logo

trugen jacn

نامايىش قىلىش زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىر ۋاستىسى – مۇقەددىمە ئورنىدا

ئابدۇراھمان كاشغەرى

شەرىئەتنىڭ مەقسىتى مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى بەختىلىك قىلىشتۇر. بۇنىڭغا كۆرە زۇلۇم، مۇستەبىتلىك ۋە خورلۇقنى يوقتىدىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەت شەرىئەت ماھىيىتىنىڭ قاتارىدىندۇر.
زۇلۇمغا قارىشى قارشىلىق كۆرسىتىش ئىنساننىڭ تەبئىي خاراكتېىرى. قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ماددى سەۋەب ھالىتىگە كېلىشتىن ئىلگىرى مەنىۋى تۇيغۇ ۋە ئىدىيە-كۆز قاراشتىن ئىبارەت. شۇنى بىلىش كېرەككى، مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ تەسىرى بۈيۈك بولىدۇ ۋە تەسىرى زامانلار بويى يوقالمايدۇ. مەنىۋى ھوقۇقلارنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ماددى ھوقۇقلاردىن كۈچلۈك ۋە بۈيۈك بولىدۇ، چۈنكى مىللەتنىڭ «دىن، تىل، تارىخ،مەدەنىيەت»ـىدىن ئىبارەت ئاساسلىق قىممەت-قاراشلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ تەسىرى مال-مۈلۈكنى بۇلىغان ۋە زېمىننى مۇستەملىكە قىلىۋالغاندىن يامان ۋە ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى زېمىن بىلەن مال-دۇنيانى قايتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ. بىراق دىن، تىل ۋە تارىخقا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق خەتەرلىك بولۇپ، مىللەتنىڭ ئاساسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، كىملىكىنى يوقىتىپ تاشلايدۇ، خاتىرە-ئىزلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. دېمەك، مىللەتنىڭ ئاساسلىق قىممەت-قاراشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىش مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، كىملىكى، خاراكتېرى ۋە پسىخىكىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. مىللەتنىڭ قىممەت-قاراشلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ، بارلىق ئىمكانىيەت ۋە ھەممە نەرسە ئۇ يولدا سەرپ قىلىنىدۇ.
زالىمغا قارىشى دىنى، جېنى، تۇپرىقى ۋە ئابرويىنى قوغداش ئىنساننىڭ تەبىئي ھەققىدۇر. رەسۇلۇللاھ:«كىم مال-مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم جېنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم ئائىلە-جەمەتىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ»دېگەن(تىرمىزى رىۋايىتى).
زالىمغا قارشىلىق كۆرسىتىش مۇستەملىكە ياكى زۇلۇمنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ نامايەندىسى. ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان ياكى ئەقىلسىز ئىنساندىن باشقىسى خورلۇققا رازى بولمايدۇ ياكى تاجاۋۇزچىلىققا باش ئەگمەيدۇ.

نامايىش قىلىش غايىمۇ ياكى ۋاسىتىمۇ؟

شەرىئەت زالىملارنىڭ زۇلمىنى يوقىتىش ئۈچۈن يوللۇق بولغان ھەر تۈرلۈك ۋاسىتە-چارىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ جىھاد قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان. رەسۇلۇللاھ:«كاپىرلارغا قارىشى مال-مۈلىكىڭلار، جانلىرىڭلار ۋە تىللىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار»(ئىمام ئەھمەد ۋە نەسەئىي رىۋايىتى) دېيىش ئارقىلىق تىل ۋە قەلەم ئارقىلىق جىھاد قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بەرمەكتە. مەسىلەن، تەشۋىقات ئۇرۇشلىرى تىل ۋە قەلەم ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

نامايىش قىلىشنىڭ مەنىسى: بىر بۆلەك ئادەملەر ئارىسىدا بىر ئىشقا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش دېگەن بولىدۇ. بىر بۆلەك ئادەملەرنىڭ ھەمكارلىشىپ، كوللېكتىپ ھالەتتە قىلماقچى بولغان ئىشلىرى مەقسىتىگە قارىتا يا ۋاجىپ بولىدۇ، يا سۈننەت بولىدۇ، يا ھارام بولىدۇ يا مۇباھ بولىدۇ. نامايىش زۇلۇمنى يوقىتىش، ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش، ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن بولسا ۋاجىپ بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ھەر زامان مەزلۇمنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا ۋە مەزلۇمغا ياردەم بېرىشكە بۇيرۇغان.

