ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
بۈگۈن نورۋېگىيە ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئوسلو ۋە دەنھاگ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ، نامايىش ئېلىپ باردى.
5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ھەمدە گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بىلەن گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرى ۋە گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھەرلىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى.
ھەر ئىككى دۆلەتتىكى نامايىشچىلار بۈگۈنكى بۇ نامايىشلىرى ھەققىدە نەق مەيداندىن بىزنى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندى نامايىش توغرىلىق ئۇچۇر بەرگەندە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ۋە نامايىشنىڭ جانلىق ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. نامايىشنى تەشكىللىگەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندىمۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئوسلودىكى بۇ نامايىشقا قاتناشقان يەنە بىر خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىزھار قىلدى.
گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، دەنھاگدىكى نامايىش ھەققىدە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىمۇ قاراشلىرىنى بىلدۈردى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/5-iyul-namayish-07052017145502.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER