logo

trugen jacn

نوبىل مۇكاپاتىغا ئەرىشكەن “تەرورىست”لار

 

م.ئازات

خەلقارا “تەرورىست” ئىلان قىلىنىپ،كەيىن دولەت رەىسى بولغان،ھەتتا نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئەرىشكەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پاالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر قەرىنداشلىرىمغا قىسقىچە مەلۇمات بىرىشنى مۇۋاپىق كوردۇم.

. ياسەر ئارافات
yaser
تۇلۇق ئىسمى-مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئابدۇراۇف ئەل قۇدۋا ئەل ھۇسەيىن ئارافات. مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئوزىنىڭ،ئابدۇراۇف دادىسىنىڭ،ئارافات چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر. ئارافات 1929.يىلى،8.ئاينىڭ،24.كۇنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە پەلەستىنلىك بىر كوچمەن ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلدى(بەزىلەر ئۇنى قۇددۇستا تۇغۇلدى دەپمۇ يەزىشىدۇ).ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا(قاھىرە ئىنۋىەرسىتىتى)1948.يىلى ئەرەپ-ئىسراىل ئۇرۇشىغا،1949.يىلى گاززە ئۇرۇشىغا قاتناشتى.1952-1956.يىللىرى ئارسىدا ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەىسى بولدى.”ياسەر” ئىسمىنى بۇ يىللاردا ئىشلەتتى.ئۇ،پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن باشلاپ”ئابۇ ئاممار”تەخەللۇسىنى قوللاندى.ياسەر ئارافات 1957.يىلى قۇرۇلۇش ئىنجىرى سۇپىتى بىلەن كۇۋەيىتكە كەلدى.كۇۋەيىتتە 1958.يىلى “ئەل پەتىھ”(پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى)نى قۇردى.ھىچ بىر ئەرەپ دولىتىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىدى.ئارافات، پەلەستىن خەلقىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەش قىلىشقا باشلىدى ۋە 1964.يىلى ئەوردانىيەگە كوچۇپ كەلدى.

ئەوردانىيەدىن İسراىلگە قارشى شىددەتلىك قۇراللىق ھۇجۇملارنى قوزغىدى.پەلەستىن ئازاتلىغى ئۇچۇن كۇرەش قىلغۇچى بارلىق پاالىيەتچىلەر ئەوردانىيەگە سەلدەك ئەقىپ كىلىشكە باشلىدى ئەوردانىيەنىڭ پادىشسى ھۇسەيىن دولەت بىخەتەرلىگىنى كوزدە تۇتۇپ 1969.يىلى ئارافاتنى باش مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلدى.ئارافات “مۇستەقىل پەلەستىن” غايىسى ئۇچۇن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.

1970.يىلى 9.ئاينىڭ 15.كۇنى ئارافات دۇنيانىڭ بىر قانچە نوقتىسىدىن ئەوردانىيەنىڭ پايتەختى ئۇممانغا 50 كىلومىتىر يەقىنلىقتىكى داۋسۇن ئايرىپىلان ئىستانسىسىغا 5 ئايرۇپىلاننى قاچۇرۇپ ئەكەلدى ۋە يولۇچىلارنى ئايرىۋەتىپ ئايرۇپىلانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوت قۇيىۋەتتى. ياسەر ئارافات،بىرلەشكەن دولاتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامەرىكا باشلىق غەرىپ دولەتلىرى تەرىپىدىن “خەلقارالىق تەرورىست”دەپ ئىلان قىلىندى.

1970.يىلى يىل ئاخىرىدا ئەوردانىيە ئارمىيىس ئارافاتنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك ئارمىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قاخشاتقۇچ زەربە بەردى.ئارافاتنىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئولدى. 5 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى يارىلاندى. ئۇ،قالغان ئەسكىرى كۇچلىرىنى ئەلىپ لىۋانغا قەچىپ كەلدى.شۇنداق قىلىپ ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئەسكىرى زەربە ئوز مىللىتى ئەرەپلەردىن كەلدى.

1972،يىلى ئاۋۇستۇرريەنىڭ ۋىيەنا شەھرىگە كىتىۋاتقان بىر يولۇچى ئايرۇپىلاننى قاچۇرۇپ،İسراىلنىڭ لۇد شەھرىگە قوندۇردى.24 نەپەر يولچىنى ئولتۇردى. بارلىق غەرىپ دولەتلىرىدە ئارافات نى تۇتۇش بۇيرۇغى چىقىرىلدى.