نامايىش قىلىشتىن مەقسەت: ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ھۆرمەتكە ئوخشاش ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش؛ ياكى زۇلۇم، مۇستەبىتلىك، بۇزغۇنچىلىق ۋە خورلۇققا ئوخشاش مۇنكەر بىر ئىشقا قارىشى تۇرۇش؛ ياكى ئېنىق پايدىلىق بىر ئىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ۋە سىياسى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھاكىمغا بېسىم پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت.
بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ جان ۋە مال-مۈلىكلىرىگە زىيان سالماستىن تىنىچ نامايىش قىلىش توغرا مەقسەتكە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر، بۇ ۋاسىتىلەر غايىسىگە قارىتا مەقسەتلەرنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن پىكىرلىرىنى بىرلىكتە ئىپادىلەپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن بۇ يوللۇق ۋاسىتىدۇر.
ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىنسانىي ھۆرمىتىنى قوغداش، مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ۋە ھەر تۈرلۈك سەۋەب-چارىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر. چۈنكى زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇش ۋە مەزلۇم كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر مەزلۇمغا ياردەم بېرىش ۋاجىپتۇر.
زالىمغا قارىشى تۇرۇشنىڭ ۋاسىتە-چارىلىرى تۈرلۈك بولىدۇ، زامان ۋە تەجرىبىگە قارىتا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، سۆز ئارقىلىق، كۈچ ئارقىلىق، قەلەم ئارقىلىق، كۆز-قارىشىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، زالىمغا نەپرەت قىلىش…ئارقىلىق بولىدۇ.

نامايىش قىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە دەلىل- پاكىتلار

1.قۇرئان كەرىم:«زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقا (ھەرقانداق كىشىنىڭ) ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ»﴿نىسا سۈرىسى،148-ئايەت﴾دەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى كىم زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسا، باشقىلارغا دۇرۇس بولمىغان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇرۇس بولىدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى قايسى تۈردىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى شىكايەت قىلسا بولىدۇ، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ھۆركۈرەپ گەپ قىلسا بولىدۇ، ھەق-ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جانلىق ئېتىراز بىلدۈرسە بولىدۇ. خۇلاسىلىغاندا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى زۇلۇم ياكى بۇزغۇنچىلىق سادىر قىلماستىن يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. مانا بۇ زۇلۇمغا قارىشى نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكتۇر ۋە يامان ئىشلارنى تۈزىتىشنىڭ بىر چارىسىدۇر.

