logo

trugen jacn

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىمنىڭ ئۇيغۇر سۆيگۈسى

75565615211

ئۇيغۇر ئاشىقى، تۈركىستان ئاشىقى, دەپمۇ نام ئالغان تۈركىيەلىك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ شادلىققا چۆمدۈردى.

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىمنىڭ ئۇيغۇر سۆيگۈسى
 نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە مۇھەببىتى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.«ئۇيغۇر ئاشىقى»، «تۈركىستان ئاشىقى» دەپمۇ نام ئالغان تۈركىيەلىك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ شادلىققا چۆمدۈردى.
«DNA» ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلاردا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىمىيە پەنلىرى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈركىيەلىك ئالىم ئەزىز سانجار ئامېرىكىدا ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشاتتى.
ئامېرىكىدا «تۈرك ئۆيى» ئاچقان ۋە ئايالى «تۈرك ئۆيى»نىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يېقىندىن ياردەم قىلاتتى.
مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ جىيەنى ھاقان سانجار، تاغىسىنىڭ ئۇيغۇر سۆيگۈسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇ ھەر دائىم تۈركىستاننى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. پۇرسەت تاپقان ھامان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشاتتى ۋە ئامېرىكىدا ھەممىلا يەرگە دېگۈدەك رەسىمدىكى مايكىنى كېيىپ باراتتى» دېدى.
پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار كىم؟
پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار 1946 – يىلى ماردىندا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئائىلىدە 8 بالىنىڭ 7 – سى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق نۇتىقىدا، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئوقۇش يېزىشنى بىلمەيدىغان ساۋاتسىزلاردىن ئىكەنلىكىنى، بىراق مائارىپقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئەزىز سانجار 1971 – يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بارغان. ئۇ مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە ئامېرىكا دۆلەتلىك بىلىملەر ئاكادېمىيەسىگە قوبۇل قىلىنغان 3 تۈركنىڭ بىرسىگە ئايلانغان. ئۇ 1997 – يىلىدىن تارتىپ مۇقىم ھالدا ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا چاپېل ھېل ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمدە شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئوخىمىيە ۋە بىئوفىزىكا بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ 300 گە يېقىن ئىلمىي ماقالىسى ۋە بۇ ماقالىلىرىدىن ئېلىنغان 12000 ئۈزۈندە بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتلاردا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن.
تۈرك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار نوبېل مۇكاپاتنى شىۋېتسىيەلىك توماس لىندول، ئامېرىكىلىق ئالىم پاۋۇل مولدرىچ قاتارلىق ئالىملار بىلەن ئورتاقلاشتى. 

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىمنىڭ ئۇيغۇر سۆيگۈسى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Share
1609 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.