logo

trugen jacn

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىم ۋە ئۇيغۇرلارھەققىدە سۆھبەت

 

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىم ۋە ئۇيغۇرلارھەققىدە سۆھبەت
تارقىتىلىش 09.10.2015 يېڭىلىنىش 09.10.2015

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈركىيەلىك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار ھەر دائىم «مەن %20 ئۇيغۇر» دەيتتى.ھەر يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى توپلاپ، ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتەتتى.

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىم ۋە ئۇيغۇرلارھەققىدە سۆھبەت

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى تۈرك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «DNA» ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلاردا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيەلىك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ، خىمىيە پەنلىرى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى پۈتۈن تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئىپتىخارلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىمۇ شادلىققا چۆمدۈرگەن بولۇپ، رادىيومىز ئالدىنقى قېتىم ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجېمىھالىنى ۋە ئامېرىكىدا ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يېقىندىن ياردەم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
بۇ قېتىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئائىلە دوستى شۇنداقلا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور تۇغرۇل ئابدۇرراززاق ئەپەندى بىلەن پىروفېسسورنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. تۆۋەندە تېلېفون سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز
مۇخبىر:
ھۆرمەتلىك دوكتور تۇغرۇل ئابدۇررەززاق ئەپەندىم! ئىگىلىشىمىزچە سىز ۋەسىزنىڭ ئائىلە ئامېرىكىدا پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ يېقىن ئائىلە دوستلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىكەنسىز، بىزگە تونۇشۇش جەريانىڭىزنى قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز قانداق؟
دوكتور تۇغرۇل ئابدۇررەززاق:
مەن پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار بىلەن 1990 – يىللىرى چاپېل ھېل ئۇنىۋېستېتىدا ماتېماتىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى باشلىغان مەزگىلدە تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ چاغلاردا چاپېل ھېل ئۇنىۋېستېتىدا ئۇيغۇرلاردىن يالغۇز مەنلا بار ئىدىم. مەن ئەزىز سانجارنى بىر گېلەم دۇككىنىدا ئۇچرىتىپ، چىرايىنىڭ ئۇيغۇرغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىمدا، ئۇنىڭ «توغرا دېدىڭ، مېنىڭ ھېچ بولمىغاندا %20 تىم ئۇيغۇر» دېگەن خۇشپىئىل جاۋابى بىلەن دوستلۇقىمىز باشلىنىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن تۈركچە ئۈگىنىدىغان بولدۇم ۋە ئۇمۇ مەندىن ئۇيغۇرچە ئۆگەندى. شۇنداق قىلىپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. 1991 – يىلى ئايالىم لالە داۋۇتمۇ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى. ئايالىم لالە داۋۇت ئۇرۇمچىدە مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئەزىز سانجار ئايالىمنىڭ دوكتور ئاشتىلىق كەسپىگە يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولدى. ئايالىم دوكتور لالە داۋۇت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10 يىلغا يېقىن پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلدى.
مۇخبىر:
پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ جېيەنى ھاقان سانجار بىزگە پىروفېسسورنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ئىدى. سىز ئائىلە دوستى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن پىروفېسسورنىڭ قانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىغا شاھىت بولدىڭىز؟
دوكتور تۇغرۇل ئابدۇررەززاق:
پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار نام – ئاتاقتىن ۋە داۋراڭ سېلىشتىن قاچىدىغان، پەقەت ئوقۇش – ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان، كۆڭۈل ئېچىش ئويۇن – تاماشالاردىن ئۇزاق تۇرىدىغان ئاكىمىز بولۇپ، ھەتتا 40 يىل ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا بىر قېتىممۇ ئاپتوموبىل ھەيدەپ باقمىغان ئىدى. ئادەم كۆپ يەرلەرنى ياختۇرۇپ كەتمەيتتى. شۇڭا ھەر خىلدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپ قاتناشمايتتى. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى بولغان ھامان ھەر قانداق مۇھىم ئىشىنى تاشلاپ چوقۇم قاتنىشاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتىگە قاتتنىشىشنى ئۇلۇغ بىر بۇرچ قاتارىدا كۆرەتتى. ھەتتا نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقىمۇ ئاتايىن بېرىپ قاتناشقان ئىدى. تۈركلەرنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىدىغان مەزلۇم ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە ئىمكان بار تۇرۇپ قاتناشماسلىقنى ھەقىقىي ۋىجدانلىق تۈرككە نىسبەتەن بىر خىيانەت ۋە جىنايەت دەپ قارايتتى. شۇڭا تۈركلەرنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشمىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن چوقۇم قاتنىشاتتى.