2.رەسۇلۇللاھ:«سىلەردىن قايسى بىرىڭلار مۇنكەر بىر ئىشنى كۆرسە، ئۇنى جانلىق ھالدا قولى بىلەن تۈزەتسۇن. ئەگەر قولى ئارقىلىق ھەل قىلالمىسا، تىلى ئارقىلىق تۈزەتسۇن. ئەگەر تىلى بىلەن تۈزىتىشكە پېتىنالمىسا، قەلبى ئارقىلىق بولسىمۇ مۇنكەر ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قوللىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىسۇن. قەلبى ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى ئەڭ ئاجىز مۇسۇلمانلىقنىڭ بەلگىسىدۇر»دېگەن(بۇخارى رىۋايىتى).
مۇنكەر يەنى شەرىئەت چەكلىگەن ئىشلارنىڭ دەرىجىسى تۈرلۈك بولىدۇ، بەزى مۇنكەر ئىشلارنى تۈزىتىش سۈننەت دەرىجىدە بولسا، يەنە بەزىبىر مۇنكەر ئىشلارنى تۈزىتىش پەرز دەرىجىسىدە بولىدۇ. مۇنكەر ئىشلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى ئىنساننى ئىنسانىي ھۆرمىتى بىلەن ياشاش ئەركىنلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان سىياسى زۇلۇمدۇر، مۇستەبىتلىكتۇر، مىللەت ياكى يۇرت خاراكتېرلىك زۇلۇم قىلىشتۇر. شەخسى قىلىنغان زۇلۇم بىلەن مىللەت خاراكتېرلىك قىلىنغان زۇلۇمنىڭ ئەلۋەتتە پەرقى بار…
قولايلىق ۋاسىتە-چارىلەر بىلەن مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش ۋە تۈزىتىشكە ئۇرۇنۇش ۋاجىپتۇر. ئەگەر يالغۇز خاراكتېردىكى ۋەز-نەسىھەت، ياكى ماقالە ياكى مەكتۇپ يوللاش…ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان، خورلايدىغان ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان زۇلۇملارنى يوقىتىش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ چاغدا نامايىش قوزغاش ئارقىلىق كوللېكتىپ خاراكتېرىدە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانسا ئەلۋەتتە بولىدۇ. يەككە كۈچتىن خەلق كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈردىكى نامايىش ئىنسانلاردىن زۇلۇمنى كۆتۈرۈۋېتىشنى ۋە ئىنسانىي ھەق- ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىغان يۈكسەك غايىلىك نامايىشتۇر.

3.رەسۇلۇللاھ:«ئۈممىتىم زالىمغا، ھەي زالىم نىمانداق قىلىسەن؟ دېيىشتىن قورقىدىغان باسقۇچقا كەلگەندە، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بەرمەي تاشلىۋېتىدۇ»دېگەن(ھاكىم رىۋايىتى). ئەگەر مۇسۇلمانلار زالىمغا قارىشى قورال-ياراققا ئىگە بولالمىسىمۇ، بىراق ئۇلار زۇلۇمنى رەت قىلىش، بۇزغۇنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاۋازى ۋە بەدەنلىرىگە ئىگە. تىل ۋە قەلب بىلەن ئېتىراز بىلدۈرۈش قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاددى ئىشتۇر.
زالىمغا ھەي زالىم دېيەلمەسلىك، زالىمنى زالىم دەپ تونۇماسلىق مەنىۋى مەغلۇبىيەت ۋە ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدۇر. زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن، بىرلىك سەپنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن زالىمنى زالىم، بۇزغۇنچىنى بۇزغۇنچى، خائىننى خائىن دىيىشكە ئېھتىياجىمىز بار. چۈنكى ئەركىنلىك ھەر قانداق ئىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەركىنلىك ھەر قانداق ياخشى ئىشنىڭ باشلانغۇچى، ئەركىنلىك ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىدۇر. شۇڭا ئىنسان ئەركىنلىكىدىن قانچىلىك يوقىتىپ قويسا ياكى ئەركىنلىكىگە سەل قارىسا شۇنچىلىك ئىنسانلىقىنى ۋە ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
كىم بۇزغۇنچى ۋە زالىملارغا ھەر تۈرلۈك ۋاستىلەر ئارقىلىق توختا دىيەلمىسە ياكى ئۇلارنىڭ زۇلمىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىسا، ئەركىنلىكىنى يوقاتقان ئىنساندۇر. ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن تىلى تۇتۇلۇپ قالغان ئىنسان گەرچە كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرسىمۇ ھەقىقى مەھكۇم ئىنساندۇر، ھەقىقەتنى سۆزلىيەلىگەن ئىنسان گەرچە تۈرمىدە قامىلىپ قالسىمۇ ھەقىقى ئەركىن ئىنساندۇر.

