logo

trugen jacn

نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبو خىتاي نازارىتى ئاستىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شاۋبو 13-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى شېنياڭدىكى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

ئۇ بۇ يىل 61 ياش ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى  6-ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنى ئۇنىڭ جىگەر راكى ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ قالغاندا ئاندىن دۇنياغا ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان ۋە ئۇنى شېنياڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا قاتتىق نازارەت ئاستىدا داۋالاشقا ئالغان ئىدى.

ئۆزىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى سەۋەبلىك خىتايدا 11 يىللىق قاماق جازاسى مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ليۇ شاۋبونىڭ جىگەر راكى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە نۇرغۇن غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى قويۇۋېتىشنى، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە بولسىمۇ ئۆز ئارزۇسىغا بىنائەن چەتئەلدە داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، بارلىق خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارادىكى چاقىرىقلارغا قارىماي،  ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلمىغان ئىدى.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 13-ئىيۇل كۈنى دائىرىلەر شېنياڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ تور بېتى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى، س ن ن، ب ب س تېلېۋىزىيەلىرى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ۋاشىنگتون پوچتىسى باشلىق بارلىق نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردا مۇھىم خەۋەر قىلىپ تارقىتىلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تېللېرسون دەرھال بايانات بېرىپ، ئۆز تەزىيەسىنى بىلدۈردى. ئۇ باياناتتا: «ليۇ شاۋبو ئۆز ھاياتىنى دۆلىتىنىڭ ھەم شۇنداقلا ئىنسانلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاتىغان. ئۇ ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئىزدەنگەن ئىدى. مەن ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شا ۋە ئۇنىڭ بارلىق قوللىغۇچىلىرىغا تەزىيەمنى بىلدۈرىمەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ليۇ شانىڭ ئۆز ئارزۇسىغا ئاساسەن خىتايدىن كېتىشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىمەن. ليۇ شاۋبو ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە خىتاينى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان كۈرىشى ئارقىلىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئالغان ئىدى. ئۇ ئۆلۈمى ئارقىلىق نوبېل كومىتېتىنىڭ قارارىنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان بولدى» دېدى؟

ليۇ شاۋبونىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكرات تەشكىلاتلىرى پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى جايلاشقان كوچىنىڭ ئىسمىنى ليۇ شاۋبو كوچىسى قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن باشلىغان ئىمزا يىغىش ھەرىكىتىنى جىددىي داۋام قىلماقتىكەن. كوچا ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسى ئەسلى 2016-يىلى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىس ئەزاسى تېد كرۇز تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، لايىھە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىنمۇ تەستىقلانغان. بىراق، بۇ لايىھىگە ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغاندا مەغلۇپ بولغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ ھەرىكەت قايتا باشلانغان بولۇپ، ئەگەر بۇ لايىھە قوبۇل قىلىنسا، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئادرېسى «ليۇ شاۋبو مەيدانى 1-نومۇر» غا ئۆزگىرىپ قالىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/lyu-shyawbo-07132017170423.html

Share
1905 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.