logo

trugen jacn

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى شېرىن ئابادى تىبەت، ئۇيغۇر ھەققىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى

150-222

جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرى يىغىنىنى بايقوت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىرانلىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى شېرىن ئابادى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە تۇتۇ ھەققىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى

   دالاي لاماغا ۋىزا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرى يىغىنىنى بايقوت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىرانلىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى شېرىن ئابادى چارشەنبە (بۈگۈن) بايانات بېرىپ، دېسمونت تۇتۇنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ پوزىتسىيەسىگە قارشى زۇۋان سۈرمىگەنلىكىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى

شېرىن ئابادى تىبەتنىڭ رۇھانىي لىدېرىغا ۋىزا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كەيپ تاۋن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان تىنچلىق يىغىنىنى بايقوت قىلىشقا چاقىرغان بىر تۈركۈم نوبېل مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ

شېرىن ئابادى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دالاي لامانىڭ ئىقامەتگاھى درامسالادا، «جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرەشنىڭ تارىخى بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز بۇ دۆلەتنىڭ دالاي لاماغا ئۈچ قېتىم ۋىزا بەرمەسلىكىنى قوبۇل قىلالمايمىز» دېدى

ئۇ دالاي لاما نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 25 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «مەن دېسموند تۇتۇنىڭ بۇ قېتىم جىمجىت تۇرۇۋالغانلىقىدىن ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدىم، بىزگە ئوخشاش ئوچۇق سۆز قىلمىغانلىقىدىن ھەيران قالدىم» دېدى

كىمكى دىكتاتورنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلىشقا قارار قىلسا، دىكتاتورلۇققا ھەمدەم بولغان ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسلەيلى

تۇتۇ 1984- يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى

خىتاي ئىزچىل تۈردە 1959- يىلىدىن بۇيان ھىندىستاندا سۈرگۈن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دالاي لامانى تىزگىنلەش ئۈچۈن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە. 79 ياشلىق دالاي لاما تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنمەكتە

 دۆلىتىدە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق يولىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى يۈزىسىدىن  2003- يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىرانلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ئابادى، خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ يولسىزلىقلىرى ھەققىدە ساداسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە چاقىردى

ئۇ، «شائىرلارنى تۈرمىگە سولىغان بىر ھۆكۈمەتكە قارشى سۈكۈتنى بۇزۇش، نارازىلىق بىلدۈرۈش توغرا ئەمەسمۇ؟» دېدى ۋە سۆزلىرىگە 2009- يىلى تۈرمىگە سولانغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى خىتاي يازغۇچى ليۇ شاۋبو دېلوسىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتتى

ليۇ شاۋبو 2009 – يىلى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق يولىدا كۆرسەتكەن تىنچ ۋە ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تىرىشچانلىقلىرى» سەۋەبىدىن 2010- يىلى تۈرمىدىكى چېغىدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنىدى

ئابادى يەنە دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ قانلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دۆلەتلەر خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىتەرەپ قىلىنىشىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك… بۇنىڭغا خىتاي خەلقىمۇ قارشى تۇرۇشى كېرەك، بۇ خىل جىنايەتلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلسا، ئۇلارمۇ بۇنىڭغا شېرىك بولغان ھېسابلىنىدۇ

بېيجىڭ، بۇ خىل ۋەقەلەردە خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشنى خالايدىغان مىلىتانلارنى ئەيىبلىسە، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى بېسىمنىڭ بۇ خىل قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ

ئابادى، خىتايدىن ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتقان تىبەتلىكلەر بىلەن ئىران خەلقىنى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەشتۈرگەن ھالدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ نېفىتلىرىمىزگە موھتاج» دېدى. ئۇ سۆزلىرىگە يەنە، « ئىران خەلقى تىبەت خەلقى بىلەن بىرگە، دۇنيا سىلەرنىڭ كۈرەشلىرىڭلارغا نەزەر تاشلىماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىلاۋە قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1745 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.