1972.يىلى 9.ئايدا گىرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھرىدە ئوتكۇزۇلىۋاتقان ئولىمپىك يەغىنىدا ئارافاتنىڭ ئادەملىرى 11 نەپەر İسراىللىك تەنھەركەتچىنى ئەسىرگە ئالدى ۋە ھەممىسىنى ئولتۇرۇۋەتتى.لىۋان İسراىل تەرىپىدىن ئىشخال قىلىنغاندىن كەيىن ئارافات تۇنىسقا يەرلەشتى.

1988.يىلى 11.ئاينىڭ 15.كۇنى پەلەستىن دولىتى قۇرۇلغانلىغىنى جاكالىدى ۋە دولەت رەىسى بولۇپ سايلاندى. بىرىنجى قەتىملىق قۇلتۇق ئۇرۇشىدا ساددام ھۇسەيىننى قوللىدى.
1994.يىلى 7.ئاينىڭ 1.كۇنى 27 يىل ئاياق باسالمىغان ئەزىز ۋەتىنى گاززە گە ئاياق باستى. 1994.يىلى 10.ئاينىڭ.14.كۇنى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
2004.يىلى 11.ئاينىڭ 11.كۇنى 75 يەشىدا پارىج شەھرىنىڭ ئەتىراپىدىكى بىر ھەربى دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى. بىر “خەلقارالىق تەرورىست”دولەت باشلىغى بولدى،نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ياسەر ئارافات،بۇگۇن ئازاتلىق ئۇچۇن كۇرەش قىلىۋاتقان ئەرەپ-مۇسلمان خەلقلىرى ئۇچۇن پارلاق ۋە قاھرىمان ئولگە سۇپىتىدە ئىلھام ۋە جاسارەت مەنبەسى بولماقتا.

. نەلسون ماندەلا
nelsonmandela
نەلسون ماندەلا 1918.يىلى تۇغۇلدى. ئۇ،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۇگەتكەندىن كەيىن فورت ھارە نىۋەرسىتي چوللەگەگە ئوقۇشقا كىردى.بىر قەتىملىق ئۇقۇغۇچىلار ھەركىتىگە يىتەكچىلىك قىلغىنى ئۇچۇن ئۇنىۋەرسىتىتتىن قوغلاندى.ترانسۋاالغا كەلدى ۋە بۇ يەردىكى ئالتۇن كانىدا كان ئىشچىلىرى بىلەن بىللە ئىشلىدى.بۇ جەرياندا يەرىم قالغان ئۇنىۋىرسىتتىنى خەت-مەكتۇپ مۇارىپى يولى بىلەن ئۇقۇدى ۋە دىپلومىنى ئالدى.1952.يىلى ۋىتۋاتەرستراند ئۇنىۋىرسىتىتىڭ قانۇن پاكۇلتىتىنى پۇتتۇرۇپ ئاۋدۇكاتلىق قىلىشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن جەنۇبى ئاپىرىقىنىڭ تۇنجى نەگىر ئاۋدۇكاتى بولۇپ قالدى.ئەرىقى كەمسىتىشكە قارشى پاالىيەت ئەلىپ بەرىۋاتقان ئاپىرىقا مىللى قۇرۇلتەيىغا ئەزا بولدى ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ ياشلار ئىتتىپاقى رەىسى بولدى.

1961.يىلى ئاپىرىقا مىللى قۇرۇلتەيى قۇراللىق قىسىملىرىنىڭ باشلىغى بولدى
1962.يىلى نەگىرلارىڭ ئازاتلىغى ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەشكە ياردەم ئىزدەپ چەتئەل ساياھىتىگە چىقتى.ئەڭىلىيە ۋە بىر قاتار ئاپىرىقا دولەتلىرىنى زىيارەت قىلدى.سوتسىيالىستىك دولەتلەردىن قىسمەن قۇرال ياردىمىگە ئىگە بولدى.ۋەتىنىگە قايتىپ كىلىشى بىلەن قولغا ئەلىندى؛دولەت چىگرىسىدىن رۇخسەتسىز چىقىش، ھاكىمىيەتكە قۇراللىق پاراكەندىچىلىك سەلىش،خەلقنى ھوكۇمەتكە قارشى قۇتۇرتۇش جىنايىتى بىلەن سوتلاندى.

