logo

trugen jacn

نورۇز ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى

 

 

ھېيتاخۇن مەمتىمىن

 

نورۇز،پارىسچە سۆز بولۇپ يېڭى كۈن دېگەن مەنىدە.نورۇز 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى بايرام بولۇپ شەرقى تۈركىستان،غەربى تۈركىستان،ئىران،ئاۋغانىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە قۇتلۇقلىنىپ كېلىنگەن بىر ئەنئەنىۋى بايرام.بۇ كۈندە كۈن تۈنگە تەڭلەشكەن،باھار باشلانغان كۈندۇر.بۇ بايرامنى تۈركى ۋە پارىس تىللىق مىللەتلەر ئورتاق تەنتەنە بىلەن كۈتۈپ كەلگەن  بولۇپ كېيىنچە ئوسمانىيە خاندانلىقىدىمۇ ئالاھىدە كۈن ئېلان قىلىنىپ پادىشاھلارنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى مەنسەپكە ئاتايدىغان،سوغا تەقدىم قىلىدىغان كۈن بولۇپ داۋاملاشقان ئىكەن

مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئۈچ دانە دىنى بايرىمى بار؛ئۇ بولسىمۇ رامىزان بايرىم،قۇربان بايرىمى ۋە جۈمە كۈنى.بۇنىڭدىن باشقا ھەرقاندان دىنى بايرام پەيدا قىلىش دىنغا بىرەر ھۆكۈمنى ئىلاۋە قىلغانلىق بولۇپ ئىسلام دىنى ئاتالغۇسىدا بىدئەتتۇر

تۆۋەندە بىدئەت توغرىسىدا كەلگەن بەزى ھەدىسلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي

1- ئىرباد ئىبنى سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە:  سىلەردىن كىمىكى مەندىن كىيىن ياشىسا، دىندا كۆپلىگەن نورمالسىزلىقلارنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ سۈننىتىم ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى، ئىزباسار خەلىپىلىرىمنىڭ يوليورۇق ۋە ئىش-ئىزلىرىدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا بۇيرۇلدۇڭلار. دىندا ئەسلى يوق ئىشقا ھەرگىزمۇ يېقىنلاشماڭلار، دىندا پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق نەرسە ئازغۇنلۇقتۇر . بۇ ھەدىسنى، ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، دارىمىي، ھاكىم، ئىبنى ھىببانلار زىكىر قىلىدۇ. شەيخ ئالبانى سەھىھ دەپ قارايدۇ

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى دەيدۇ:   ئاللاھ توغرا يولغا يېتەكلىگەن كىشىنى ئازدۇرغۇچى، ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا تاشلاپ قويغان كىشىنى تپغرا يولغا ئېرىشتۈرگۈچى تېپىلمايدۇ. سۆزلەرنىڭ ئەڭ راستى ئاللاھنىڭ كالامى، ئەڭ ياخشى ئىش مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىدۇر. ئەمەللەرنىڭ ناچىرى دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش. دىندا پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق يېڭىلىق بىدئەتتۇر  مۇسلىم ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان. نەسائى يۇقىرىقى ھەدىسنى   ھەرقانداق ئازغۇنلۇق دوزاخقا ئىلىپ بارىدۇ  دېگەن ئىبارىلەرنىڭ زىيادىلىكى بىلەن رىۋايەت قىلىدۇ

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە:  كىمىكى دىنىمىزدا يوق ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ  بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە:  كىمىكى دىنىمىزدا يوق ئەمەللەرنى ئىبادەت دەپ قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ، “ دىندا پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق نەرسە ئازغۇنلۇقتۇر  دېگەن ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: بۇ جۈملە شەرئى قائىدە بولۇپ، بىدئەت شەرىئەتتىن ئەمەس، چۈنكى شەرىئەتنىڭ ئومۇمى پرىنسىپلىرى ھىدايەتتۇر. بىدئەت ئازغۇنلۇق يولىدۇر. ئەمما ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىس زاھىرى ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ ناھايىتى كۆپ مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىدئەتچىنىڭ ئەمىلىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىككى خىل نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

