logo

trugen jacn

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى 26-ئاپرېل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن 2018-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىك خەۋىرىنى يەتكۈزدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش خىزمىتى بۇلتۇر 9-ئايدا باشلانغاندىن بۇيان، بۇ خىزمەتكە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجرىنىڭ سىڭگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئالدىنقى ھەپتە نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىدىن ئىلھام توختىنىڭ 2018-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قوبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ تولىمۇ ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مارى ھولىزمان خانىممۇ فرانسىيەدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش خىزمىتىنى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» بىلەن «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» بىرلىكتە ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇ خىزمەتنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىمزا توپلاش خىزمىتىنى ‹ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى› ۋە ئو ن پ ئو، يەنى ‹تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى› بىرلىكتە ئېلىپ باردۇق. ئىككى تەشكىلات بىرلىكتە ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى ئىزدىدۇق. بۇنىڭغا ئىمزا قويىدىغان كىشىلەر چوقۇم خەلقئارادا تونۇلغان شەخسلەر بولۇشى كېرەك بولغىنى ئۈچۈن بۇ خىزمەت ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىدى. ئىمزا قويغانلار ئارىسىدا ئىلگىرى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭدار شەخسلەر، ئىجتىمائىي پەنلەر، بولۇپمۇ سىياسەت ۋە قانۇن ساھەسىدە خەلقئارادا تونۇلغان پروفېسسورلار، ئالىملار ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بار. بىز ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم تونۇلغان سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئىمزاسىنى ئېلىش شەرىپىگە ئېرىشتۇق. ئەلۋەتتە، ئەگەر مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتىنىڭ ئىمزاسىنى ئالالىغان بولساق، ئۇ چاغدا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.»

ماري ھولىزمان خانىم يەنە ئىلھام توختىنىڭ نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن 2018-يىلىدىكى 330 نەپەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغانلىقىدىن سۆيۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋالنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تېخىمۇ زور بېسىم ئېلىپ كېلىشىگە بولغان ئەندىشىسىنىمۇ يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى

«ئەگەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو پاجىئەسى يۈز بەرمىگەن بولسا، مەن ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ تاللىنىشىنى ئىلھام توختى ۋە بارلىق ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئەھۋال دەپ قارايتىم. چۈنكى بۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل دۇنيا ئىلھام توختىغا ئوخشاش بىر ئۇيغۇرنىڭ تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىلھام توختىنىڭ تىنچلىق يولى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزگەنلىكىدەك ھەقىقەتنى بىلىدۇ. مانا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات بولۇپ تاللىنىشى ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمما مېنىڭ ئەندىشەم شۇكى، ليۇ شياۋبو مانا مۇشۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىنمۇ، ھەتتا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كەتكۈچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. شۇڭا بىز بۇ تىرىشچانلىقىمىز ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بولغان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتىمىز.»
«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق ھالدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن

مارىي ھولىزمان خانىممۇ ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تىنچلىق يولى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاشكارا تەلەپ قىلغان بىر ئەزىمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن بۇنداق قەھرىماننى ئېتىراپ قىلىشى لازىملىقىنى ۋە ئۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئىلھام توختىنى دۇنيادىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا داۋاملىق تەۋسىيە قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تىنچلىق يولى بىلەن ئاشكارا تەلەپ قىلىش يولىنى تاللىدى. مانا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇ بىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەققانىيەت تەلەپ قىلىشىمىزنى ۋە ئاۋازىمىزنى قويۇپ بېرىپ توۋلىشىمىزنى ئەلۋەتتە خالايدۇ! شۇڭا بىز بۇ يولنى تاللىدۇق. ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى خەلقئارادا ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقى ئىسپاتلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/Ilham-Toxti-2018-Nobel-Kandidati-05012018230505.html

Share
5144 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.