نەلسون ماندەلا،خەلقنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقى بولمىغان بىر پارالمىنتى(خەلىق قۇرۇلتەيى)چىقارغان قانۇنلارغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى يوقلىغىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئوزىنى قوغدىدى ۋە خەلقنى ھوكۇمەت قانۇنلىرىغا ئىتاەت قىلماسلىققا چاقىردى.ئۇ، ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىندى. نەلسون ماندەلا تۇرمىدىكى يىللىرىدا ئاپىرىقىدىكى ئازاتلىق ئۇچۇن كۇرەش قىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئورتاق سىموۋىلىغا ئايلاندى.
نەلسون ماندەلا 1979.يىلى نىھرو مۇكاپاتىغا،1981 يىلى برۇنو كرەىسكي ئىنسان ھوقۇقى مۇكاپاتىغا،1983.يىلى ئۇنەچو نىڭ سىمون بولىۋار مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
1992.يىلى تۇركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى بولغان ئاتاتۇرك تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. ئامما،ماندەلا،“مىللى تەڭسىزلىك داۋام قىلىۋاتقان دولەتلەردىن بىرىلگەن مۇكاپاتلارنى ئالمايمەن“دەپ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ڭ ئالى مۇكاپاتىنى رەت قىلدى.
نەلسون ماندەلا 40 يىل ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق خەلقارا مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى.
1990.يىلى جەنۇبى ئاپىرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەىسى ف. ۋ. دە كلەرك ئاپىرىقا مىللى قۇرۇلتەيىغا 30 يىلدىن بىرى قويۇلغا سىياسەتتىن مەنئى قىلىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە ئۇمۇمى كەچۇرۇم ئەلان قىلدى.

نەلسون ماندەلا 1990.يىلى.2.ئاينىڭ 11.كۇنى 28 يىللىق تۇرما ھاياتىدىن قۇتۇلۇپ،ئەركىنلىككە ئەرىشتى.ئۇ، ئاقتەنلىكلەر بىلەن ئوخشاش ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن مىليۇنلىغان نىگىر ئاھالىسىنى سەپەرلىككە كەلتۇردى.جەنۇبى ئاپىرىقىدا ئەرقى كەمسىتىشكە قارشى خەلق كۇرىشى يۇقىرى دولقۇنغا چىقتى.
1992.يىلى نىگىرلارنىڭمۇ سايلاش،سايلىنىش ھۇقۇقىنى ئوز ئىچىگە ئالغان يەڭى قانۇن خەلقنىڭ ئاۋاز بىرىشىگە سۇنۇلدى ۋە قۇبۇل قىلىندى. نەلسون ماندەلا 1993.يىلى 10.ئاينىڭ 15.كۇنى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
1994.يىلى 5.ئاينىڭ 10.كۇنى جەنۇبى ئاپىرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى نىگىر دولەت رەىسى بولۇپ سايلاندى.
2008.يىلى 6.ئاينىڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى پۇتۇن ھەپتە بۇيىچە لون دوندىكى ھيدە پاركتا مىللى كەمسىتىلىشكە قارشى كۇرەشنىڭ بايراقدارى نەلسون ماندەلانىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىگىنى تەبىرىكلەش پاالىيىتى ئۇيۇشتۇرىلدى.مۇراسىمغا ئامەرىكىنىڭ بۇرۇنقى پىرىزدىنتى بىلل چلىنتون،ئەڭىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋن،مەشھۇر كىنو ئەرتىستى ۋىلل سمىتھ ،مەشھۇر مۇزىكانىت ئاننىە لەننوخ قاتارلىق يۇزلىگەن داڭلىق شەخىسلەر ۋە يۇزمىڭلىغان ئىشتىراكچىلار قاتناشتى.
2008.يىلى 6. ئاينىڭ 28.كۇنى – ماندەلانىڭ تۇغۇلغان كۇنى، ئامەرىكا ساناتورى جوھن كەرري ،نەلسون ماندەلانىڭ ”تەرورىست“لار تىزىملىگىدىن چىقارغانلىغىنى ئىلان قىلدى.ساناتور شەلدون ۋھىتەھوۇسە مۇ مۇخبىرلار بىلەن قىلغان سوھبىتىدە ”نەلسون ماندەلانىڭ تەرور جىنايەتچىلىرىنى كۇزۇتۇش تىزىملىگىدە يەرى بولماسلىغى كىرەك ئىدى. ساناتونىڭ بۇگۇنكى قارارى،جەنۇبى ئاپىرىقا رەھبىرىگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىكنى،ئامەرىكىنى قىيىن ئەھۋالدا قۇيۇۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا پۇرسەت ياراتتى“دىدى.
رونالد رەاگان دەۋرىدىن باشلاپ،بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان نەۋ يوركتىن باشقا ئامەرىكىنىڭ ھەرقانداق بىر يىرىگە بەرىش نەلسون ماندەلا ئۇچۇن مەنئى قىلىنغان ئىدى.
تارىختىكى“جىنايەتچى”،”تەرورىست”ماندەلا.بۇگۇن،دۇيادا ئىزىلىۋاتقان،كەمسىتىلىۋاتقان مىللىلەتلەرنىڭ ئازاتلىق كۇرشىنىڭ ئورتاق بايراقدارى،مەشئىلى سۇپىدىە كوڭۇللەر تەختىدە يەرىنى ئەلىپلا قالماستىن،دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى ھورمەتكە سازاۋەر بولغان نوبىل تىنىچلىق مۇكاپانىڭ ئىگىسى بۇلۇش سۇپىتى بىلەنمۇ ئىنسانىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان بىر گىگانىت شەخىسكە ئايلانماقتا.

