logo

trugen jacn

نوبېل ئالىمى ئەزىز سانجارنى ئۇيغۇرلارمۇ قارشى ئالدى

 

6451268987sancar1

ئۇيغۇر پەرزەنتى كىچىك مۇجاھىت كاشغەرى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تەبرىك سالامىنى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى.

نوبېل ئالىمى ئەزىز سانجارنى ئۇيغۇرلارمۇ قارشى ئالدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «DNA» ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلاردا دەۋر بۆلگۈچ يېڭىلىق يارىتىپ، خىمىيە پەنلىرى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن شۋېتسىيەدىن ئۇدۇل تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.
ئاخشام سائەت 19:00 دا ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.
«ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ۋە يېقىن قوللىغۇچىسى» دەپمۇ تونۇلغان پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنى ئايرودۇرۇمدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن كىچىك مۇجاھىت كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى قارشى ئالدى. ئۈستىگە «كۆك بايراقتىن قىزىل بايراققا سالام» دەپ بېغىشلىما يېزىلغان كۆك رەڭلىك گۈلدەستە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ئۇيغۇر دوپپسىنى تەقدىم قىلدى.
ئۇيغۇر پەرزەنتى كىچىك مۇجاھىت كاشغەرى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تەبرىك سالامىنى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى.
تۈرك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا ئوتلۇق سالامىنى يوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نوبېل ئالىمى پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنى بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە قوبۇل قىلىدۇ.
تۈرك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ يەنە ئارمىيە باش قوماندانى ھۇلۇسى ئاكار ۋە باشقا يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئامېرىكىدا «تۈرك ئۆيى» ئاچقان ۋە ئايالى «تۈرك ئۆيى»نىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يېقىندىن ياردەم قىلاتتى.
پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار كىم؟
پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار 1946 – يىلى ماردىندا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئائىلىدە 8 بالىنىڭ 7 – سى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق نۇتىقىدا، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئوقۇش – يېزىشنى بىلمەيدىغان ساۋاتسىزلاردىن ئىكەنلىكىنى، بىراق مائارىپقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئەزىز سانجار 1971 – يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بارغان. ئۇ مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە ئامېرىكا دۆلەتلىك بىلىملەر ئاكادېمىيەسىگە قوبۇل قىلىنغان 3 تۈركنىڭ بىرسىگە ئايلانغان. ئۇ 1997 – يىلىدىن تارتىپ مۇقىم ھالدا ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا چاپېل ھېل ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمدە شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئو – خىمىيە ۋە بىئو – فىزىكا بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ 300 گە يېقىن ئىلمىي ماقالىسى ۋە بۇ ماقالىلىرىدىن ئېلىنغان 12000 ئۈزۈندە بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتلاردا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ «DNA» ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلاردا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى دەۋر بۆلگۈچ يېڭىلىق دەپ قارالماقتا.

نوبېل ئالىمى ئەزىز سانجارنى ئۇيغۇرلارمۇ قارشى ئالدى
http://www.trt.net.tr/uyghur/%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83-%D8%AF%DB%87%D9%86%D9%8A%D8%A7%D8%B3%D9%89-%D8%AE%DB%95%DB%8B%DB%95%D8%B1%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89/2015/12/15/%D9%86%D9%88%D8%A8%DB%90%D9%84-%D8%A6%D8%A7%D9%84%D9%89%D9%85%D9%89-%D8%A6%DB%95%D8%B2%D9%89%D8%B2-%D8%B3%D8%A7%D9%86%D8%AC%D8%A7%D8%B1%D9%86%D9%89-%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1%D9%84%D8%A7%D8%B1%D9%85%DB%87-%D9%82%D8%A7%D8%B1%D8%B4%D9%89-%D8%A6%D8%A7%D9%84%D8%AF%D9%89-422141
Share
1651 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.