالەتلىك قىلىش پەقەت ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتىكى بىر يوقىلاڭ مەنتىقىي ئاساسىي يوق بىر سەپسەتىدىن ئىبارەت،خالاس.
نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ياكى تامامەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ تۈپكى مەقسىتى ئاتا- بۆۋا خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان مۇستەملىكە قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستاننى ئەبەدىي ئۆز زىمىنى قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت تارىخى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ۋە مەزكۈر مۇستەملىكىسىدە ئۆتمۇشتە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدەك دۆلەتنىڭ قايىتىدىن پەيدا بولۇپ قىلىشىنىڭ ئاساسى ۋە يىلتىزنى يۇقىتىشدىن ئىبارەت بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بۇ زىمىننىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئۆتمۈشتە ھەر خىل ۋاستىلار– قوراللىق ۋە قورالىسىز شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن ۋە ھازىرقى زاماندا تىنچلىق يولى بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى بۇ زىمىندىن ئۈزۈل- كېسىل يوق قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت.
خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يۇقىتىشنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سىياسىي- مەمۇرىي- ئىقىسادىي- ھەربىي ۋە يەرلىك دىكتاتورا جەھەتلەردىكى ئىمكانىيەت ۋە شارائىتلىرى ھازىرلانغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر، تۈرك مۇسۇلمانلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىك ۋە تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشىگە كام نەرسە پەقەت ئۇلار مۇھتاج بولغان بىر خىل پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت شەكىللەنمىگەن ئىدى،خالاس. شۇڭلاشقا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر، تۈرك مۇسۇلمانلار جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ ئۆز زىمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىن پۈتۈنلەي يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان فاشىستلەرچە مۇدھىش،رەزىل ۋە سۇيىقەستلىق جىنايەتنى ئەمەلىيلەشتۇرەلمەي كەلگەن ئىدى. ئۇلار كۈتكەن پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت خەلقئارا ۋە شەرقىي تۈركىستاندا بارلىققا كەلدى. بۇ پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت شۇندىن ئىبارەتكى بىرىنىچى، خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى؛ ئىككىنىچى، « شىنجاڭ» دا قىسمەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ سادىر بولىشى؛ ئۈچىنچىدىن، « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » نىڭ سىياسىي- مەمۇرىي -ئىقتىسادىي – ھەربىي جەھەتلەردىكى بارلىق ھوقۇقلىرى ۋە يەرلىك دۆلەت دىكتاتوراسىنىڭ ئاللاقاچان تامامەن ۋە مۇتلەق خىتاي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قولىدا بولۇشى؛ تۆتىنچىدىن، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە مىق بولۇپ سانجىلىپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ غوللۇق كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشىدۇر.
نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى « ئۇخلاپ چۈشىدە كۆرمىگەن» بۇ خىل ۋەزىيەت دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستاندا شەكىللەندى. ئۇلار مۇھتاج بولغان ۋەزىيەت ھازىرلىنىشى بىلەن ئۇلار دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك نارازى بولۇشىغىمۇ پارۋا قىلماي،ئۆزلىرىنىڭ فاشىستلىق ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارلاپ، ئەسلىدە يۇمشاق يول بىلەن قەدەممۇ قەدەم يۈرگۈزۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يىغىشتۇرۇپ، قوللىرىنى شىمايلاپ، مەركىزىي ۋە يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ دىكتاتورلۇق ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، زوراۋانلىق يولى بىلەن ئاتا- بۆۋا خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەر، تۈرك مۇسۇلمانلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تامامەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ياكى قولدىن كەلسە پۈتۈنلەي يوقىتىپ،« شەرقىي تۈرركىستاننى ئەزەلىدىن ھەر قايسي خىتاي سۇلالە ۋە دۆلەتلىرىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىدى » دنن ئىبارەت تارىخى ۋەزىپىسىنى تېز سۆرئەتتە ئادا قىلىشقا كېرىشىپ،نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ناتسىستلەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەر، تۈرك مۇسۇلمانلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى يوقىتىش ياكى تۈپتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىتىن ئىبارەت تۈپكى مەقسىتىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن ئارقىلىق خەلقئاراغا ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتا. بىرنىچى، شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ مىللىي باراۋەرسىلىك ۋە ئاسسمىلياتسىيىسىگە بولغان ھەققانىي قارىشلىقلىرىگە ئومۇميۈزلۈك « تېررورلۇق » قالپىغىنى كىيگۈزۈشى؛ ئىككىنچى، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ھەققانىي ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشىغا « بولگۇنچىلىك » قالپىغىنى كىيگۈزۈشى؛ ئۈچىنچى، ئسلام ئېتىقادچىلىقنىڭ نورمال ھالەتتىكى ئىپادىلىنىشىگە « دىنىنى ئەسەبىيىلىك ۋە ئاشقۇنلۇق » قالپىغىنى كىيگۈزۈشىدىن ئىبارەت.
خولاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئالا قۇيرۇقنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق دېگەندەك، خىتاي فېئودال ئىدېئولوگىيىسى ۋە خىتاي فېئودال مەدەنىيىتى بىلەن سۇغۇرۇلغان ھازىرقى زامان خىتاي دۆلىتىدىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئاتا- بوۋا سۇلالە- ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ ئىشغال قىلىۋالغان چەت ئەل زىمىنلىرىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ياكى يوقىتىش ئارقىلىق بېسۋالغان يەرلەرنى « ئەزەلدىن بىزنىڭ زىمىن » دەېدىغان ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھازىر خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۈزۈل- كېسىل يۇقىتىش ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنى بىر خىل ئىدېئولوگىيىلىك — فېئودال خىتاي كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىلىك، بىر خىل مىللەتلىك — فېئودال خىتاي مىللەتلىك، بىر خىل مەدەنىيەتلىك — فېئودال خىتاي مەدەنىيىتىلىك بىر دۆلەت بارپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇدھىش، رەزىل ۋە سۇيىقەستلىك « ئۇلۇغۋار پىلانى » نى ۋەھشىىي ۋە فاشىستلەرچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر، تۈركىي مىللەتلەر جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بولسا دەل بۇ مۇدھىش، رەزىل ۋە سۇيىقەستلىك « ئۇلۇغۋار پىلانى » نىڭ مۇقەددىمىسىدىن ئىبارەت، خالاس.
2019- يىلى ئوكتەبر

Share
4571 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.