ھاشىم تاجى

kosova-basbakani-taci-cumhuriyet-ibaresi-3331477_1132_300
ھاشىم تاجى 1968.يىلى.4.ئاينىڭ.24.كۇنى كوسوۋانىڭ دىرانىجا رايونىنىڭ بروجنا ناھىيەسىدە تۇغۇلدى.درانىجا ئالبانلارنىڭ سىرپ ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەڭ كۇچلۇك قەلئە ھىساپلانغان رايون.ئۇ پىرىشتىنا ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ تارىخ پاكولتىتىدا ئوقۇۋاتقان 1989-1991 .يىللىرىدا يۇگۇسلاۋىيەدىن كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىغىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇقۇغۇچىلار ھەركىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.
ھاشىم تاجى مۇستەقىللىققا ئىرىشىش ئۇچۇن قۇراللىق كۇچ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتتى ۋە مەخپى “كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى“تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئىشىغا كىرىشتى.

1993.يىلى ”كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى“تەشكىلاتى قۇرۇلدى.
ھاشىم تاجى ئاشكارا پاالىيەتلەردىن قول ئۇزۇپ،مەخپى پاالىيەتكە ئوتتى.تەشكىلاتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن شىۋىتسارىيەگە كوچۇپ باردى.ئۇ يەردە سىياسى بىلىم بۇيىچە ماگىستىرلىق ئۇقىدى.تەكرار كوسوۋاغا قايتىپ كىلىپ 1996-97.يىلىرى سىرىپ يۇقىرى قاتلام كادىرلىرىغا،سىرىپلار ئۇچۇن ئىشلىگەن خاىن ئالبانلارغا قارشى كوپ قەتىم سۇيقەست ھۇجۇمى ئەلىپ باردى.سىرىپ ئەسكىرى ۋە ساقچى ئورگانلىرىغا كوپ قەتىم قۇراللىق ھۇجۇم قوزغىدى.

يۇگۇسلاۋىيە ھوكۇمىتى ھاشىم تاجىنى خەلقارالىق“تەرورىست“ دەپ ئىلان قىلدى ۋە مىلوسوۋىچ ھۇكۇمىتى 1998.يىلى ئالبان ئىسيانچىلارغا قارشى كەڭ كۇلەملىك باستۇرۇش ھەركىتىنى باشلىدى.

1998.يىلى كوسوۋا خەلقى زور كۇلەمدە مىللى قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچىرىدى.بۇ كۇنلەردە يۇگۇسلاۋىيە ئۇچۇن ئىشلەۋاتقان كوسوۋالىق ئالبانلار ھاشىم تاجى نى مىللەتنى قىرغىن قىلىشقا سەۋەپچى بولغان ”خاىن“دەپ ئىلان قىلىپ،ئۇنى كورگەن يەردە ئەتىپ ئولتۇرۇش بۇيرۇغى چىقاردى.
شىددەتلىك ئىچكى ئۇرۇش كوسوۋانىڭ ھەممە يىرىگە تۇتۇشۇپ كەتتى.بۇ يىللاردا ھاشىم تاجى پارتىزانلار ئەتىرىدىنىڭ سىياسى يىتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە كوتۇرۇلدى.