بىرىنچى: بىدئەتچىنىڭ ئەمىلىنىڭ قوبۇل قىلىنماستىن ئۆزىگە قايتۇرىلىدىغانلىقى

ئىككىنچى: بىدئەتچى ئاللاھنىڭ شەرئى ھۆكمىگە قارشى چىقىپ، دىندا ئەسلى يوق ئىشلارنى ئىبادەت ياكى دىنى پائالىيەتلەر تۈرىگە كىرگۈزدى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، مەدىنىلىكلەردە بىر نەچچە تۈرلۈك دىنى ھېيت-بايراملار بار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  بىز ئەھلى ئىسلامنىڭ ھېيت-بايرىمىمىز، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتىدۇر  دەپ، دىن تۈسىدىكى باشقا بايراملارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان

بىدئەت دىن نامىدىن يېى بىر ئىشنى پەيدا قلىش بولغانىكەن دېمەك نورۇزنى دىنى ئىبادەت دەپ قارالسا بۇ بىئەت.ئەمما دىنى ئىبادەت ياكى دىنى قائىدە يوسۇن ئەمەس مىللى ئۆرپ – ئادەت دەپ قارالغاچقا ھارام ئەمەس.ئاللاھ ھارام قىلمىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوچۇق تىلغا ئېلىپ چەكلىمىگەن بىرەر ئىشنى ھارام دىيىش ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئالدىپەشلىك قىلغانلىقتۇر.نورۇز پالئالىيىتى جەريانىدا مەيلى ھاراق- شاراپ ئىچىش بولمىسۇن مەيلى شەھۋانىلىققا ياتىدىغان ، ئاللاھ ھارام قىلغان ھەرقانداق قىلمىشتىن ساقلانغان ئاساستا مىللى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ مىللەتنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ بىرلىك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكىلىك رول ئوينىسا ئەلۋەتتە بولىدۇ.ئەگەر نورۇز پائالىيىتىنى دىنى بىر مۇراسىم دەپ بىلىۋالسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ھارام

مەسىلەن دۆلەت بايرىمى،بالىلار بايرىمى قاتارلىق نۇرغۇن مەدىنى ۋە ئىجتىمائىلىققا ياتىدىغان بايراملار دىنى بايرام سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلمىغاچقا مۇباھ بولغىنىدەك نورۇز بايرىمىمۇ نېمىشقا مۇباھ بولمىسۇن؟ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىككى ئەسلىيەچى ۋائىز چىقىپ «نورۇز قىپتىيلار ۋە پارىسلارنىڭ قەدىمقى بايرىمى ئىدى»دىيىشى بىلەن نورۇز ھارام بوپقالمايدۇ

مىللى بايراملار بىر مىللەتنىڭ كۆۋرۈكى بولۇپ ئۇ مىللەت ئەزالىرىنى ئورتاق گەۋدىدە بىرلەشتۈرۈپ،پەخىرلىنىش ھىس-تۇيغۇسى بەخىش ئېتىدۇ.نورۇز بايرىمى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى خىتايلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ۋە ئاسىمىلە بولۇپ يوقاپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن قورغان بولغانلىقتىن جاللات شېڭشىسەي نورۇز ئۆتكۈزۈشىمىزنى چەكلىگەن ئىكەن،ماۋ خىتايمۇ رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ تاكى 1986.يىلىدىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىپ مىللى خاسلىقىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈش پۇرسىتى تۇغۇلغان.ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ئالۋاستىلىرى نورۇز بايرىمىمىزنىمۇ تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە.شۇڭا بىز ئۇيقۇمىزنى ئېچىپ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمىز قۇتلۇقلاپ كەلگەن بۇ بۇھار بايرىمىنى بىزنى بىرلەشتۈرىدىغان مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇپ مىللى مەۋجۇدىيىتىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. بادام دوپپىمىزنى كىيىپ،ئەتلەس-شايى كۆڭلەكلىرىمىز بىلەن بېشىمىزغا ئاييۇلتۇرزلۇق كۆك شارپىمىزنى ئوراپ ئىستىقبالىمىزنى باھارغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىشىمىش لازىم

 

Share
2646 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.