4.رەسۇلۇللاھ:«شېھىتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ھەمزە. شۇنداقلا زالىم بىر ھاكىمغا توغرا يول كۆرسىتىش ياكى يامان ئىشتىن توسۇش يولىدا(يەنى زالىم ھاكىمنىڭ سىياسىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش جەريانىدا) ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم ئەۋزەل شېھىت بولىدۇ» دېگەن(ھاكىم رىۋايىتى). بۇ ھەدىس تىنىچ سىياسى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭمۇ شېھىت بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

5.رەسۇلۇللاھ:«زالىم ھۆكۈمراننىڭ ئالدىدا ھەق سۆز قىلىش ئەڭ ئىلغار جىھاد سانىلىدۇ»دېگەن(ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى). ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ ئىجتىمائىي ئىسلاھات ساھەسىدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەر بىر مۇسۇلمان سىياسىي ئىنساندۇر.
زالىم، مۇستەبىت، بۇزغۇنچى…لارغا قارىشى تۇرۇش يامان ئىشلاردىن چەكلەش قاتارىغا كىرىدۇ. زالىمنىڭ ئالدىدا ھەقنى ئوتتۇرىغا قويالىغانلىق ۋە ئۇنىڭ مۇنكەر ئىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكنىڭ ساۋابى كاتتا بولىدۇ.

6.«ئادەت ۋە نەرسە كېرەكلەردىكى ئەسلى قائىدە-چەكلەيدىغان دەلىل كەلمىسە- مۇباھتۇر» تىنىچ نامايىش قىلىش ۋە ھەر تۈرلۈك يوللۇق تەلەپلەرنى كوللېكتىپ ھالەتتە ئىپادىلەش ئىبادەت خاراكتېرىدىكى ئىش بولماستىن، ئادەت ۋە تەجرىبە خاراكتېرىدىكى بىر ۋاسىتە. شەرىئىتىمىزدە تىنىچ نامايىش قىلىشتىن چەكلەيدىغان دەلىل كەلمىدى، شۇ سەۋەبتىن نامايىشنى مەقسەتكە يېتىشنىڭ بىر ۋاستىسى سۈپتىدە قوللىنىش توغرا.
شەرىئىتىمىزدە مەقسەتلەر ئۆزگەرمەيدۇ، ۋاسىتىلەر ئەۋرىشىملىككە ئىگە. چۈنكى ۋاسىتىلەر مەقسەتلەر بىلەن تۇرمۇش ھاياتى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغانلىقى ئۈچۈن مۇناسىپ ۋاسىتىلەرنى بەلگىلەش كەسپى ئادەملەرگە تاپشۇرۇلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى، پرىنسىپلىرى ۋە روھىغا ئۇيغۇن ھالدا يېڭى ۋاسىتىلەرنى ئىجات قىلىش ئىمكانىيىتى بار. دىنى تۈس ئالمىغان ئىنسانىي تەجرىبە، سىياسى تەجرىبە ۋە ئىدارە ئىشلىرىغا تەۋە ۋاسىتە-چارىلىرىنى باشقا مىللەتلەردىن ئالسا بولىدۇ.

7.«ئىشلارنىڭ ۋاستىسى مەقسەتلەرگە ئوخشاش ھۆكۈم ئالىدۇ» يەنى ۋاسىتە-چارىلەر ئاساسلىق مەقسەتكە باشلاپ بېرىش ئېتىبارى بىلەن مەنپەئەت سانىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاسىتە ئەسلى مەقسەتنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. ۋاسىتە مۇھىت، دەۋر، تېخنىكا ئۆزگىرىشلىرى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ۋە تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ. ئەسلى مەقسەت ۋاجىپ بولسا ۋاسىتە ۋاجىپ بولىدۇ، ئەسلى مەقسەت سۈننەت بولسا ۋاسىتە سۈننەت بولىدۇ.