1999.يىلى.2 ئايدا فىرانسىيەنىڭ رامبوۇىللەت شەھرىدە كوسوۋا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن خەلقارالىق كونپرانس ئەچىلدى. كونپرانسقا كوسوۋا ئالبانلىرىغا ۋاكالىتەن كوسوۋا مەسىلىسىنى دىموكىراتىك يول بىلەن ھەل قىلىش ھەركىتىنىڭ رەھبىرى İبراھىم رۇگوۋا قاتناشتى.
ھاشىم تاجى ۋە“كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى“ ”تەرورىست“ ئەلان قىلىنغاچقا دەسلەپتە كونپرانسقا قاتنىشىشى رەت قىلىنغان بولسىمۇ،كەيىن ھاشىم تاجىنىڭ پرانسىيەگە بەرىشىغا ۋىزا بىرىلدى .
كونپرانس سىرپلارنىڭ كىلىشىمنى ئىمزالاشنى رەت قىلىشى بىلەن 1999.يىلى.3.ئاينىڭ 19.كۇنى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.
5 كۇندىن كەيىن يەنى 3.ئاينىڭ 24.كۇنى ناتو(شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تشكىلاتى)ھاۋا ئارمىسى بىلگىراتنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى.يۇگۇسلاۋىيە باش قۇماندانلىق شىتابىنى ناتو ئەسكىرى مەخپىيەتلىكلىرى بىلەن تەمىن ئەتكەن ژۇڭگو باش ئەلچىخانىسىمۇ بۇ كۇنلەردە بومباردىمان قىلىندى. ناتو نىڭ يۇگۇسلاۋىيەگە قويغان ”كوسوۋادىن ئەسكىرى ۋە پولىس قىسىملىرىنى شەرتسىز ئەلىپ چىقىپ كىتىش“تەلىۋىگە 1999.يىلى 6.ئاينىڭ 10.كۇنى يۇگۇسلاۋىيە ھوكۇمىتى ئىمزا ئاتتى.
78 كۇن داۋام قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئاخىرلاشتى ئۇرۇش توختىدى.
50 مىڭ ناتو ئەسكىرى كوسوۋاغا يەرلەشتى.ناتو ”كوسوۋا ئازاتلىق ئارمىسى“نىڭ دەرھال قۇرال تاپشۇرۇپ تارقىلىپ كىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ھاشىم تاجى 2000.يىلى “ كوسوۋا خەلق دىموكىراتىسى پارتىسى“نى قۇردى.
2001.يىلىدىكى ئۇمۇمى خەلق سايلىمىدا كوپ سانلىق ئاۋازنى İبراھىم رۇگوۋا ئالدى.
ھاشىم تاجىنىڭ پارتىسى 26 ۋەكىل بىلەن پارلامىتتا ئاز سانلىقتا قالدى.
2004.يىلدىكى سايلامدا 30 ۋەكىل بىلەن قالدى.ھوكۇمەتتە يەر ئالالمىدى.
2008.يىللىق ئۇمۇمى سايلامدا ھاشىم تاجى “ئەگەر باش مىنىستىر بولسام كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىغىنى جاكارلايمەن ”دەپ خەلىققە ۋەدە بەردى.تاجىنىڭ پارتىسى مۇتلاق كوپ سانلىق ئاۋاز بىلەن غەلبە قازاندى.

ھاشىم تاجى كوسوۋانىڭ باش مىنىستىرى بولدى ۋە 2008.يىلى 2.ئاينىڭ 17.كۇنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىغى ئىلان قىلىندى.
ھاشىم تاجى موستەقىل كوسوۋا دولىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا بولسا ئۇنى ”تەرورىست“دەپ ئىلان قىلغان يۇگۇسلاەىيە دولەت رەىسى سىلوبودان مىلوسوۋىچ خەلقارا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتىدا سوتلىنىپ ئولۇپ بولغان ئىدى. كوسوۋالىق بىر “خەلقارالىق تەرورىست”بۇگۇن مۇستەقىل كوسوۋا دولىتىنىڭ باش مىنستىرى.

2009.3.10

Share
2344 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.