ئەينى چاغدا ئامېرىكىدا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 10 يىلدىن كۆپرەك پائالىيەت كۆرسەتكەن «تەڭرىتاغ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇسمىسى» دەپ بىر جەمئىيتىمىز بار بولۇپ، پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار جەمئىيىتىمىزنىڭ رەسمىي ئەزالىرىدىن بىرسى ئىدى. جەمئىيتىمىزنىڭ خىزمىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. ئۇنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىگە بارغاندا كېيىپ بارىدىغان، قىزىل ۋە كۆك بايراقنىڭ ئۈستىگە «Free East Turkistan» دەپ يېزىلغان مايكىسىنىمۇ چوڭ قېزىم لايىھەلەپ بەرگەن ئىدى.
مۇخبىر:
پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ ياردەم قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق. سىز ئۇيغۇرلاردىن كىملەرگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
دوكتور تۇغرۇل ئابدۇررەززاق:
ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئۇ ئىنتايىن كەمتەر، كىچىك پىئېل بىر ئادەم بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇنى «پىروفېسسور» ياكى «دوكتور» دەپ ئۇنۋانى بىلەن ئاتىشىنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيتتى. ماڭىمۇ ئۇدۇل ئىسمى بىلەن ئاتىشىمنى جىكىلىگەن بولغاچقا بىز ھەممىمىز ئۇنى «ئەزىز ئاكا» دەپ ئادەتلەنگەن ئىدۇق. شۇڭا سۆزۈمنىمۇ ئادىتىم بويىچە ئۇنى «ئەزىز ئاكا» دەپ داۋاملاشتۇرىمەن.
دېمىسىمۇ ئەزىز ئاكىمىزغا ئوخشاش ياردەمپەرۋەر ئىنسانلار ئاز ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ ئېزىلگەن ئۇيغۇلارغا كەلگەندە ئەزىز ئاكىمىز ھېچ نەرسىنى ئايىمايتتى. ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ ياردىمىنى كۆرگەن ئۇيغۇر بىزنىڭ ئائىلە بولدى. ئايالىم دوكتور لالە داۋۇتقا 10 يىلغا يېقىن يېتەكچى ئۇستاز بولدى. ئامېرىكىنىڭ شارائىتىدا بىر ئوقۇغۇچىنى 10 يىل تەربىيەلەش ئاسان ئىش ئەمەس. نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىزدىن باشقا يەنە قېرىندىشىمىز مۇجاھىت تۇرسۇنغىمۇ 2 يىل ياردەم قىلدى. شۇنىڭدەك مۇرات قادىر قاتارلىق بىر قانچىلغان ئوقۇغۇچىلارغا گەرچە ئىقتىسادىي ياردەمدە بولمىغان بولسىمۇ، يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، ئوقۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتىن نۇرغۇن ياردىمى تەگدى. ھازىرمۇ ئۇرۇمچىدىن كەلگەن بەزى ياشلىرىمىزغا ئوقۇش جەھەتتە يول كۆرسۈتۈپ ياردەمدە بولماقتا. ئەزىز ئاكىمىز ئايالى پىروفېسسور دوكتور گىۋېن سانجار بىلەن بىرلىكتە «Aziz and Gwen Sancar Foundation» ناملىق فوندى جەمئىيەت قورغان بولۇپ، «تۈرك ئۆيى» دەپمۇ ئاتىلاتتى. بۇ جەمئىيىتىدە ئوقۇغۇچى ۋە باشقا ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاتتى. ئۆزى ئىنتايىن دىن – دىيانەتلىك ئادەم بولغاچقا ھەتتا يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنى توپلاپ، ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتەتتى ۋە دەرسلىرىگە ياردەم بېرەتتى. مېنىڭ ئىككى قىزىمنىڭمۇ قۇرئان ساۋادىنى ئەزىز ئاكا ئۆزى چىقارغان ئىدى. يەنە بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىمىزنىڭ ئىككى پەرزەنتىمۇ ئەزىز ئاكىنىڭ قۇرئان دەرىسىگە قاتنىشاتتى. 4 ئۇيغۇر ئۆسمۈر ۋە تۈركلەردىن 5 – 6 ئۆسمۈر بالا بولۇپ، تەخمىنەن 10 غا يېقىن بالىغا ھەر يەكشەنبە كۈنى شۇنچە ئالدىراشلىقىغا قارىماستىن، ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ، قۇرئان ئۆگىتەتتى. ھەتتا بىز باشقا شەھەرگە يۆتكىلىپ كېتىپ، چوڭ قىزىم تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكىزىدىغان چىغىدا، ئەزىز ئاكا خەۋەر تېپىپ، ئاتايىن ئايروپىلان بىلەن كېلىپ، قىزىمنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە تەبرىكلىگەن ئىدى.
مۇخبىر:
پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بۇنچە ھېسداشلىقىنىڭ ئارقىسىدا سىزنىڭ ئائىلە دوسلۇقىڭىزنىڭ مۇھىم تۈرتكىسى بار دېسەك بولامدۇ؟
دوكتور تۇغرۇل ئابدۇررەززاق:
ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئەزىز ئاكا ئۆزىمۇ ئۇيغۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى، دەرت – ئەلەملىرىگە قايغۇراتتى. شۇڭا بىزدىن ۋەتەننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پات – پات سوئاللارنى سوراپ تۇراتتى. بىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ۋاقتى- ۋاقتىدا ئۇنى خەۋەردار قىلىپ تۇراتتۇق. بىراق ئەزىز ئاكا گەرچە تەبىئىي پەن ئالىمى بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي پەن ۋە تارىخ جەھەتتىمۇ مەلۇماتى چوڭقۇر ئىدى. بولۇپمۇ مىللىي كىملىك ئېڭى ئىنتايىن ئۈستۈن ئادەم ئىدى. مەن ئەڭ كۆپ ئۇنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىىيىتى ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.
مۇخبىر:
ئاخىرىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجاردا قالدۇرغان تەسىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟
دوكتور تۇغرۇل ئابدۇررەززاق:
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدا ئىنتايىن ياخشى تەسىرلەر قالدۇردى. ئەزىز ئاكىمىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىدىغان بولغاچقا، بەزى سەلىبىي تەسىرلەرنى قالدۇرغانلارمۇ يوق ئەمەس- ئەلۋەتتە. ئۇ بىر قېتىم ماڭا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ۋە زىيالىلاردىن شىكايەت قىلىپ، «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار باشىقلارغا سېلىشتۇرغاندا بىر ئاز ھورۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەخسىيەتچى، ئۇلۇغۋار غايە ۋە نىشان ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاپ تىرىشىدىغان ئەھۋال يوق. يېتىشكەن زىيالىلارنىڭمۇ مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىز، مىللىي ۋە دىنىي مەنىۋىي بايلىقلىرىغا ئىگە چىقىش روھى يوق» دېگەن ئىدى. لىكىن ھەممە ئىشقا ئىلمىي باھا بېرىدىغان بولغاچقا بۇ كەمچىللىكلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلاردىن كۆرمەيتتى. بەلكى ئۇزۇن يىللىق ئاسارەت ۋە قۇللۇقنىڭ ئىنسان پىسخىئولوگىيەسىدە ئۈمىتسىزلىك بىلەن بىرگە ھورۇنلۇقنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھاكىم مىللەتلەرنىڭ مەھكۇم مىللەتلەرنى تېخىمۇ ئۇزۇن كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۇن ئىرادىسىز، تەييارتاپ، مىللىي ۋە دىنىي كىملىك ئېڭىدىن مەھرۇم قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرلا يۇلى ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرەتتى.
ئەمدى ئەزىز ئاكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان كۆز قارىشىغا كەلسەك، ئۇيغۇرلاردىن ئىنتتايىن ئۈمىدۋار دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھەر دائىم «مەن %20 ئۇيغۇر» دەيتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە ئۇزۇن ئۇزۇن سۆز قىلىپ بېرەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن زېرەك، ئەقىللىق، مەدەنىي مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئەڭ قەدىمىي تۈرك مىللىتى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مىللىي كىملىكى ۋە ئىسلامدىن ئىبارەت دىنىي كىملىكىگە مەھكەم ئېسىلىپ، تىرىشىدىغان شۇنداقلا ئۆزلىرىنى يېتىلدۇرىدىغانلا بولسا پۈتۈن قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر داۋاسىنى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دېپلوماتىك مەنپەئەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزگەندە، پۈتۈن ئارزۇلارنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن قازاق، قىرغىز تۈركمەن، ئۆزبەك دەپ ئايرىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك، ھەممەيلەن ئوخشاشلا تۈرك ۋە ئوخشاشلا مۇسۇلمان دېگەن قېرىداشلىق ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، باشتىن كەچۈرىۋاتقان زۇلۇم – سېتەملەرنى يالغۇز ئۇيغۇلارنڭى ئەمەس بەلكى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسلىىسىگە ئايلاندۈرۈش لازىم، دەپ نەسىھەتلەرنى قىلاتتى. مەندىكى تۈركچىلىك ئېڭىمۇ ئەزىز ئاكىنىڭ مۇشۇ خىل سۆھبەتلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ شەكىللەنگەن دېسەم ئاشۇۋەتكەن بولمايمەن.
مۇخبىر:
بولىدۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەخمەت.
(مىركامىل كاشغەرى)
نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىم ۋە ئۇيغۇرلارھەققىدە سۆھبەت
http://www.trt.net.tr/uyghur/%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83-%D8%AF%DB%87%D9%86%D9%8A%D8%A7%D8%B3%D9%89-%D8%AE%DB%95%DB%8B%DB%95%D8%B1%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89/2015/10/09/%D9%86%D9%88%D8%A8%DB%90%D9%84-%D9%85%DB%87%D9%83%D8%A7%D9%BE%D8%A7%D8%AA%D9%89%D8%BA%D8%A7-%D8%A6%DB%90%D8%B1%D9%89%D8%B4%D9%83%DB%95%D9%86-%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83-%D8%A6%D8%A7%D9%84%D9%89%D9%85-%DB%8B%DB%95-%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1%D9%84%D8%A7%D8%B1%DA%BE%DB%95%D9%82%D9%82%D9%89%D8%AF%DB%95-%D8%B3%DB%86%DA%BE%D8%A8%DB%95%D8%AA-350419
Share
2262 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.