8.نامايىش قىلىش «مەنپەئەت بىلەن زىياننى سېلىشتۇرۇپ ئىش قىلىش» ئۇقۇمى دائىرىسىگە كىرىدۇ. چۈنكى «مەنپەئەت» ئاتالغۇسى:پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى قوغداش دېگەنلىكتۇر. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئاس:“ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى پەرق ئېتەلىگەن ئادەم ئالىم ئەمەس، ھەقىقى ئالىم دېگەن ئىككى ياخشىلىقنىڭ ياخشىراقىنى ۋە ئىككى يامانلىقنىڭ يامانراقىنى بىلەلىگەن كىشىدۇر“دېگەنىكەن.
ئەركىنلىك، ئادالەت، ئىززەت-شەرەپ، ئادىمىگەرچىلىك…نى قولغا كەلتۈرۈش؛ دىن، جان، ئەقىل، ئابروي، مال-مۈلۈك ۋە ۋەتەننى ھىمايە قىلىش يولىدا قىسمەن زىيانلىق تەرىپى كۆرۈلسىمۇ، يۇقىرىقى پەرز خاراكتېرلىك يۈكسەك مەنپەئەتلەر ئالدىدا قىسمەن زىيانلار ئېتىباردىن ساقىت قىلىنىدۇ.

9.ھەزرىتى ئۆمەردىن كەلگەن رىۋايەتكە كۆرە، رەسۇلۇللاھ مەككە زامانىدا ساھابىلىرى بىلەن ئىككى سەپ بولۇپ ھەرەم كوچىلىرىنى كېزىپ بىرىنچى قېتىم نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. ساھابىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىش ھەققىنى قوغداش ۋە كاپىرلارنىڭ ئۇلارنى بوزەك قىلماسلىقى ئۈچۈن كۈچىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ئىدى. ئەركىنلىك ۋە ھەق-ھوقۇقىنى ئىپادىلىگەن بۇ تۈردىكى تىنىچ پائالىيەتتىن قۇرەيش ھۆكۈمىتىنى غەم بېسىپ بېشى چۈشۈپ كەتكەن.

10. ھىجرىيىنىڭ يەتتىنچى يىلى مەدىنە خەلقىنىڭ ياشلىرى ”مۇئتە“ قوشۇنىنىڭ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ياش يىگىتلەر يولدا ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، يۈزلىرىگە توپا چېچىپ «قاچقۇنلار» دەپ ئەيىبلىگەن. رەسۇلۇللاھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن: «ئۇلار جەڭدىن قاچمىدى، ئاللاھ خالىسا قايتا جەڭگە ئاتلىنىدۇ» دەپ ئىزاھات بەرگەن. بۇ ۋەقەلىكمۇ ئادەم توپلىنىپ ئېتىراز بىلدۈرۈشنىڭ بىر تۈرى ئىدى. ئىسلام تارىخىدا بۇنىڭ مىساللىرى ئاز ئەمەس.
تىنىچ نامايىش قىلىش تۈنىس، مىسىر ۋە يەمەندە ئۈنۈم بېرىش نەتىجىسىدە ئەرەب باھارىنى گۈللەندۈرۈپ، ئەركىن ھۆكۈمەتلەر قۇرۇلغان ئىدى… 2009-يىلى ئۈرۈمچىدىكى نامايىشمۇ ئۈنۈم بېرىپ، دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دۇنياغا قايتا ئاڭلاتقان ئىدى.

نامايىش قىلىش بىر ۋاسىتە، ۋاسىتە ئەسلىدە ھارام ياكى زۇلۇمغا سەۋەب بولمىسا مۇباھدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ نامايىش قىلىشتىن مەقسىتى ھەقنى ئاشكارىلاش، زۇلۇمنى رەت قىلىشتۇر. شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ھىممىتى، تىللىرى، قەلەملىرى ۋە قوللىرىنى بىلەشتىن ئىبارەت. چۈنكى كوللېكتىپ ھالدا نامايىش قىلىش مەيدان ۋە پىكىر بىرلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

دېمەك، زۇلۇم، مۇستەبىتلىك ۋە بۇزغۇنچىلىققا قارىشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى-گۇناھسىز ئىنسانلارنىڭ جان ۋە مال-مۈلكىگە تاجاۋۇز قىلىش ئەھۋالى يۈز بەرمىسە-مۇباھتۇر، يوللۇقتۇر ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقتۇر.

2017-03-16  ئىستانبۇل

http://turkistantimes.com/uy/news-2684.html

Share
3061 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.